نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، ئاساف يازغان كۈي: ــ كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا كۈي ئېيتىپ ياڭرىتىڭلار، ياقۇپنىڭ خۇداسىغا شادلىنىپ تەنتەنە قىلىڭلار! |
ناخشىنى ياڭرىتىپ، داپنى ئېلىپ، يېقىملىق چىلتار ھەم راۋابنى چېلىڭلار! |
يېڭى ئايدا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، بايرام-ھېيت كۈنىمىزدە ناغرا-سۇناي چېلىڭلار! |
چۈنكى بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن بېكىتىلگەن بەلگىلىمە، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ بىر پەرمانىدۇر. |
ئۇ مىسىر زېمىنىدا يۈرۈش قىلغانلىرىدا، (شۇ يەردە بىز چۈشەنمەيدىغان بىر تىلنى ئاڭلاپ يۈرەتتۇق) ئۇ بۇنى يۈسۈپكە گۇۋاھ قىلىپ بەردى؛ |
ــ «ئۇنىڭ مۈرىسىنى يۈكتىن ساقىت قىلدىم، ئۇنىڭ قولى سېۋەت كۆتۈرۈشتىن ئازاد بولدى؛ |
قىستاقچىلىقتا نىدا قىلدىڭ، مەن سېنى ئازاد قىلدىم؛ گۈلدۈرماما چىققان مەخپىي جايدىن ساڭا جاۋاب بەردىم؛ «مەرىباھ» سۇلىرى بويىدا سېنى سىنىدىم». سېلاھ. |
ــ «تىڭشا، خەلقىم، مەن سېنى گۇۋاھلار بىلەن ئاگاھلاندۇرمەن؛ ئى ئىسرائىل، ماڭا قۇلاق سالساڭ ئىدى! |
ئاراڭدا يات ئىلاھ بولمىسۇن، يات ئەلدىكى ئىلاھقا باش ئەگمىگىن! |
سېنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛ ئاغزىڭنى يوغان ئاچ، مەن ئۇنى تولدۇرىمەن. |
ــ بىراق خەلقىم سادايىمغا قۇلاق سالمىدى، ئىسرائىلنىڭ ماڭا باغلانغۇسى يوق ئىدى؛ |
شۇڭا مەن ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا قويۇۋەتتىم؛ ئۇلار ئۆز مەسلىھەتلىرى بىلەن مېڭىۋېرەتتى. |
ــ ئاھ، مېنىڭ خەلقىم ماڭا قۇلاق سالسا ئىدى! ئىسرائىل مېنىڭ يوللىرىمدا يۈرسە ئىدى! |
ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى تېزلا ئېگىلدۈرەر ئىدىم، قولۇمنى رەقىبلىرىگە بۇراپ، ئۇلارنى باسار ئىدىم. |
پەرۋەردىگارغا نەپرەتلەنگۈچىلەر ئۇنىڭ ئالدىدا زەئىپلىشىپ بويسۇنار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ شۇ ئاخىرىتى مەڭگۈگە بولاتتى؛ |
ساڭا ئاش-بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىنى يېگۈزەر ئىدىم، بەرھەق، قورام تاشتىن ھەسەل ئاققۇزۇپ سېنى قاندۇرار ئىدىم». |