< UDutheronomi 20 >

1 “Lapho liphuma ukuyakulwa lesitha senu empini libe selibona amabhiza lezinqola kanye lebutho elikhulu ukwedlula elenu, lingabesabi, ngoba uThixo uNkulunkulu wenu, owalikhupha eGibhithe, uzakuba lani.
ئەگەر سەن دۈشمەنلىرىڭگە جەڭ قىلغىلى چىقىپ، ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى، شۇنداقلا ئۆزۈڭدىن كۆپ بولغان بىر ئەلنى كۆرسەڭ، ئۇلاردىن ھېچ قورقما. چۈنكى سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى سەن بىلەن بىللىدۇر.
2 Nxa selilungele ukuhlasela, umphristi uzakuza akhulume lebutho.
سىلەر جەڭگە چىقىش ئالدىدا كاھىن ئۆزى ئالدىغا چىقىپ خەلققە سۆز قىلىپ
3 Uzakuthi: ‘Zwana, wena Israyeli, namuhla liya ekuhlaseleni izitha zenu. Lingapheli amandla kumbe lesabe; lingatshaywa luvalo njalo lethuke phambi kwabo.
ئۇلارغا: ئەي ئىسرائىل، ئاڭلاڭلار! سىلەر بۈگۈن دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن سوقۇشۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. كۆڭۈللىرىڭلار جۈرئەتسىز بولمىسۇن؛ قورقماڭلار، تىترىمەڭلار، ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار؛
4 Ngoba uThixo uNkulunkulu wenu nguye ohamba lani ukuyalilwela ezitheni zenu ukuba linqobe.’
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى دۈشمەنلىرىڭلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىللە جەڭگە چىقىدۇ» ــ دەپ ئېيتسۇن.
5 Izikhulu zizakuthi ebuthweni: ‘Ukhona owakhe indlu entsha ongakayihlali na? Kabuyele emzini wakhe, funa afe empini kuthi omunye asale esezihlalela endlini yakhe.
شۇ چاغدا ئەمەلدارلار خەلققە مۇنداق دېسۇن: ــ «ئاراڭلاردا بىر يېڭى ئۆي سېلىپ، ئۇنى [خۇداغا] ئاتىمىغان بىرسى بارمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كېتىپ، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنى [خۇداغا] ئاتىشى مۇمكىن.
6 Ukhona ohlanyele isivini kodwa engakadli izithelo zaso na? Kabuyele emzini wakhe, funa afe empini kuthi omunye azidlele izithelo zaso.
تەك سېلىپ ئۈزۈمزار بەرپا قىلىپ، تېخى ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېمىگەن بىركىم بارمۇ؟ بار بولسا ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسە، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېيىشى مۇمكىن.
7 Ukhona osethembise owesifazane kodwa engakamthathi ukuthi abe ngumkakhe na? Kabuyele emzini wakhe, funa afe empini kuthi omunye umuntu amthathe’
بىر قىز بىلەن ۋەدىلەشكەن بولۇپ، تېخى ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئالمىغان بىركىم بولسا، ئۇ ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسە، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنى ئۆزىگە خوتۇنلۇققا ئېلىشى مۇمكىن».
8 Izikhulu zizaqhubeka zithi, ‘Ikhona indoda eyesabayo kumbe ephelelwa ngamandla na? Kayibuyele emzini wayo ukuze abafowabo labo bangaphelelwa ngamandla.’
ئاندىن مەنسەپدارلار خەلققە يەنە سۆزلەپ: «قورقۇپ كەتكەن، جۈرئەتسىز بىركىم بارمۇ؟ ئۇ ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن. بولمىسا قېرىنداشلىرىنىڭ يۈرىكىمۇ ئۇنىڭكىدەك جاسارەتسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دەپ ئېيتسۇن.
9 Kuzakuthi lapho izikhulu seziqedile ukukhuluma lebutho, zizakhetha abalawuli bebutho.
ئەمەلدارلار خەلققە شۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلار خەلقنىڭ ئالدىدا يېتەكچىلىك قىلىشقا قوشۇنلارغا سەردارلارنى تىكلىسۇن.
10 Nxa lisiya edolobheni ukuthi lihlasele, khulumani labantu bakulelodolobho lidinga ukuthula.
سىلەر ھۇجۇم قىلىشقا مەلۇم بىر شەھەرگە يېقىنلاشقىنىڭلاردا ئاۋۋال ئۇنىڭغا سۈلھى توغرىسىدا سۆز قىلىڭلار.
11 Bangavuma njalo balivulele amasango abo, bonke abantu bakulelodolobho bazakuba yizichaka zenu balisebenzele.
ئەگەر ئۇلار سۈلھىنى خالايمىز، دەپ جاۋاب بېرىپ ئۆز دەرۋازىلىرىنى سىلەرگە ئاچسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممە خەلق سىلەرگە بېقىنىپ قۇللۇق ھاشاردا بولىدۇ.
12 Kodwa bangala ukwamukela amazwi enu okuthula balihlasele, livimbezeleni lelodolobho.
لېكىن سىلەر بىلەن سۈلھى قىلىشقا ئۇنىماي، بەلكى سىلەر بىلەن جەڭ قىلماقچى بولسا سىلەر ئۇنى قورشاڭلار.
13 Kuzakuthi lapho uThixo uNkulunkulu wenu esenikele idolobho lelo kini, libulale amadoda wonke ngenkemba.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا ئۇنىڭدىكى ھەربىر ئەركەكنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈڭلار؛
14 Kodwa abesifazane, abantwana, izifuyo kanye lakho konke okukulelodolobho kuzakuba yimpango yenu. Yonke impango yezitha zenu uThixo uNkulunkulu wenu alinika yona izakuba ngeyenu.
لېكىن ئاياللار بىلەن بالىلىرى، كالا بىلەن شەھەردىكى ھەممە نەرسىنى، يەنى بارلىق غەنىيمەتنى ئۆزۈڭلارغا ئولجا قىلىپ ئېلىڭلار؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز دۈشمەنلىرىڭلاردىن سىلەرگە ئېلىپ بەرگەن ئولجىدىن يەپ سۆيۈنىسىلەر.
15 Lokhu yikho okumele likwenze emadolobheni wonke akude lani njalo angasiwo ezizwe ezihlala eduzane lani.
سىلەردىن يىراقتا بولغان، [زېمىنغا تەۋە بولمىغان] ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىگە شۇنداق قىلىڭلار.
16 Kanti-ke, emadolobheni ezizwe uThixo uNkulunkulu wenu alinika wona njengelifa, lingatshiyi lutho oluphefumulayo luphila.
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىندىكى ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىنى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىنىقى بار ھېچ نەرسىنى تىرىك قويماي،
17 Lizawabhubhisa liwaqede wonke amaHithi, ama-Amori, amaKhenani, amaPherizi, amaHivi kanye lamaJebusi njengokulaywa kwenu nguThixo uNkulunkulu wenu.
بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بۇيرۇغاندەك ھىتتىيلار بىلەن ئامورىيلار، قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار بىلەن يەبۇسىيلارنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭلار كېرەك.
18 Funa balifundise ukwenza imikhuba yabo enengekayo yokukhonza onkulunkulu babo, lone kuThixo uNkulunkulu wenu.
بولمىسا، ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇشتىكى ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى سىلەرگە ئۆگىتىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا گۇناھ قىلىدىغان بولىسىلەر.
19 Nxa idolobho selilivimbezele okwesikhathi eside, lilihlasela ukuze lilithumbe, lingatshabalalisi izihlahla zalo ngokuzigamula, ngoba lingadla izithelo zazo. Lingazigamuli. Kambe izihlahla zeganga zingabantu ukuthi lingazivimbezela na?
بىر شەھەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت جەڭ قىلىپ قورشاپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى پالتا بىلەن كېسىپ ۋەيران قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يېسەڭلار بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى كەسمەڭلار؛ چۈنكى دالادىكى دەرەخلەر قورشىۋېلىش كېرەك بولغان ئادەممىدى؟
20 Kodwa-ke lingagamula izihlahla elizaziyo ukuthi azitheli izithelo ezidliwayo ukuze lizisebenzise ekwakheni amadumba lize linqobe ledolobho lelo empini.”
لېكىن سىلەر مېۋىلىك دەرەخ ئەمەس دەپ بىلگەن دەرەخلەرنى كېسىپ يوقىتىپ، سىلەر بىلەن سوقۇشقان شەھەرنى ھۇجۇم قىلىپ غۇلىتىشقا شۇ دەرەخلەردىن ئىستىھكام-پوتەيلەرنى ياسىساڭلار بولىدۇ.

< UDutheronomi 20 >