< 2 UJohane 1 >

1 Umdala kunkosikazi ekhethiweyo lakubantwana bayo, mina engibathanda ngeqiniso, njalo kungeyisimi ngedwa kodwa labo bonke asebelazi iqiniso,
2 ngenxa yeqiniso elihlala kithi, lelizakuba lathi kuze kube nininini: (aiōn g165)
‏ مەنكى ئاقساقالدىن [خۇدا تەرىپىدىن] تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ ئەزىز بالىلىرىغا سالام! مەن سىلەرنى ھەقىقەتتە سۆيىمەن ۋە يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەنە ھەقىقەتنى تونۇغانلارنىڭ ھەممىسى بىزدە ياشاۋاتقان ۋە شۇنداقلا ئەبەدگىچە بىزگە يار بولىدىغان ھەقىقەتنى دەپ سىلەرنى سۆيىدۇ. (aiōn g165)
3 Kakube lani umusa, isihawu, ukuthula okuvela kuNkulunkulu uYise, leNkosini uJesu Kristu iNdodana kaBaba, eqinisweni lethandweni.
خۇدائاتىدىن ۋە ئاتىنىڭ ئوغلى رەب ئەيسا مەسىھدىن شاپائەت، رەھىم-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەقىقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە بولغاي!
4 Ngathokoza kakhulukazi ukuthi ngithole ebantwaneni bakho abahamba eqinisweni, njengoba semukela umlayo kuYise.
بالىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا بىز ئاتىدىن ئەمر تاپشۇرۇۋالغاندەك ھەقىقەتتە ماڭغانلارنى كۆرگىنىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.
5 Khathesi-ke ngiyakuncenga, nkosikazi, kungenjengokuthi ngikubhalela umlayo omutsha, kodwa lowo esasilawo kusukela ekuqaleni, ukuze sithandane.
ئەمدى، ھۆرمەتلىك خانىم، مەن سەندىن بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى، دەپ ئۆتۈنىمەن. مېنىڭ ساڭا يېزىپ ئۆتۈنگىنىم يېڭى بىر ئەمر ئەمەس، بەلكى دەسلەپتىن تارتىپ بىزدە بار ئەمردۇر
6 Njalo yilolu uthando, ukuthi sihambe ngokwemilayo yakhe. Yilo umlayo, njengoba lezwa kusukela ekuqaleni, ukuthi lihambe kiwo.
(مېھىر-مۇھەببەت شۇكى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ مېڭىشتۇر). مانا بۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاندەك، ئۇنىڭدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تاپىلانغاندۇر.
7 Ngoba abakhohlisi abanengi sebengene emhlabeni abangavumiyo ukuthi uJesu Kristu weza enyameni. Lo ngumkhohlisi lomphikuKristu.
چۈنكى نۇرغۇن ئالدامچىلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا چىقتى. ئۇلار ئەيسانىڭ دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچى ۋە دەججالدۇر.
8 Ziqapheleni ukuze singalahlekelwa yizinto esesizisebenzile, kodwa semukele umvuzo opheleleyo.
بىز ۋە ئۆزۈڭلار سىڭدۈرگەن ئەجىرنى يوقىتىپ قويماي، بەلكى تولۇق ئىنئامغا ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار.
9 Wonke oweqayo njalo ongahlali emfundisweni kaKristu, kalaNkulunkulu; ohlala emfundisweni kaKristu, lowo ulabo bobabili uYise leNdodana.
كىمكى مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرمىسا، خۇدا ئۇنىڭغا ئىگە بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تەلىمىدە چىڭ تۇرغۇچى بولسا، ئاتا ھەم ئوغۇل ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ.
10 Uba kufika umuntu kini, njalo engalethi le imfundiso, lingamemukeli endlini, futhi lingambingeleli;
ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ تەلىمىنى ئېلىپ كەلمەي سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا باشلىماڭلار ھەم ئۇنىڭغا سالاممۇ بەرمەڭلار.
11 ngoba lowo ombingelelayo, uhlanganyela lemisebenzi yakhe emibi.
چۈنكى ئۇنداق ئادەمگە سالام بەرگەن كىشى ئۇنىڭ رەزىل ئەمەللىرىگە شېرىك بولغۇچىدۇر.
12 Ngilezinto ezinengi zokulibhalela, kangithandanga ukubhala ngephepha leyinki; kodwa ngithemba ukuza kini, ngikhulume lani umlomo ngomlomo, ukuze intokozo yethu igcwale.
سىلەرگە پۈتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن قەغەز بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، خۇشاللىقىمىزنىڭ تولۇپ تېشىشى ئۈچۈن يېنىڭلارغا بېرىپ دىدار كۆرۈشۈپ سۆزلىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن.
13 Abantwana bakadadewenu okhethiweyo bayakubingelela. Ameni.
خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ھەدەڭنىڭ بالىلىرىدىن ساڭا سالام!

< 2 UJohane 1 >