شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنىڭغا جېكىلەپ: ــ سەن قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالما؛ |
بەلكى قوپۇپ، پادان-ئارامغا، ئاناڭنىڭ ئاتىسى بېتۇئەلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن ئاناڭنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالغىن. |
ھەممىگە قادىر تەڭرى سېنى بەخت-بەرىكەتلەپ، ئاۋۇتۇپ، سەندىن كۆپ خەلقلەرنى چىقىرىپ كۆپەيتكەي، |
شۇنداقلا ئىبراھىمنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن نەسلىڭگە بەرگەي؛ شۇنداق قىلىپ سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يەرنى، يەنى ئەسلىدە خۇدا ئىبراھىمغا بەرگەن زېمىننى ئىگىلەيسەن! ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى يولغا سالدى. ئۇ پادان-ئارامغا، ئارامىي بېتۇئەلنىڭ ئوغلى، ياقۇپ بىلەن ئەساۋنىڭ ئانىسى رىۋكاھنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قېشىغا قاراپ ماڭدى. |
ئەساۋ ئىسھاقنىڭ ياقۇپقا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنى پادان-ئارامغا شۇ يەردىن خوتۇن ئېلىشقا ئەۋەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنىڭا جېكىلەپ: سەن قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالمىغىن، دېگەنلىرىنى ئۇقۇپ، ياقۇپنىڭمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىپ، پادان-ئارامغا كەتكىنىنى كۆرگىنىدە، |
ئەساۋ: ــ قانائانيلارنىڭ قىزلىرى ئاتام ئىسھاقنىڭ نەزىرىدە يامان كۆرۈنىدىكەن، دەپ بىلىپ يەتتى. |
ئۇ ئىسمائىلنىڭ قېشىغا بېرىپ، ھازىرقى خوتۇنلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى ماھالاتنى خوتۇنلۇققا ئالدى. |
ياقۇپ بولسا بەئەر-شېبادىن چىقىپ، ھاران تەرەپكە مېڭىپ، |
بىر يەرگە يېتىپ كەلگەندە، كۈن ئولتۇرۇپ كەتكەچكە شۇ يەردە قونماقچى بولدى. ئۇ شۇ يەردىكى تاشلاردىن بىرىنى ئېلىپ، بېشىغا ياستۇق قىلىپ قويۇپ، ئۇخلىغىلى ياتتى. |
ئۇ بىر چۈش كۆردى: ــ مانا، ئۇچى ئاسمانلارغا تاقىشىدىغان بىر پەلەمپەي يەردە تىكلەكلىك تۇراتتى؛ خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭدا چىقىپ-چۈشۈپ تۇرۇشاتتى. |
مانا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. ئۇ: ــ «مەن بولسام ئاتاڭ ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئىسھاقنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن سەن ياتقان بۇ زېمىننى سېنىڭ بىلەن نەسلىڭگە بېرىمەن. |
نەسلىڭ بولسا يەرنىڭ توپىسىدەك كۆپ بولۇپ، سەن مەغرىپ بىلەن مەشرىققە، شىمال بىلەن جەنۇبقا يېيىلىسەن؛ سەن ۋە نەسلىڭنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەر بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ. |
مانا، مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، قەيەرگە بارساڭ سېنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ، بۇ زېمىنغا سېنى قايتۇرۇپ كېلىمەن؛ چۈنكى ساڭا ئېيتقان سۆزۈمنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، سېنى تاشلىمايمەن» ــ دېدى. |
ئاندىن ياقۇپ ئويغىنىپ: ــ بەرھەق، پەرۋەردىگار بۇ يەردىدۇر، لېكىن مەن ئۇنى بىلمەپتىمەن، ــ دېدى. |
ئۇ قورقۇپ كېتىپ: بۇ جاي ئالامەت دەھشەتلىك بىر جاي ئىكەن! بۇ خۇدانىڭ ئۆيى بىلەن ئاسماننىڭ دەرۋازىسىدىن باشقا ھېچ جاي ئەمەستۇر، ــ دېدى. |
ياقۇپ ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، بېشىنىڭ ئاستىغا قويغان تاشنى ئېلىپ، [خاتىرە] تۈۋرۈك سۈپىتىدە تىكلەپ، ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيۇپ قويدى. |
ئۇ جاينىڭ ئىسمىنى بەيت-ئەل دەپ ئاتىدى؛ ئەمما ئىلگىرى ئۇ جاينىڭ ئېتى لۇز ئىدى. |
ئاندىن ياقۇپ قەسەم بىلەن ۋەدە قىلىپ: ــ ئەگەر خۇدا مېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، بۇ سەپىرىمدە مېنى ساقلاپ، يېگىلى نان، كىيگىلى كىيىم بېرىپ، |
مەن ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئامان-ئېسەن يېنىپ بارسام، ئۇنداقتا پەرۋەردىگار مېنىڭ خۇدايىم بولىدۇ؛ |
شۇنىڭدەك مەن خاتىرە تۈۋرۈك سۈپىتىدە تىكلەپ قويغان بۇ تاش خۇدانىڭ ئۆيى بولىدۇ؛ ھەم شۇنداقلا سەن ماڭا بېرىدىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ساڭا تەقدىم قىلماي قالمايمەن، ــ دېدى. |