< Jobs 42 >

1 Da svarte Job Herren og sa:
ئايۇپ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 Jeg vet at du kan alt, og at ingen tanke er umulig å utføre for dig.
«ھەممە ئىشنى قىلالايدىغىنىڭنى، ھەرقانداق مۇددىئايىڭنى توسىۋالغىلى بولمايدىغىنىنى بىلدىم!
3 Hvem er den som vil formørke ditt råd i uforstand? Derfor må jeg si: Jeg har talt om det jeg ikke forstod, om det som var mig for underlig, og som jeg ikke skjønte.
«نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟» بەرھەق، مەن ئۆزۈم چۈشەنمىگەن ئىشلارنى دېدىم، مەن ئەقلىم يەتمەيدىغان تىلسىمات ئىشلارنى ئېيتتىم.
4 Men hør nu, så vil jeg tale! Jeg vil spørre dig, og du skal lære mig.
ئاڭلاپ باققايسەن، سۆزلەپ بېرەي؛ مەن سەندىن سوراي، سەن مېنى خەۋەردار قىلغايسەن.
5 Bare hvad ryktet meldte, hadde jeg hørt om dig; men nu har mitt øie sett dig.
مەن قۇلىقىم ئارقىلىق خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانمەن، بىراق ھازىر كۆزۈم سېنى كۆرىۋاتىدۇ.
6 Derfor kaller jeg alt tilbake og angrer i støv og aske.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن، شۇنىڭ بىلەن توپا-چاڭلار ۋە كۈللەر ئارىسىدا توۋا قىلدىم».
7 Da Herren hadde talt disse ord til Job, sa han til Elifas fra Teman: Min vrede er optendt mot dig og dine to venner; for I har ikke talt rett om mig, som min tjener Job.
پەرۋەردىگار ئايۇپقا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار تېمانلىق ئېلىفازغا مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ غەزىپىم ساڭا ھەم ئىككى دوستۇڭغا قاراپ قوزغالدى؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ توغرامدا ئۆز قۇلۇم ئايۇپ توغرا سۆزلىگەندەك سۆزلىمىدىڭلار.
8 Ta derfor syv okser og syv værer og gå til min tjener Job og ofre dem som brennoffer for eder! Og min tjener Job skal bede for eder; bare ham vil jeg bønnhøre, så jeg ikke gjør med eder efter eders uforstand; for I har ikke talt rett om mig, som min tjener Job.
بىراق ھازىر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يەتتە تورپاق ھەم يەتتە قوچقارنى ئېلىپ، قۇلۇم ئايۇپنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆز-ئۆزۈڭلار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ قۇلۇم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنى قوبۇل قىلىمەن؛ بولمىسا، مەن ئۆز نادانلىقلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلارغا قايتۇرۇپ بېرەي؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ توغرامدا قۇلۇم ئايۇپ توغرا سۆزلىگەندەك توغرا سۆزلىمىدىڭلار».
9 Så gikk Elifas fra Teman og Bildad fra Suah og Sofar fra Na'ama og gjorde som Herren hadde talt til dem; og Herren bønnhørte Job.
شۇنىڭ بىلەن تېمانلىق ئېلىفاز، شۇخالىق بىلداد ۋە نائاماتلىق زوفار ئۈچەيلەن بېرىپ پەرۋەردىگار ئۇلارغا دېگىنىدەك قىلدى؛ ھەمدە پەرۋەردىگار ئايۇپنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى.
10 Og Herren gjorde ende på Jobs ulykke, da han bad for sine venner; og Herren øket alt det Job hadde hatt, til det dobbelte.
شۇنىڭ بىلەن ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنى ئازاب-قىيىنچىلىقلىرىدىن قايتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئايۇپقا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى.
11 Og alle hans brødre kom til ham, og alle hans søstre og alle som hadde kjent ham før, og de åt med ham i hans hus og viste ham medynk og trøstet ham for all den ulykke Herren hadde latt komme over ham; og de gav ham hver en kesitte og hver en gullring.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل ۋە ئۇنىڭغا ئىلگىرى دوست-ئاغىنە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماقلاندى؛ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كەلتۈرگەن بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەر توغرىسىدا تەسەللى بېرىشتى؛ ھەمدە ھەربىر ئادەم ئۇنىڭغا بىر تەڭگىدىن كۈمۈش، بىردىن ئالتۇن ھالقا بېرىشتى.
12 Og Herren velsignet Jobs siste dager mere enn hans første, og han fikk fjorten tusen får og seks tusen kameler og tusen par okser og tusen aseninner.
پەرۋەردىگار ئايۇپقا كېيىنكى كۈنلىرىدە بۇرۇنقىدىن كۆپرەك بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى؛ ئۇنىڭ ئون تۆت مىڭ قويى، ئالتە مىڭ تۆگىسى، بىر مىڭ قوشلۇق كالىسى، بىر مىڭ مادا ئېشىكى بار بولدى.
13 Og han fikk syv sønner og tre døtre.
ئۇنىڭدىن يەنە يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز تۇغۇلدى.
14 Den ene datter kalte han Jemima, den annen Kesia og den tredje Keren-Happuk.
ئۇ قىزلىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «يېمىماھ»، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «كەزىيە»، ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «كەرەن-خاپۇق» دەپ قويدى.
15 Så fagre kvinner som Jobs døtre fantes ikke i hele landet; og deres far gav dem arv blandt deres brødre.
پۈتكۈل زېمىندا ئايۇپنىڭ قىزلىرىدەك شۇنچە گۈزەل قىزلارنى تاپقىلى بولمايتتى؛ ئاتىسى ئۇلارنى ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن ئوخشاش مىراسخور قىلدى.
16 Derefter levde Job hundre og firti år, og han så sine barn og barnebarn i fjerde ledd.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئايۇپ بىر يۈز قىرىق يىل ياشاپ، ئۆز ئوغۇللىرىنى، ئوغۇللىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى، ھەتتا تۆتىنچى ئەۋلادقىچە، يەنى ئەۋرىلىرىنىمۇ كۆرگەن.
17 Og Job døde, gammel og mett av dager.
شۇنىڭ بىلەن ئايۇپ ياشىنىپ، كۈنلىرىدىن قانائەت تېپىپ ئالەمدىن ئۆتتى.

< Jobs 42 >