و داود با سرداران هزاره و صده و با جميع رؤسا مشورت کرد. | ۱ 1 |
داۋۇت مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە بارلىق يولباشچىلار بىلەن مەسلىھەتلەشتى؛ |
و داود به تمامي جماعت اسرائيل گفت: « اگر شما مصلحت مي دانيد و اگر اين از جانب يهُوَه خداي ما باشد، نزد برادران خود که در همه زمينهاي اسرائيل باقي مانده اند، به هر طرف بفرستيم و با ايشان کاهنان و لاوياني که در شهرهاي خود و حوالي آنها مي باشند، نزد ما جمع شوند، | ۲ 2 |
ئاندىن پۈتۈن ئىسرائىل ئاممىسىغا: «ئەگەر سىلەر ماقۇل كۆرسەڭلار، شۇنداقلا بۇ ئىشنى خۇدايىمىز پەرۋەردىگاردىن دەپ بىلسەڭلار، بىز ئىسرائىلنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا شۇ يەردە قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە شەھەرلەردە ۋە ئېتىزلىقلىرىدا تۇرۇۋاتقان كاھىن ھەم لاۋىيلارغا مۇشۇ يەرگە يىغىلىش توغرۇلۇق ئادەم ئەۋەتەيلى. |
و تابوت خداي خويش را باز نزد خود بياوريم چونکه در ايام شاؤل نزد آن مسألت ننموديم.» | ۳ 3 |
بىز خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەشەگە يۆتكەپ كېلەيلى؛ چۈنكى سائۇلنىڭ كۈنلىرىدە ھېچقايسىمىز [ئەھدە ساندۇقى] ئالدىدا خۇدادىن يول سوراپ باقمىدۇق» دېدى. |
و تمامي جماعت گفتند که: « چنين بکنيم.» زيرا که اين امر به نظر تمامي قوم پسند آمد. | ۴ 4 |
بۇ ئىشنى پۈتۈن ئامما توغرا تاپقاچقا، ھەممەيلەن ماقۇل بولۇشتى. |
پس داود تمامي اسرائيل را از شيحُورِ مصر تا مدخل حَمات جمع کرد تا تابوت خدا را از قريت يعاريم بياورند. | ۵ 5 |
شۇڭا داۋۇت مىسىرنىڭ شىھور دەرياسىدىن تارتىپ خامات ئېغىزىغىچە بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرتىپ كېلىپ، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىرىئات-يېئارىمدىن يۆتكەپ كەلمەكچى بولدى. |
و داود و تمامي اسرائيل به بَعلَه که همان قريت يعاريم است و از آنِ يهودا بود، بر آمدند تا تابوت خدا يهُوَه را که در ميان کروبيان در جايي که اسم او خوانده مي شود ساکن است، از آنجا بياورند. | ۶ 6 |
ئاندىن داۋۇت بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن بائالاھقا، يەنى يەھۇداغا تەۋە بولغان كىرىئات-يېئارىمغا كەلدى؛ ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى پەرۋەردىگار بۇ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىگە ئۆز نامىنى قويغانىدى. |
و تابوت خدا را بر ارابه اي تازه از خانه اَبِيناداب آوردند و عُزّا و اَخِيو ارابه را مي راندند. | ۷ 7 |
ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن ئېلىنغان يېڭى بىر ھارۋىغا قويدى؛ ئۇززاھ بىلەن ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدىدى. |
و داود و تمامي اسرائيل با سرود و بربط و عود و دف و سنج و کرنا به قوت تمام به حضور خدا وجد مي نمودند. | ۸ 8 |
داۋۇت بىلەن بارلىق ئىسرائىل جامائىتى خۇدانىڭ ئالدىدا ھە دەپ نەغمە-ناۋا قىلىپ، چىلتار، تەمبۇر، داپ، چاڭلار ۋە كاناي-سۇنايلار چالاتتى. |
و چون به خرمنگاه کيدون رسيدند عُزّا دست خود را دراز کرد تا تابوت را بگيرد زيرا گاوان مي لغزيدند. | ۹ 9 |
لېكىن ئۇلار كىدون خامىنىغا كەلگەندە كالىلار ئالدىغا مۈدۈرەپ كېتىپ يىقىلغاندا ئۇززاھ ئەھدە ساندۇقىنى يۆلىۋالاي دەپ قولىنى ئۇنىڭغا سوزدى. |
و خشم خداوند بر عُزّا افروخته شده، او را زد از آن جهت که دست خود را به تابوت دراز کرد و در آنجا به حضور خدا مرد. | ۱۰ 10 |
ئۇززاھنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قولى تەگكەنلىكى ئۈچۈن، خۇدا ئۇنىڭغا غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇززاھ شۇ يەردە خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆلدى. |
و داود محزون شد چونکه خداوند بر عُزّا رخنه نمود و آن مکان را تا امروز فارَص عُزّا ناميد. | ۱۱ 11 |
لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززاھنىڭ تېنىنى بۆسكەنلىكىگە ئاچچىقلاندى ۋە ئۇ يەرنى «پەرەز-ئۇززاھ» دەپ ئاتىدى؛ ئۇ يەر تاكى ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. |
و در آن روز داود از خدا ترسان شده، گفت: « تابوت خدا را نزد خود چگونه بياورم؟» | ۱۲ 12 |
شۇ كۈنى داۋۇت خۇدادىن قورقۇپ: «مەن زادى قانداق قىلىپ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلەلەيمەن؟» دېدى. |
پس داود تابوت را نزد خود به شهر داود نياورد بلکه آن را به خانه عُوبيد اَدُوم جَتِّي برگردانيد. | ۱۳ 13 |
شۇڭا داۋۇت ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان «داۋۇت شەھىرى»گە يۆتكەپ كەلمەي، گاتلىق ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. |
و تابوت خدا نزد خاندان عُوبيد اَدُوم در خانه اش سه ماه ماند و خداوند خانه عُوبيد اَدُوم و تمامي مايملک او را برکت داد. | ۱۴ 14 |
خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى؛ پەرۋەردىگار ئوبەد-ئېدومنىڭ ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى بەرىكەتلىدى. |