و سلیمان قصد نمود که خانهای برای اسم یهوه و خانهای به جهت سلطنت خودش بنا نماید. | ۱ 1 |
سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي ھەم پادىشاھلىقى ئۈچۈن بىر ئوردا سېلىش نىيىتىگە كەلدى. |
و سلیمان هفتاد هزار نفر برای حمل بارها، و هشتاد هزار نفر برای بریدن چوب درکوهها، و سه هزار و ششصد نفر برای نظارت آنهاشمرد. | ۲ 2 |
شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان يەتمىش مىڭ ئادەمنى ھامماللىققا، سەكسەن مىڭ ئادەمنى تاغدا تاش كېسىشكە، ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز كىشىنى نازارەتچىلىككە تەيىنلىدى. |
و سلیمان نزد حورام، پادشاه صور فرستاده، گفت: «چنانکه با پدرم داود رفتار نمودی و چوب سرو آزاد برایش فرستادی تا خانهای به جهت سکونت خویش بنا نماید، (همچنین با من رفتارنما). | ۳ 3 |
سۇلايمان تۇر پادىشاھى ھۇرامغا ئادەم ئەۋەتىپ: «ئۆزلىرى ئاتام داۋۇتنىڭ تۇرالغۇسى بولسۇن دەپ ئوردا سېلىشىغا كېدىر ياغىچى يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىدىلىغۇ، ماڭىمۇ شۇنداق قىلغايلا. |
اینک من خانهای برای اسم یهوه خدای خود بنا مینمایم تا آن را برای او تقدیس کنم وبخور معطر در حضور وی بسوزانم، و به جهت نان تقدمه دائمی و قربانی های سوختنی صبح وشام، و به جهت سبتها و غرهها و عیدهای یهوه خدای ما زیرا که این برای اسرائیل فریضهای ابدی است. | ۴ 4 |
مانا، مەن ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سالماقچىمەن؛ ئۆي ئۇنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي يېقىش، «تەقدىم نانلار»نىڭ ئۈزۈلمەي قويۇلۇشى، ھەركۈنى ئەتە-ئاخشاملىرىدا، شابات كۈنلىرىدە، يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بېكىتىپ بەرگەن ھېيت-ئايەملەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىڭ سۇنۇلۇشى ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ ئىشلار ئىسرائىل خەلقىگە مەڭگۈلۈك بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. |
و خانهای که من بنا میکنم عظیم است، زیرا که خدای ما از جمیع خدایان عظیم ترمی باشد. | ۵ 5 |
مەن سالماقچى بولغان ئۆي ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى بىزنىڭ خۇدايىمىز ھەممە ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر. |
و کیست که خانهای برای او تواندساخت؟ زیرا فلک و فلک الافلاک گنجایش او راندارد؛ و من کیستم که خانهای برای وی بنا نمایم؟ نی بلکه برای سوزانیدن بخور در حضور وی. | ۶ 6 |
لېكىن ئاسمانلار ۋە ئاسمانلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمانمۇ ئۇنى سىغدۇرالمايدىغان تۇرسا، كىم ئۇنىڭغا ئۆي سالالىسۇن؟ مەن كىم ئىدىم، قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئۆي سالدۇرغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە بولاي؟ مەن پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرگۈدەكلا ئادەممەن، خالاس! |
و حال کسی را برای من بفرست که در کار طلا و نقره و برنج و آهن و ارغوان و قرمز و آسمانجونی ماهرو در صنعت نقاشی دانا باشد، تا با صنعتگرانی که نزد من در یهودا و اورشلیم هستند که پدر من داودایشان را حاضر ساخت، باشد. | ۷ 7 |
ئەمدى ئۆزلىرى ماڭا ئاتام داۋۇت يەھۇدادا ۋە يېرۇسالېمدا تەييارلاپ قويغان ئۇستىلار بىلەن بىللە ئىشلەش ئۈچۈن، ئالتۇن-كۈمۈشتە، مىس ۋە تۆمۈردە ئىشلەشكە پىششىق، سۆسۈن، توق قىزىل ۋە كۆك رەڭلىك يىپ ئىشلەشكە پۇختا ھەم نەققاشلىقنى بىلىدىغان بىر ئۇستامنى ئەۋەتكەيلا. |
و چوب سروآزاد و صنوبر و چوب صندل برای من از لبنان بفرست، زیرا بندگان تو را میدانم که در بریدن چوب لبنان ماهرند و اینک بندگان من با بندگان توخواهند بود. | ۸ 8 |
ھەم ماڭا لىۋاندىن كېدىر، ئارچا-قارىغاي ۋە سەندەل دەرەخلىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىلا؛ چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ لىۋاندا ياغاچنى كېسىشكە ئۇستىلىقىنى بىلىمەن؛ مانا، ماڭا كۆپلەپ ياغاچلارنى تەييارلاپ بېرىش ئۈچۈن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن؛ چۈنكى مەن سالىدىغان ئۆي ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە ئاجايىب كارامەت بولىدۇ. |
تا چوب فراوان برای من مهیاسازند زیرا خانهای که من بنا میکنم عظیم وعجیب خواهد بود. | ۹ 9 |
و اینک به چوب بران که این چوب را میبرند، من بیست هزار کر گندم کوبیده شده، و بیست هزار کر جو و بیست هزاربت شراب و بیست هزار بت روغن برای بندگانت خواهم داد.» | ۱۰ 10 |
مانا، مەن ئۆزلىرىنىڭ ياغاچ كېسىدىغان خىزمەتكارلىرىغا يىگىرمە مىڭ كور بۇغداي، يىگىرمە مىڭ كور ئارپا، يىگىرمە مىڭ بات شاراب، يىگىرمە مىڭ بات زەيتۇن مېيى بېرىمەن» ــ دېدى. |
و حورام پادشاه صور مکتوب جواب داده، آن را نزد سلیمان فرستاد که «چون خداوند قوم خود را دوست میدارد از این جهت تو را به پادشاهیایشان نصب نموده است.» | ۱۱ 11 |
تۇرنىڭ پادىشاھى ھۇرام سۇلايمانغا جاۋابەن مەكتۇپ يوللاپ: «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سۆيگەچكە ئۇ ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلدى» ــ دېدى. |
و حورام گفت: «متبارک باد یهوه خدای اسرائیل که آفریننده آسمان و زمین میباشد، زیرا که به داودپادشاه پسری حکیم و صاحب معرفت و فهم بخشیده است تا خانهای برای خداوند و خانهای برای سلطنت خودش بنا نماید. | ۱۲ 12 |
ھۇرام يەنە: «ئاسمان-پەلەك بىلەن يەر-زېمىننى ياراتقان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! چۈنكى ئۇ پادىشاھ داۋۇتقا يورۇتۇلغان، پەم-پاراسەتلىك، پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ئۆي، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن بىر ئوردا سالالايدىغان بىر دانىشمەن ئوغۇل بەردى. |
و الان حورام را که مردی حکیم و صاحب فهم از کسان پدر من است فرستادم. | ۱۳ 13 |
مانا مەن ھازىر ئۆزلىرىگە ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن، ئەقىل-پاراسەت بىلەن يورۇتۇلغان، ھۇرام-ئابى دېگەن بىر ئادەمنى ئەۋەتەي. |
و او پسرزنی از دختران دان است، و پدرش مرد صوری بود و بهکار طلا و نقره و برنج و آهن و سنگ وچوب و ارغوان و آسمانجونی و کتان نازک وقرمز و هر صنعت نقاشی و اختراع همه اختراعات ماهر است، تا برای او با صنعتگران توو صنعتگران آقایم پدرت داود کاری معین بشود. | ۱۴ 14 |
ئۇنىڭ ئانىسى دان قەبىلىسىلىك بىر ئايال، ئاتىسى تۇرلۇق ئىكەن. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، تاشلار، ياغاچچىلىق ئىشلىرىغا ماھىر، سۆسۈن، توق قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭلىك يىپ ئىشلەشكە پۇختا، ھەرخىل نەققاشلىق ئىشلىرىغىمۇ ئۇستا، تاپشۇرۇلغان ھەرقانداق لايىھىگە ئامالىنى قىلالايدۇ. بۇ كىشى ئۆزلىرىنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى بىلەن ۋە ئاتىلىرى بولغان خوجام داۋۇتنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن. |
پس حال آقایم گندم و جو و روغن و شراب راکه ذکر نموده بود، برای بندگان خود بفرستد. | ۱۵ 15 |
ئەمدى خوجام تىلغا ئالغان بۇغداي، ئارپا، ماي ۋە شاراب بولسا، بۇلارنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەيلا. |
وما چوب از لبنان به قدر احتیاج تو خواهیم برید، وآنها را بستنه ساخته، بروی دریا به یافا خواهیم آورد و تو آن را به اورشلیم خواهی برد.» | ۱۶ 16 |
بىز بولساق سىلىگە قانچە كېرەك بولسا لىۋاندا شۇنچە ياغاچ كېسىپ، سال قىلىپ باغلاپ، دېڭىز ئارقىلىق يوپپاغا يەتكۈزۈپ بېرىمىز؛ ئاندىن سىلى ئۇ يەردىن يېرۇسالېمغا توشۇپ كەتسىلە بولىدۇ» دېدى. |
پس سلیمان تمامی مردان غریب را که درزمین اسرائیل بودند، بعد از شمارهای که پدرش داود آنها را شمرده بود شمرد، و صد و پنجاه وسه هزار و ششصد نفر از آنها یافت شدند. | ۱۷ 17 |
ئاتىسى داۋۇت ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇشلۇق ياقا يۇرتلۇقلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزگەندەك، سۇلايمانمۇ ئۇلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز ئادەم چىقتى. |
و ازایشان هفتاد هزار نفر برای حمل بارها و هشتادهزار نفر برای بریدن چوب در کوهها و سه هزار وشش صد نفر برای نظارت تا از مردم کار بگیرند، تعیین نمود. | ۱۸ 18 |
ئۇ ئۇلاردىن يەتمىش مىڭ كىشىنى ھامماللىققا، سەكسەن مىڭ كىشىنى تاغدا تاش كېسىشكە ۋە ئىش قىلىۋاتقانلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىپ تۇرۇشقا ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز كىشىنى تەيىنلىدى. |