رەھوبوئام يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىپ پادىشاھلىقنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن يەھۇدا بىلەن بىنيامىن جەمەتىدىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ خىللانغان جەڭگىۋار ئەسكەرنى توپلىدى. |
لېكىن خۇدانىڭ سۆزى خۇدانىڭ ئادىمى شېماياغا كېلىپ: ــ |
«يەھۇدانىڭ پادىشاھى، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامغا، يەھۇدا بىلەن بىنيامىندىكى ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ: ــ |
«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھۇجۇمغا چىقماڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن جەڭ قىلماڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش مەندىندۇر»، دېگىن» ــ دېيىلدى. ۋە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى، يەروبوئامغا ھۇجۇم قىلىشتىن ياندى. |
رەھوبوئام يېرۇسالېمدا تۇراتتى، ۋە يەھۇدادا قورغانلىق شەھەرلەرنى سالغۇزغانىدى. |
ئۇ بەيت-لەھەم، ئېتام، تەكوئا، |
بەيت-زۇر، سوكوھ، ئادۇللام، |
گات، مارەشاھ، زىف، |
ئادورايىم، لاقىش، ئازىكاھ، |
زوراھ، ئايجالون، ھېبروننى ياساتتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى قورغانلىق شەھەرلەر بولۇپ، يەھۇدا ۋە بىنيامىننىڭ زېمىنىدا ئىدى. |
ئۇ بارلىق قەلئە-قورغانلارنى مۇستەھكەملىدى ۋە ئۇلاردا سەردارلارنى تەيىنلىدى، زاپاس ئاشلىق، ماي ۋە شارابلارنى تەييارلىدى. |
ئۇ يەنە ھەرقايسى شەھەرلەرنى كۆپلىگەن قالقان ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئالامەت مۇستەھكەملىۋەتتى. يەھۇدا بىلەن بىنيامىن ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇراتتى. |
پۈتكۈل ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار قايسى يۇرتتا بولمىسۇن ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇراتتى. |
چۈنكى يەروبوئام بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى لاۋىيلارنى چەتكە قېقىپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ كاھىنلىق ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوتلاقلىرى ۋە مال-مۈلكىنى تاشلاپ يەھۇدا زېمىنغا ۋە يېرۇسالېمغا كېلىشكەنىدى |
(چۈنكى يەروبوئام «يۇقىرى جايلار»دىكى خىزمەت ئۈچۈن «تېكە ئىلاھلىرى» ۋە ئۆزى ياسىغان موزاي مەبۇدلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشقا ئۆزى ئۈچۈن كاھىنلارنى تەيىنلىگەنىدى). |
ۋە بۇ [لاۋىيلارغا] ئەگىشىپ، ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن كۆڭلىدە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ-ئىزدەشكە ئىرادە تىكلىگەنلەر ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كېلىشتى. |
شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەھۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامنى ئۈچ يىل كۈچلەندۈردى؛ چۈنكى [يەھۇدادىكىلەر] ئۈچ يىل داۋۇتنىڭ ۋە سۇلايماننىڭ يولىدا ماڭغانىدى. |
رەھوبوئام ماھالاتنى ئەمرىگە ئالدى. ماھالات داۋۇتنىڭ ئوغلى يەرىموتنىڭ قىزى؛ ئۇنىڭ ئانىسى يەسسەنىڭ ئوغلى ئېلىئابنىڭ قىزى ئابىھايىل ئىدى. |
ماھالاتتىن رەھوبوئامغا يەئۇش، شېمارىيا ۋە زاھام دېگەن ئوغۇللار تۆرەلدى. |
كېيىنكى ۋاقىتلاردا رەھوبوئام يەنە ئابشالومنىڭ [نەۋرە] قىزى مائاكاھنى ئەمرىگە ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئابىيا، ئاتتاي، زىزا ۋە شېلومىتلارنى تۇغۇپ بەردى. |
رەھوبوئام ئابشالومنىڭ [نەۋرە] قىزى مائاكاھنى ئەمرىگە ئالغان بارلىق ئاياللىرى ۋە كېنىزەكلىرىدىن بەكرەك سۆيەتتى؛ چۈنكى ئۇ جەمئىي ئون سەككىز ئايال ۋە ئاتمىش كېنىزەكنى ئەمرىگە ئالغان؛ ئۇ جەمئىي يىگىرمە سەككىز ئوغۇل، ئاتمىش قىز پەرزەنت كۆرگەن. |
رەھوبوئام مائاكاھدىن بولغان ئوغلى ئابىيانى قېرىنداشلىرى ئىچىدە ھەممىدىن چوڭ شاھزادە قىلىپ تىكلىدى، چۈنكى ئۇ ئۇنى پادىشاھلىققا ۋارىس قىلماقچى ئىدى. |
رەھوبوئام ئاقىلانىلىك بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئوغۇللىرىنى يەھۇدانىڭ بارلىق زېمىنلىرى ۋە بىنيامىننىڭ بارلىق زېمىنلىرىدىكى بارلىق قورغانلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ناھايىتى كۆپ زاپاس ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلىدى؛ ئۇ يەنە ئۇلارغا نۇرغۇن خوتۇن ئېلىپ بەردى. |