داۋۇت ئەمدى نوبقا كېلىپ ئاخىمەلەك كاھىننىڭ قېشىغا باردى. لېكىن ئاخىمەلەك داۋۇتنى كۆرگەندە تىترەپ قورقۇپ ئۇنىڭغا: ــ نېمىشقا بىرىمۇ سەن بىلەن كەلمەي يالغۇز كەلدىڭ؟ ــ دېدى. |
داۋۇت ئاخىمەلەك كاھىنغا: ــ پادىشاھ ماڭا مەلۇم بىر ئىشنى بۇيرۇپ: ــ مەن ساڭا بۇيرۇغان ئىش ياكى ساڭا تاپىلغان يوليورۇق توغرىسىدىن ھېچكىم بىرنېمە بىلمىسۇن، دېگەنىدى. ئۆز غۇلاملىرىمنى بولسا مەلۇم بىر جايغا بېرىشقا بېكىتىپ قويدۇم. |
ئەمدى قولۇڭدا نېمە بار؟ بەش نان، ياكى نېمە بولسا، شۇنى ماڭا بەرگىن، دېدى. |
كاھىن داۋۇتقا جاۋاب بېرىپ: ــ قولۇمدا ئادەتتىكى نان يوق، پەقەت مۇقەددەس نان بار. ئەگەر غۇلاملار ئاياللارغا يېقىنلاشمىغان بولسا يېسە راۋا بولىدۇ، دېدى. |
داۋۇت كاھىنغا جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، مەن باشقا ۋاقىتلاردا چىققىنىمغا ئوخشاش، ئاياللار بىزدىن يىراق بولغىلى ئۈچ كۈن بولدى. مەن [ھەرقېتىم] چىققاندا، گەرچە ئادەتتىكى سەپەر بولسىمۇ، غۇلاملارنىڭ قاچىلىرى پاك بولىدىغان يەردە، بۈگۈن ئۇلار ۋە قاچىلىرى تېخىمۇ پاك بولمامدۇ، دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئۇنىڭغا مۇقەددەس ناندىن بەردى، چۈنكى بۇ يەردە «تەقدىم نان»دىن باشقا ھېچقانداق نان يوق ئىدى. بۇ نان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يېڭى ئىسسىق نان قويۇلغان كۈنى ئالماشتۇرۇلغان نانلار ئىدى |
(لېكىن ئۇ كۈنى سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن مەلۇم بىرسى ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قالدۇرۇلغانىدى. ئۇنىڭ ئىسمى دوئەگ بولۇپ سائۇلنىڭ پادىچىلىرىنىڭ چوڭى ئىدى). |
داۋۇت ئاخىمەلەككە: ــ قولۇڭدا نەيزە ياكى قىلىچ يوقمۇ؟ پادىشاھ تاپشۇرغان ئىش جىددىي بولغاچ ياكى قىلىچ ياكى باشقا ياراغلىرىمنى ئېلىپ كېلەلمىدىم، دېدى. |
كاھىن: ــ سەن ئېلاھ جىلغىسىدا ئۆلتۈرگەن فىلىستىي گولىئاتنىڭ قىلىچى بۇ يەردە بار، ئۇ ئەفودنىڭ كەينىدە، بىر پارچە رەختكە ئوراقلىق ھالدا تۇرىدۇ. خالىساڭ ئالغىن، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوق، دېدى. داۋۇت: ــ بۇ تەڭدىشى يوق قىلىچتۇر، شۇنى ماڭا بەرگىن، دېدى. |
داۋۇت ئۇ كۈنى قوپۇپ سائۇلدىن قېچىپ گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى. |
لېكىن ئاقىشنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ بۇ زېمىننىڭ پادىشاھى داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ توغرىسىدا قىز-ئاياللار بىر-بىرىگە: ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ــ دەپ ناخشا-غەزەل ئوقۇشۇپ ئۇسسۇل ئوينىغان ئەمەسمۇ، دېدى. |
داۋۇت بۇ سۆزلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشتىن بەك قورقتى. |
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ قولىدا تۇرغان ۋاقتىدا ئۆزىنى ساراڭدەك كۆرسەتتى؛ ئۇ دەرۋازىلارنىڭ ئىشىكلىرىگە جىجىپ، تۈكۈرۈكىنى ساقىلىغا ئاقتۇراتتى. |
ئاقىش خىزمەتكارلىرىغا: ــ مانا بۇ ئادەمنىڭ ساراڭلىقىنى كۆرمەمسىلەر؟ ئۇنى نېمىشقا مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلدىڭلار؟ |
مەندە ساراڭلار كەمچىلمىدى؟ سىلەر بۇ كىشىنى ئالدىمغا ساراڭلىق قىلغىلى ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟ بۇ ئادەم مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىشى كېرەكمۇ؟ ــ دېدى. |