و حزقیا نزد تمامی اسرائیل و یهودافرستاد و مکتوبات نیز به افرایم و منسی نوشت تا به خانه خداوند به اورشلیم بیایند و عیدفصح را برای یهوه خدای اسرائیل نگاه دارند. | ۱ 1 |
ھەزەكىيا پۈتۈن ئىسرائىلغا ۋە يەھۇداغا ئادەم ئەۋەتىپ ھەمدە ئەفرائىملار بىلەن ماناسسەھلەرگە خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشنى چاقىردى |
زیرا که پادشاه و سرورانش و تمامی جماعت در اورشلیم مشورت کرده بودند که عید فصح را در ماه دوم نگاه دارند. | ۲ 2 |
(پادىشاھ، ئەمەلدارلىرى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق جامائەت بىلەن بىللە مەسلىھەتلىشىپ، ئىككىنچى ئايدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەيلى دەپ قارارغا كېلىشتى. |
چونکه در آنوقت نتوانستند آن را نگاه دارند زیرا کاهنان خود راتقدیس کافی ننموده و قوم در اورشلیم جمع نشده بودند. | ۳ 3 |
لېكىن پاكلانغان كاھىنلار يېتىشمىگەچكە، خەلقمۇ يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولمىغاچقا، ھېيتنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزەلمىدى). |
و این امر به نظر پادشاه و تمامی جماعت پسند آمد. | ۴ 4 |
پادىشاھ ۋە پۈتكۈل جامائەت بۇ پىلاننى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، دەپ قارىدى. |
پس قرار دادند که در تمامی اسرائیل از بئرشبع تا دان ندا نمایند که بیایند وفصح را برای یهوه خدای اسرائیل در اورشلیم برپا نمایند زیرا مدت مدیدی بود که آن را به طوری که مکتوب است، نگاه نداشته بودند. | ۵ 5 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ بەئەر-شېبادىن دانغىچە بارلىق خەلقىنى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىقنامە ئەۋەتەيلى، دەپ بېكىتتى؛ چۈنكى ئۇلار ھېيتنى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان پۈتۈلگەن بەلگىلىمە بويىچە ئۆتكۈزۈلمىگەنىدى. |
پس شاطران با مکتوبات از جانب پادشاه و سرورانش، برحسب فرمان پادشاه به تمامی اسرائیل و یهودارفته، گفتند: «ای بنیاسرائیل به سوی یهوه، خدای ابراهیم و اسحاق و اسرائیل باز گشت نمایید تا او به بقیه شما که از دست پادشاهان آشور رستهاید، رجوع نماید. | ۶ 6 |
چاپارمەنلەر پادىشاھ بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ خەتلىرىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىل ۋە يەھۇدا يۇرتىنى كېزىپ، پادىشاھنىڭ يارلىقى بويىچە مۇنداق خەۋەرنى جاكارلىدى: «ئى ئىسرائىللار، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا يېنىپ كېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلغان قالدىڭلارنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىدۇ. |
و مثل پدران وبرادران خود که به یهوه خدای پدران خویش خیانت ورزیدند، مباشید که ایشان را محل دهشت چنانکه میبینید گردانیده است. | ۷ 7 |
ئاتا-بوۋاڭلار ۋە قېرىندىشىڭلارغا ئوخشاش بولماڭلار؛ ئۇلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغاچقا، ئۇ خۇددى سىلەر كۆرگەندەك ئۇلارنى خارابىچىلىككە تاپشۇرغان. |
پس مثل پدران خود گردن خود را سخت مسازیدبلکه نزد خداوند تواضع نمایید و به قدس او که آن را تا ابدالاباد تقدیس نموده است داخل شده، یهوه خدای خود را عبادت نمایید تا حدت خشم او از شما برگردد. | ۸ 8 |
ئاتا-بوۋاڭلارغا ئوخشاش بوينۇڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپىنىڭ سىلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن، ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارغا بېقىنىڭلار، ئۇ مەڭگۈگە ئۆزىگە خاس دەپ ئاتىغان مۇقەددەسخانىغا كېلىپ، خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار. |
زیرا اگر به سوی خداوندبازگشت نمایید، برادران و پسران شما به نظرآنانی که ایشان را به اسیری بردهاند، التفات خواهند یافت و به این زمین مراجعت خواهندنمود، زیرا که یهوه خدای شما مهربان و رحیم است و اگر به سوی او بازگشت نمایید روی خودرا از شما بر نخواهد گردانید.» | ۹ 9 |
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا قايتساڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار ۋە بالا-چاقىلىرىڭلار ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلارنىڭ ئالدىدا رەھىم-ئىلتىپاتقا ئېرىشىپ، بۇ يۇرتقا قايتىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگار شاپائەتلىك ۋە رەھىملىكتۇر؛ سىلەر ئۇنىڭ تەرىپىگە ئۆتسەڭلار، ئۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ». |
پس شاطران شهر به شهر از زمین افرایم ومنسی تا زبولون گذشتند، لیکن بر ایشان استهزا وسخریه مینمودند. | ۱۰ 10 |
چاپارمەنلەر شەھەرمۇ-شەھەر بېرىپ، تاكى زەبۇلۇنغىچە ئەفرائىم ۋە ماناسسەھنىڭ يۇرتلىرىنى كېزىپ چىقتى؛ لېكىن ئۇ يەردىكىلەر ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ مەسخىرە قىلاتتى. |
اما بعضی از اشیر و منسی و زبولون تواضع نموده، به اورشلیم آمدند. | ۱۱ 11 |
ھالبۇكى، ئاشىر، ماناسسەھ ۋە زەبۇلۇنلاردىن بەزىلىرى ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ يېرۇسالېمغا كەلدى. |
ودست خدا بر یهودا بود که ایشان را یک دل بخشدتا فرمان پادشاه و سرورانش را موافق کلام خداوند بجا آورند. | ۱۲ 12 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە، خۇدانىڭ قولى يەھۇدالارنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئۇلارنى بىر نىيەتتە پادىشاھنىڭ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئاساسەن چىقارغان ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىر جان بىر دىل قىلدى. |
پس گروه عظیمی در اورشلیم برای نگاه داشتن عید فطیر در ماه دوم جمع شدند وجماعت، بسیار بزرگ شد. | ۱۳ 13 |
شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى ئايدا نۇرغۇن كىشىلەر پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا يىغىلغانىدى؛ توپلانغان خەلق زور بىر تۈركۈم ئادەم ئىدى. |
و برخاسته، مذبح هایی را که در اورشلیم بود خراب کردند وهمه مذبح های بخور را خراب کرده، به وادی قدرون انداختند. | ۱۴ 14 |
ئۇلار قوزغىلىپ يېرۇسالېم شەھىرىدىكى قۇربانگاھلارنى بۇزۇپ يوقىتىپ، ئىسرىقگاھلارنىمۇ ئېلىپ چىقىپ، كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ تاشلىدى. |
و در چهاردهم ماه دوم فصح را ذبح کردند و کاهنان و لاویان خجالت کشیده، خود را تقدیس نمودند و قربانی های سوختنی به خانه خداوند آوردند. | ۱۵ 15 |
ئۇلار ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان [قوزىلارنى] سويدى. كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار بۇنىڭغا قاراپ خىجىل بولۇپ، ئۆزلىرىنى [خۇداغا] مۇقەددەس بولۇشقا پاكلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشتى. |
پس در جایهای خود به ترتیب خویش برحسب تورات موسی مرد خداایستادند و کاهنان خون را از دست لاویان گرفته، پاشیدند. | ۱۶ 16 |
ئۇلار خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا ئاساسەن، بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ئورۇنلىرىغا كېلىپ تۇرۇشتى. كاھىنلار لاۋىيلارنىڭ قولىدىن قاننى ئېلىپ [قۇربانگاھقا] سەپتى. |
زیرا چونکه بسیاری از جماعت بودند که خود را تقدیس ننموده بودند لاویان مامور شدند که قربانی های فصح را به جهت هرکه طاهر نشده بود ذبح نمایند و ایشان را برای خداوند تقدیس کنند. | ۱۷ 17 |
جامائەت ئىچىدە پاكلىنىپ بولمىغانلار خېلى بولغاچقا، لاۋىيلار پاكلانمىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورنىدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا بېغىشلانغان قوزىلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش ئۈچۈن سويۇشقا مەسئۇل ئىدى. |
زیرا گروهی عظیم ازقوم یعنی بسیار از افرایم و منسی و یساکار وزبولون طاهر نشده بودند و معهذا فصح راخوردند لکن نه موافق آنچه نوشته شده بود، زیراحزقیا برای ایشان دعا کرده، گفت: | ۱۸ 18 |
چۈنكى ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇندىن كەلگەن كۆپىنچىسى، خېلى كۆپ بىر تۈركۈم كىشىلەر پاكلانماي تۇرۇپلا، تەۋرات بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتاپ سويۇلغان قوزا گۆشلىرىنى يېيىشكە كىرىشتى؛ بىراق ھەزەكىيا ئۇلار ھەققىدە دۇئا قىلىپ: ــ كىمكى ئۆز ئاتا-بوۋىسىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى چىن كۆڭلىدىن ئىزلەش نىيىتىگە كەلگەن بولسا، گەرچە ئۇلار مۇقەددەسخانىغا ئائىت پاكلىنىش بەلگىلىمىسىگە مۇۋاپىق پاك قىلىنمىسىمۇ، مېھرىبان پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئەپۇ قىلغاي، دېدى. |
«خداوندمهربان، هر کس را که دل خود را مهیا سازد تا خدایعنی یهوه خدای پدران خویش را طلب نمایدبیامرزد، اگرچه موافق طهارت قدس نباشد.» | ۱۹ 19 |
وخداوند حزقیا را اجابت نموده، قوم را شفا داد. | ۲۰ 20 |
پەرۋەردىگار ھەزەكىيانىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سېلىپ خەلقنى ئەپۇ قىلدى. |
پس بنیاسرائیل که در اورشلیم حاضر بودند، عید فطیر را هفت روز به شادی عظیم نگاه داشتندو لاویان و کاهنان خداوند را روز به روز به آلات تسبیح خداوند حمد میگفتند. | ۲۱ 21 |
يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار پېتىر نان ھېيتىنى يەتتە كۈن شۇنداق خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى؛ لاۋىيلار بىلەن كاھىنلار ھەر كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مەدھىيە سازلىرى بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. |
و حزقیا به جمیع لاویانی که در خدمت خداوند نیکو ماهربودند، سخنان دلاویز گفت. پس هفت روزمرسوم عید را خوردند و ذبایح سلامتی گذرانیده، یهوه خدای پدران خود را تسبیح خواندند. | ۲۲ 22 |
ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ماھىر لاۋىيلارغا ئىلھام بېرىپ تۇردى؛ خەلق يەتتە كۈن ھېيت قۇربانلىقلىرىنى يېدى؛ ئۇلار ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلىدى. |
و تمامی جماعت مشورت کردند که عید راهفت روز دیگر نگاه دارند. پس هفت روز دیگر رابا شادمانی نگاه داشتند. | ۲۳ 23 |
بارلىق جامائەت يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزۈش توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىپ، يەنە خۇشال-خۇراملىققا چۆمگەن ھالدا يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى. |
زیرا حزقیا، پادشاه یهودا هزار گاو و هفت هزار گوسفند به جماعت بخشید و سروران هزار گاو و ده هزار گوسفند به جماعت بخشیدند و بسیاری از کاهنان خویشتن را تقدیس نمودند. | ۲۴ 24 |
چۈنكى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا جامائەتكە مىڭ بۇقا ۋە يەتتە مىڭ قوي ھەدىيە قىلدى؛ ئەمەلدارلارمۇ جامائەتكە مىڭ بۇقا، ئون مىڭ قوي ھەدىيە قىلدى. نۇرغۇن كاھىنلار ئۆزلىرىنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلىدى. |
و تمامی جماعت یهودا وکاهنان و لاویان و تمامی گروهی که از اسرائیل آمدند و غریبانی که از زمین اسرائیل آمدند و(غریبانی که ) در یهودا ساکن بودند، شادی کردند. | ۲۵ 25 |
پۈتكۈل يەھۇدا جامائىتى، كاھىنلار، لاۋىيلار، ئىسرائىلدىن چىققان بارلىق جامائەت، جۈملىدىن ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار ھەمدە يەھۇدادا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسى ئالامەت خۇشال بولۇشتى. |
و شادی عظیمی در اورشلیم رخ نمود زیرا که از ایام سلیمان بن داود، پادشاه اسرائیل مثل این در اورشلیم واقع نشده بود. | ۲۶ 26 |
يېرۇسالېمنى غايەت زور خۇشاللىق كەيپىيات قاپلىدى؛ چۈنكى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ زامانىدىن بۇيان، يېرۇسالېمدا مۇنداق تەنتەنە بولۇپ باقمىغانىدى. |
پس لاویان کهنه برخاسته، قوم را برکت دادند و آواز ایشان مستجاب گردید و دعای ایشان به مسکن قدس اوبه آسمان رسید. | ۲۷ 27 |
ئاخىرىدا لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلار ئورنىدىن قوپۇپ، خەلققە بەخت-بەرىكەت تىلىدى؛ ئۇلارنىڭ ساداسى خۇداغا ئاڭلاندى، دۇئاسى ئاسمانلارغا، ئۇنىڭ مۇقەددەس تۇرالغۇسىغا يەتتى. |