< 2 Krønikebok 15 >

1 Då kom Guds Ande yver Azarja Odedsson,
خۇدانىڭ روھى ئودەدنىڭ ئوغلى ئازارىيانىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
2 og han steig fram for Asa og sagde til honom: «Høyr på meg, Asa og heile Juda og Benjamin! Herren er med dykk når de er med honom, og når de søkjer honom, då let han dykk finna seg; men um de vender dykk frå honom, då vender han seg frå dykk.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسا بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئاسا، پۈتكۈل يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن بىللە بولغىنىڭلاردا، ئۇمۇ سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. سىلەر ئۇنى ئىزلىسەڭلار ئۇ سىلەرگە تاپقۇزۇلىدۇ؛ لېكىن سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار ئۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ.
3 I lange tider var Israel utan sann Gud, utan prest som lærde deim, og utan lov.
ئىسرائىللار ئۇزۇن كۈنلەرگىچە ھەقىقىي خۇدا، تەلىم بېرىدىغان كاھىن ۋە قانۇن-ئەھكاملاردىن جۇدا بولۇپ يۈردى؛
4 Men i trengsla si umvende dei seg til Herren, Israels Gud, og søkte honom, og han let deim finna seg.
لېكىن ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقىتلاردا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا قايتىپ، ئۇنى ئىزدىدى ۋە ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنى تاپقۇزدى.
5 I dei tider kunde ingen draga uskadd ut eller heim, for det var stor røra millom alle som budde i landi.
ئۇ ۋاقىتلاردا چىقىپ-كىرىپ تۇرغانلارغا ھېچ ئاراملىق بولمىغان، چۈنكى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلار مالىمانچىلىق ئىچىدە تۇراتتى.
6 Då vart dei sundstøytte, folk mot folk og by mot by; for Gud skræmde deim med alle slag trengslor.
خۇدا ئۇلارنى ھەرخىل قىيىنچىلىق-مالىمانچىلىق ئىچىدە قالدۇرغاچقا، مەملىكەت بىلەن مەملىكەت، شەھەر بىلەن شەھەر ئۆزئارا سوقۇشۇپ ۋەيران بولدى.
7 Men ver de frihuga og lat ikkje henderne siga; for dykkar verk skal få si løn!»
لېكىن سىلەر بولساڭلار، قەيسەر بولۇڭلار، مەزمۇت تۇرۇپ قوللىرىڭلارنى بوشاتماڭلار، چۈنكى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئەجىر-ئىنئامى باردۇر، دېدى.
8 Då Asa høyrde desse ordi og den spådomen som Azarja, son åt Oded, sagde fram, då tok han mod til seg og fekk burt dei ufysne styggetingi frå heile Judalandet og Benjaminslandet og frå dei byarne han hadde teke på Efraimsheidi; og han sette i stand Herrens altar framfyre Herrens forhall.
ئاسا بۇ گەپلەرنى ۋە ئودەد پەيغەمبەر بەرگەن بېشارەتنى ئاڭلىغاندا ئۇ دادىللىشىپ، پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىنلىرىدا، شۇنداقلا ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا قولغا چۈشۈرگەن ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنى يوقاتتى ۋە يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئايۋان ئالدىدا تۇرغان پەرۋەردىگار قۇربانگاھىنى يېڭىباشتىن ياساتتى.
9 So stemnde han saman heile Juda og Benjamin og deim ifrå Efraim, Manasse og Simeon som budde hjå deim; for ei mengd ifrå Israel hadde gjenge yver til honom då dei såg at Herren, hans Gud, var med honom.
ئۇ بارلىق يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلارنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان بارلىق ئەفرائىمىي، ماناسسەھىي، شىمېئونىي مۇساپىرلىرىنى يىغدى (چۈنكى نۇرغۇن ئىسرائىللار ئاسانىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بولۇپ، ئىسرائىلدىن چىقىپ ئاسا تەرەپكە ئۆتكەنىدى).
10 Dei samla seg då i Jerusalem i den tridje månaden i det femtande styringsåret åt Asa.
ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى ئۈچىنچى ئايدا ئۇلار يېرۇسالېمغا يىغىلدى.
11 Og den dagen slagta dei offer for Herren av det herfanget dei hadde ført med seg, sju hundrad stykke storfe og sju tusund stykke småfe.
شۇ كۈنى ئۇلار ئېلىپ كەلگەن جەڭ غەنىمەتلىرىدىن يەتتە يۈز بۇقا ۋە يەتتە مىڭ قوينى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى.
12 Og dei gjorde ei pakt um at dei vilde søkja Herren, sin fedregud, av alt sitt hjarta og heile si sjæl,
ئۇلار يەنە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبى ۋە بۈتۈن جېنى بىلەن ئىزدەشكە بىر ئەھدە تۈزۈشتى؛
13 og at kvar den som ikkje søkte Herren, Israels Gud, han skulde lata livet, anten han var liten eller stor, mann eller kvinna.
ئەھدىدە، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدىمىگەن قېرى-ياش، ئەر-ئايال دېمەي ھەممىسى ئۆلتۈرۈلسۇن، دېيىلدى.
14 Soleis gav dei Herren eiden sin med høg røyst og med fagnadrop og med ljom av lurar og horn,
ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىراش ۋە كاناي ھەم بۇرغا چېلىش بىلەن پەرۋەردىگارغا قەسەم بېرىشتى.
15 og heile Juda gledde seg yver den eiden, for dei hadde svore med heile sitt hjarta og søkte honom med all sin vilje; Og Herren let deim finna seg og gav landet fred til alle sidor.
پۈتكۈل يەھۇدا جامائىتى ئىچكەن قەسىمىدىن شادلاندى؛ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن قەسەم ئىچكەن بولۇپ، پەرۋەردىگارنى تولىمۇ تەلمۈرۈپ ئىزدىدى؛ ۋە ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنى تاپقۇزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا تۆت ئەتراپىدا ئاراملىق ئاتا قىلدى.
16 Og jamvel Ma’aka, mor si, sette kong Asa av frå hennar dronningrang, av di ho hadde gjort eit styggjelegt bilæte for Astarte; han hogg ned det stygge bilætet, slo det i smulder og brende det i Kidronsdalen.
ئاسا پادىشاھ يەنە چوڭ ئانىسى مائاقاھنى يىرگىنچلىك بىر «ئاشېراھ» تۈۋرۈكنى ياسىغىنى ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئاسا بۇ يىرگىنچلىك بۇتنى كېسىپ، ئاياغ ئاستىدا چەيلىدى ۋە كىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى.
17 Men offerhaugarne fekk dei ikkje burt ifrå Israel; men like vel var hjarta til Asa heilstøypt so lenge han livde.
«يۇقىرى جايلار» يوقىتىلمىسىمۇ، ئاسانىڭ قەلبى [پەرۋەردىگارغا] پۈتۈنلەي بېغىشلانغانىدى.
18 Heilaggåvorne åt far sin og heilaggåvorne sine eigne flutte han inn i Guds hus, sylv og gull og ymse ting.
ھەم ئاتىسى ھەم ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان نەرسىلەرنى، جۈملىدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە تۈرلۈك قاچا-قۇچىلارنى خۇدانىڭ ئۆيىگە كەلتۈردى.
19 Det vart ingen ufred fyrr i det fem og trettiande styringsåret åt Asa.

< 2 Krønikebok 15 >