بني لاوي: جَرشون و قَهات و مَراري. | ۱ 1 |
لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى گەرشون، كوھات ۋە مەرارى. |
بني قَهات: عَمرام و يصهار و حَبرون و عُزّيئيل. | ۲ 2 |
كوھاتنىڭ ئوغلى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى. |
وبني عَمرام: هارون و موسي و مريم. و بني هارون: ناداب و اَبِيهُو و اَليعازار و ايتامار. | ۳ 3 |
ئامرامنىڭ پەرزەنتلىرى ھارۇن، مۇسا ۋە مەريەم ئىدى. ھارۇننىڭ ئوغلى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامار ئىدى. |
و اَليعازار فينَحاس را آورد و فينَحاس ابيشوع را آورد. | ۴ 4 |
ئەلىئازاردىن فىنىھاس، فىنىھاستىن ئابىشۇئا، |
و ابيشوع بُقِّي را آورد و بُقِّي عُزّي را آورد. | ۵ 5 |
ئابىشۇئادىن بۇككى، بۇككىدىن ئۇززى، |
و عُزّي زَرَحيا را آورد و زَرَحيا مَرايوت را آورد. | ۶ 6 |
ئۇززىدىن زەراھىيا، زەراھىيادىن مېرايوت، |
ومَرايوت اَمَريا را آورد و اَمَريا اخيطوب را آورد. | ۷ 7 |
مېرايوتتىن ئامارىيا، ئامارىيادىن ئاخىتۇب، |
و اخيطوب صادوق را آورد و صادوق اَخِيمَعص را آورد. | ۸ 8 |
ئاخىتۇبتىن زادوك، زادوكتىن ئاخىمائاز، |
واَخِيمَعص عَزَريا را آورد و عَزَريا يوحانان را آورد. | ۹ 9 |
ئاخىمائازدىن ئازارىيا، ئازارىيادىن يوھانان، |
و يوحانان عَزَريا را آورد و او در خانه اي که سليمان در اورشليم بنا کرد، کاهن بود. | ۱۰ 10 |
يوھاناندىن ئازارىيا (بۇ ئازارىيا يېرۇسالېمدا سۇلايمان سالغۇزغان مۇقەددەس ئۆيدە كاھىنلىق خىزمىتىدە بولغان)، |
و عَزَريا اَمَريا را آورد و اَمَريا اخيطوب را آورد. | ۱۱ 11 |
ئازارىيادىن ئامارىيا، ئامارىيادىن ئاخىتۇب، |
و اَخيطوب صادوق را آورد و صادوق شَلّوم را آورد. | ۱۲ 12 |
ئاخىتۇبتىن زادوك، زادوكتىن شاللۇم، |
و شَلّوم حِلقيا را آورد و حِلقّيا عَزَريا را آورد | ۱۳ 13 |
شاللۇمدىن ھىلقىيا، ھىلقىيادىن ئازارىيا، |
و عَزَريا سَرايا را آورد و سرايا يهُوصاداق را آورد. | ۱۴ 14 |
ئازارىيادىن سېرايا، سېرايادىن يەھوزاداك تۆرەلدى؛ |
و يهُوصاداق به اسيري رفت هنگامي که خداوند يهودا و اورشليم را به دست نَبُوکَدنَصَّر اسير ساخت. | ۱۵ 15 |
پەرۋەردىگار نېبوقادنەسارنىڭ ۋاستىسى بىلەن يەھۇدادىكىلەر بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنى سۈرگۈن قىلىدىغان چاغدا، بۇ يەھوزاداكمۇ سۈرگۈن قىلىنغان. |
پسران لاوي: جرشوم و قَهات و مَراري. | ۱۶ 16 |
لاۋىينىڭ ئوغلى گەرشوم، كوھات ۋە مەرارى. |
و اينها است اسمهاي پسران جَرشُوم: لِبنِي و شِمعي. | ۱۷ 17 |
گەرشومنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى لىبنى ۋە شىمەي ئىدى. |
و پسران قَهات: عَمرام و يصهار و حبرون و عُزّيئيل. | ۱۸ 18 |
كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى. |
و پسران مَراري: مَحلي و موشي پس اينها قبايل لاويان بر حسب اجداد ايشان است. | ۱۹ 19 |
مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى ماھلى ۋە مۇشى ئىدى. بۇلار لاۋىيلارغا مەنسۇپ ھەرقايسى جەمەتلەر ئىچىدىكى ئائىلىلەر ئىدى. |
از جَرشُوم پسرش لِبنِي، پسرش يحَت، پسرش زِمَّه. | ۲۰ 20 |
گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: گەرشومنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى جاھات، جاھاتنىڭ ئوغلى زىمماھ، |
پسرش يوآخ پسرش عِدُّو پسرش زارَح پسرش ياتراي. | ۲۱ 21 |
زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاھ، يوئاھنىڭ ئوغلى ئىددو، ئىددونىڭ ئوغلى زەراھ، زەراھنىڭ ئوغلى يىياتىراي ئىدى. |
پسران قَهات، پسرش عَمِّيناداب پسرش قُورَح پسرش اَسّير. | ۲۲ 22 |
گوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: گوھاتنىڭ ئوغلى ئاممىناداب، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى كوراھ، كوراھنىڭ ئوغلى ئاسسىر، |
پسرش اَلقانَه پسرش اَبيآ ساف پسرش اَسّير. | ۲۳ 23 |
ئاسسىرنىڭ ئوغلى ئەلكاناھ، ئەلكاناھنىڭ ئوغلى ئېبىئاساف، ئېبىئاسافنىڭ ئوغلى ئاسسىر، |
پسرش تَحَت پسرش اُوريئيل پسرش عُزّيا، پسرش شاؤل. | ۲۴ 24 |
ئاسسىرنىڭ ئوغلى تاھات، تاھاتنىڭ ئوغلى ئۇرىئەل، ئۇرىئەلنىڭ ئوغلى ئۇززىيا، ئۇززىيانىڭ ئوغلى شائۇل ئىدى. |
و پسران اَلقانَه عماساي و اَخيمُوت. | ۲۵ 25 |
ئەلكاناھنىڭ ئوغۇللىرى ئاماساي ۋە ئاخىموت، |
و امّا اَلقانَه. پسران اَلقانَه پسرش صوفاي پسرش نَحَت. | ۲۶ 26 |
ئاخىموتنىڭ ئوغلى ئەلكاناھ، ئەلكاناھنىڭ ئوغلى زوفاي، زوفاينىڭ ئوغلى ناھات، |
پسرش اَلِيآب پسرش يرُوحام پسرش اَلقانَه. | ۲۷ 27 |
ناھاتنىڭ ئوغلى ئېلىئاب، ئېلىئابنىڭ ئوغلى يەروھام، يەروھامنىڭ ئوغلى ئەلكاناھ ئىدى. |
و پسران سموئيل نخست زاده اش وَشنِي و دومش اَبِيا. | ۲۸ 28 |
سامۇئىلنىڭ ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىچە: تۇنجى ئوغلى يوئېل، ئىككىنچى ئوغلى ئابىيا ئىدى. |
پسران مَراري مَحلي و پسرش لِبنِي پسرش شِمعي پسرش عُزَّه. | ۲۹ 29 |
مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: مەرارىنىڭ ئوغلى ماھلى، ماھلىنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى شىمەي، شىمەينىڭ ئوغلى ئۇززا، |
پسرش شِمعِي پسرش هَجيا پسرش عَسايا. | ۳۰ 30 |
ئۇززانىڭ ئوغلى شىمىيا، شىمىيانىڭ ئوغلى ھاگگىيا، ھاگگىيانىڭ ئوغلى ئاسايا ئىدى. |
و اينانند که داود ايشان را بر خدمت سرود در خانه خداوند تعيين نمود بعد از آنکه تابوت مستقر شد. | ۳۱ 31 |
داۋۇت ئەھدە ساندۇقى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە نەغمىچىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا تۆۋەندىكى كىشىلەرنى قويدى. |
و ايشان پيش مسکن خيمه اجتماع مشغول سراييدن مي شدند تا حيني که سليمان خانه خداوند را در اورشليم بنا کرد. پس بر حسب قانون خويش بر خدمت خود مواظب شدند. | ۳۲ 32 |
ئۇلار تاكى سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ياساتقانغا قەدەر، «جامائەت چېدىرى»نىڭ ئالدىدا كۈي ئېيتىش خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلدى. ئۇلار ۋەزىپىسىنى بەلگىلەنگەن تەرتىپى بىلەن ئۆتىگەنىدى. |
پس آنهايي که با پسران خود معين شدند، اينانند: از بني قَهاتيان هِمانِ مغنّي ابن يوئيل بن سموئيل. | ۳۳ 33 |
تۆۋەندىكىلەر ۋەزىپە ئۆتىگەن ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە: ــ نەغمىچى ھېمان بار ئىدى. ھېمان يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل سامۇئىلنىڭ ئوغلى ئىدى. |
بن اَلقانَه بن يرُوحام بن اَليئيل بن نُوح، | ۳۴ 34 |
سامۇئىل ئەلكاناھنىڭ ئوغلى، ئەلكاناھ يەروھامنىڭ ئوغلى، يەروھام ئەلىيەلنىڭ ئوغلى، ئەلىيەل توئاھنىڭ ئوغلى، |
ابن صوف بن اَلقانَه بن مَهت بن عماساي، | ۳۵ 35 |
توئاھ زۇفنىڭ ئوغلى، زۇف ئەلكاناھنىڭ ئوغلى، ئەلكاناھ ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ئاماساينىڭ ئوغلى، |
ابن اَلقانَه بن يوئيل بن عَزَرياء بن صَفَنيا، | ۳۶ 36 |
ئاماساي ئەلكاناھنىڭ ئوغلى، ئەلكاناھ يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا زەفانىيانىڭ ئوغلى، |
ابن تَحَت بن اَسّير بن اَبيآ ساف بن قُورح، | ۳۷ 37 |
زەفانىيا تاھاتنىڭ ئوغلى، تاھات ئاسسىرنىڭ ئوغلى، ئاسسىر ئېبىئاسافنىڭ ئوغلى، ئېبىئاساف كوراھنىڭ ئوغلى، |
ابن يصهار بن قَهات بن لاوي بن اسرائيل. | ۳۸ 38 |
كوراھ ئىزھارنىڭ ئوغلى، ئىزھار كوھاتنىڭ ئوغلى، كوھات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي ئىسرائىلنىڭ ئوغلى ئىدى. |
و برادرش آساف که به دست راست وي مي ايستاد. آساف بن بَرَکيا ابن شِمعِي، | ۳۹ 39 |
[ھېماننىڭ] ئوڭ تەرىپىدە خىزمەتتە تۇرغان قېرىندىشى ئاساف ئىدى. ئاساف بولسا بەرەكىيانىڭ ئوغلى، بەرەكىيا شىمىيانىڭ ئوغلى، |
ابن ميکائيل بن بَعسِيا ابن مَلکِيا، | ۴۰ 40 |
شىمىيا مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل بائاسىيانىڭ ئوغلى، بائاسىيا مالكىيانىڭ ئوغلى، |
ابن اَتنِي ابن زارَح بن عَدايا، | ۴۱ 41 |
مالكىيا ئېتنىنىڭ ئوغلى، ئېتنى زەراھنىڭ ئوغلى، زەراھ ئادايانىڭ ئوغلى، |
ابن اِيتان بن زِمَّه بن شِمعِي، | ۴۲ 42 |
ئادايا ئېتاننىڭ ئوغلى، ئېتان زىمماھنىڭ ئوغلى، زىمماھ شىمەينىڭ ئوغلى، |
ابن يحت بن جَرشُوم بن لاوي. | ۴۳ 43 |
شىمەي جاھاتنىڭ ئوغلى، جاھات گەرشومنىڭ ئوغلى، گەرشوم لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى. |
و به طرف چپ برادران ايشان که پسران مَراري بودند: اِيتان بن قيشي ابن عَبدِي ابن مَلّوک، | ۴۴ 44 |
[ھېمان بىلەن ئاسافنىڭ] سول تەرىپىدە خىزمەتتە تۇرغان قېرىنداشلىرى مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئېتانلار ئىدى. ئېتان بولسا كىشىنىڭ ئوغلى ئىدى، كىشى ئابدىنىڭ ئوغلى، ئابدى ماللۇقنىڭ ئوغلى، |
ابن حَشَبيا ابن اَمَصيا ابن حِلقِيا، | ۴۵ 45 |
ماللۇق ھاشابىيانىڭ ئوغلى، ھاشابىيا ئامازىيانىڭ ئوغلى، ئامازىيا ھىلقىيانىڭ ئوغلى، |
ابن اَمصِي ابن باني ابن شامَر، | ۴۶ 46 |
ھىلقىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى بانىنىڭ ئوغلى، بانى شېمەرنىڭ ئوغلى، |
ابن مَحلِي ابن موشي ابن مَراري ابن لاوي. | ۴۷ 47 |
شېمەر ماھلىنىڭ ئوغلى، ماھلى مۇشىنىڭ ئوغلى، مۇشى مەرارىنىڭ ئوغلى، مەرارى لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى. |
و لاوياني که برادران ايشان بودند، به تمامي خدمت مسکن خانه خدا گماشته شدند. | ۴۸ 48 |
ئۇلارنىڭ قالغان لاۋىي قېرىنداشلىرى بولسا ھەممىسى خۇدانىڭ ئۆيى، يەنى ئىبادەت چېدىرىدىكى [باشقا] خىزمەتلەرنى بېجىرىشكە ئاتالغانىدى. |
و اما هارون و پسرانش بر مذبح قرباني سوختني و بر مذبح بخور به جهت تمامي عمل قدس الاقداس قرباني مي گذرانيدند تا به جهت اسرائيل موافق هر آنچه موسي بنده خدا امر فرموده بود، کفاره نمايند. | ۴۹ 49 |
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ تاپىلىغىنىدەك كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانگاھتا قۇربانلىقلار سۇنۇپ، خۇشبۇيگاھدا خۇشبۇي يېقىپ، مۇقەددەسگاھدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ئادا قىلاتتى، شۇنداقلا ئىسرائىللار ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت ئىشلىرىنى قىلاتتى. |
و اينانند پسران هارون: پسرش اَلعازار، پسرش فينَحاس، پسرش اَبِيشُوع. | ۵۰ 50 |
ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس، فىنىھاسنىڭ ئوغلى ئابىشۇيا، |
پسرش بُقي، پسرش عُزّي، پسرش زَرَحيا، | ۵۱ 51 |
ئابىشۇيانىڭ ئوغلى بۇككى، بۇككىنىڭ ئوغلى ئۇززى، ئۇززىنىڭ ئوغلى زەراھىيا، |
پسرش مَرايوت پسرش اَمَريا پسرش اَخيطوب، | ۵۲ 52 |
زەراھىيانىڭ ئوغلى مېرايوت، مېرايوتنىڭ ئوغلى ئامارىيا، ئامارىيانىڭ ئوغلى ئاخىتۇب، |
پسرش صادوق، پسرش اَخِيمَعص. | ۵۳ 53 |
ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوك، زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ئىدى. |
و مسکن هاي ايشان بر حسب موضع ها و حدود ايشان اينها است: از پسران هارون به جهت قبايل قَهاتيان زيرا قرعه اوّل از آنِ ايشان بود. | ۵۴ 54 |
تۆۋەندىكىلەر ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز زېمىنى ئىچىدە ماكان تۇتۇپ ئولتۇرغان يەرلىرى: ــ كوھات جەمەتىنىڭ يەرلىرى بولسا (مۇشۇ يەرلەر چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان): ــ |
پس حَبرُون در زمين يهودا با حوالي آن به هر طرفش به ايشان داده شد. | ۵۵ 55 |
يەھۇدا زېمىنىدىكى ھېبرون ۋە ھېبروننىڭ تۆت ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقلىرى ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان |
و اما زمينهاي آن شهر دهاتش را به کاليب بن يفُنَّه دادند. | ۵۶ 56 |
(لېكىن بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلۇقلار ۋە شەھەرگە قاراشلىق يېزا-كەنتلەر بولسا يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە بېرىلدى). |
به پسران هارون به جهت شهرهاي ملجا حَبرُون و لِبنَه و حوالي آن، و يتّير و اَشتَموع و حوالي آن را دادند. | ۵۷ 57 |
ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا «پاناھلىق شەھىرى» ھېبرون بېرىلدى؛ بۇنىڭدىن باشقا لىبناھ بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ياتتىر، ئېشتېموئا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، |
و حِيلين و حوالي آن را و دَبير و حوالي آن را، | ۵۸ 58 |
ھىلەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، دەبىر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، |
و عاشان و حوالي آن را و بيت شمس و حوالي آن را، | ۵۹ 59 |
ئاشان ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، بەيت-شەمەش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارمۇ تەقسىم قىلىنغان؛ |
و از بسط بنيامين جَبَع و حوالي آن را و عَلَّمَت و حوالي آن را و عَناتوت و حوالي آن را. پس جميع شهرهاي ايشان بر حسب قبايل ايشان سيزده شهر بود. | ۶۰ 60 |
يەنە بىنيامىن قەبىلىسىدىكى زېمىندىن گېبا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئاللەمەت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئاناتوت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بۆلۈپ بېرىلگەن. ئۇلار جەمەتلىرى بويىچە ئېرىشكەن شەھەر جەمئىي ئون ئۈچ بولدى. |
و به پسران قَهات که از قبايل آن سبط باقي ماندند، ده شهر از نصف سبط يعني از نصف مَنَّسي به قرعه داده شد. | ۶۱ 61 |
كوھاتنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا بولسا تاشلانغان چەككە چىققىنى بويىچە، ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى. |
و به بني جَرشُوم بر حسب قبايل ايشان از بسط يسّاکار و از سبط اَشير و از سبط نَفتالي و از سبط مَنَّسي درباشان سيزده شهر. | ۶۲ 62 |
گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەتىگە قاراپ، ئىسساكار قەبىلىسى، ئاشىر قەبىلىسى، نافتالى قەبىلىسى ۋە باشان يۇرتىدىكى ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئۈچ شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى. |
و به پسران مَراري بر حسب قبايل ايشان از بسط رؤبين و از سبط جاد و از سبط زبولون دوازده شهر به قرعه داده شد. | ۶۳ 63 |
مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەتىگە قاراپ، تاشلانغان چەككە چىققىنى بويىچە، رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى. |
پس بني اسرائيل اين شهرها را با حوالي آنها به لاويان دادند. | ۶۴ 64 |
ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ بۇ شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارغا تەۋە ئېتىزلىقلارنىڭ ھەممىسىنى لاۋىيلارغا بۆلۈپ بەردى. |
و از بسط بني يهودا و از بسط بني شَمعون و از بسط بني بنيامين اين شهرها را که اسم آنها مذکور است به قرعه دادند. | ۶۵ 65 |
ئۇلار تاشلانغان چەككە چىققىنى بويىچە، يەنە يۇقىرىدا نامى ئاتالغان شەھەرلەرنى يەھۇدا قەبىلىسىدىن، شىمېئون قەبىلىسىدىن ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئېلىپ ئۇلارغا بەردى. |
و بعضي از قبايل بني قَهات شهرهاي حدود خود را از سبط افرايم داشتند. | ۶۶ 66 |
كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بەزى جەمەتلەرگە ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنى تەۋەسىدىكى شەھەرلەردىن بۆلۈپ بېرىلگەنلىرىمۇ بولدى. |
پس شکيم را با حوالي آن در کوهستان افرام و جازَر را با حوالي آن به جهت شهرهاي ملجا به ايشان دادند. | ۶۷ 67 |
ئىسرائىللار ئۇلارغا [يەنە ئىككى] «پاناھلىق شەھىرى»، يەنى ئەفرائىم تاغلىقىغا جايلاشقان شەكەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى ۋە گەزەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى بەردى؛ |
و يقمَعام را با حوالي آن و بيت حُورُون را با حوالي آن. | ۶۸ 68 |
يەنە يوكمىيام ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، بەيت-ھورون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، |
و اَيلُون را با حوالي آن و جَتّ رِمُّون را با حوالي آن. | ۶۹ 69 |
ئايجالون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، گات-رىممون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى ئۇلارغا بەردى. |
و از نصف سبط مَنَّسي، عانير را با حوالي آن، و بِلعام را با حوالي آن، به قبايل باقي مانده بقي قَهات دادند. | ۷۰ 70 |
[ئىسرائىللار يەنە] ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىن ئانېر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، بىلېئام ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى كوھاتنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە بەردى. |
و به پسران جَرشُوم از قبايل نصف سبط مَنَّسي، جُولان را در باشان با حوالي آن و عَشتارُوت را با حوالي آن. | ۷۱ 71 |
گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرىغا ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكى جەمەتلەرنىڭ زېمىنىدىن باشاندىكى گولان ۋە گولانغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئاشتاروت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛ |
و از سبط يسّاکار قادِش را با حوالي آن و دَبَرَه را با حوالي آن. | ۷۲ 72 |
ئىسساكار قەبىلىسىدىن كەدەش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، دابىرات ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، |
و راموت را با حوالي آن و عانيم را با حوالي آن. | ۷۳ 73 |
راموت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئانەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛ |
و از بسط اَشير مَشآل را با حوالي آن عَبدُون را با حوالي آن. | ۷۴ 74 |
ئاشىر قەبىلىسىدىن ئۇلارغا ماشال ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئابدون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، |
و حُقُوق را با حوالي آن و رَحُوب را با حوالي آن. | ۷۵ 75 |
خۇكوك ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، رەھوب ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛ |
و از سبط نَفتالي قادِش را در جَلِيل با حوالي آن و حَمّون را با حوالي آن و قِريتايم را با حوالي آن. | ۷۶ 76 |
نافتالى قەبىلىسىدىن گالىلىيەدىكى كەدەش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ھاممون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، كىرىئاتايىم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارمۇ بېرىلدى. |
و به پسران مَراري که از لاويان باقي مانده بودند، از سبط زبولون رِمّون را با حوالي آن و تابور را با حوالي آن. | ۷۷ 77 |
مەرارىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا بولسا زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن رىممونو ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، تابور ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛ |
و از آن طرف اُردُن در برابر اريحا به جانب شرقي اُردُن از سبط رؤبين، باصَر را در بيابان با حوالي آن و يهصَه را با حوالي آن. | ۷۸ 78 |
يەنە رۇبەن قەبىلىسىنىڭكىدىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىن، يېرىخونىڭ شەرقىي ئۇدۇلىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈنچىقىش بويىدىكى يەرلەردىن چۆلدىكى بەزەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ياھزاھ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، |
و قديموت را با حوالي آن و مَيفَعَه را با حوالي آن. | ۷۹ 79 |
كەدەموت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، مېفائات ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛ |
و از سبط جاد راموت را در جِلعاد با حوالي آن و مَحَنايم را با حوالي آن. | ۸۰ 80 |
گاد قەبىلىسىدىنمۇ بولسا ئۇلارغا گىلېئادتىكى راموت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ماھانائىم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، |
و حَشبون را با حوالي آن و يعزير را با حوالي آن. | ۸۱ 81 |
ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، يائازەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى. |