نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇلغان، «سۆيۈملۈك يار ئۈچۈن» دېگەن «ماسقىل» مۇناجات-ناخشا: ــ قەلبىمدىن گۈزەل ئىش توغرىسىدا سۆزلەر ئۇرغۇپ چىقماقتا؛ پادىشاھقا بېغىشلىغان مۇناجىتىمنى ئېيتىمەن؛ تىلىم گويا ماھىر شائىرنىڭ قەلىمىدۇر؛ |
ئىنسان بالىلىرى ئىچىدە سەن ئەڭ گۈزەلدۇرسەن؛ لەۋلىرىڭ شاپائەت بىلەن تولدۇرۇلغاندۇر؛ شۇڭا خۇدا ساڭا مەڭگۈگە رەھمەت قىلدى. |
ئى بۈيۈك بولغۇچى، قىلىچىڭنى ئاسقىن يېنىڭغا، ھەيۋىتىڭ ۋە شانۇ-شەۋكىتىڭ بىلەن! |
ھەقىقەت، كەمتەرلىك ھەم ئادالەتنى ئالغا سۈرۈشكە ئاتلانغىنىڭدا، شانۇ-شەۋكەت ئىچىدە غەلىبە بىلەن ئالغا باس! شۇنىڭ بىلەن ئوڭ قولۇڭ ئۆزۈڭگە كارامەت قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ! |
سېنىڭ ئوقلىرىڭ ئۆتكۈردۇر، ئۇلار پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىدۇ؛ پۈتۈن ئەللەر ئايىغىڭغا يىقىتىلىدۇ. |
سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛ پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ، ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر. |
سەن ھەققانىيلىقنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭا خۇدا، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ، سېنى ھەمراھلىرىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى. |
سېنىڭ كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە دارچىن ھىدى كېلىدۇ؛ پىل چىشى سارايلىرىدىكى سازەندىلەرنىڭ تارلىق سازلىرى سېنى خۇرسەن قىلىدۇ. |
پادىشاھلارنىڭ مەلىكىلىرى ھۆرمەتلىك كېنىزەكلىرىڭنىڭ قاتارىدىدۇر؛ خانىشىڭ ئوفىردىكى ساپ ئالتۇن [زىبۇ-زىنەتلەرنى] تاقاپ ئوڭ قولۇڭدا تۇرىدۇ؛ |
«ئاڭلىغىن، ئى قىزىم، كۆرگىن، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن؛ ئۆز قەبىلەڭ ۋە ئاتا جەمەتىڭنى ئۇنتۇپ قال! |
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ گۈزەل جامالىڭغا مەپتۇن بولىدۇ؛ ئۇ سېنىڭ خوجاڭ، سەن ئۇنىڭغا سەجدە قىل». |
تۇر شەھىرىنىڭ قىزى [ئالدىڭدا] سوۋغا بىلەن ھازىر بولىدۇ؛ خالايىق ئارىسىدىكى بايلار سېنىڭ شاپائىتىڭنى كۈتىدۇ؛ |
شاھانە قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسى پۈتۈنلەي پارلاقتۇر، ئۇنىڭ كىيىملىرىمۇ زەر بىلەن كەشتىلەنگەن؛ |
ئۇ كەشتىلىك كىيىملەر بىلەن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ؛ كەينىدىن ئۇنىڭغا قولداش كېنىزەكلەرمۇ بىللە يېنىڭغا ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ |
ئۇلار خۇشال-خۇرام، شادلىق ئىچىدە باشلاپ كېلىنىدۇ؛ ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىشىدۇ. |
«ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىڭ چىقىدۇ؛ سەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھانغا ھاكىم قىلىسەن. |
مەن سېنىڭ نامىڭنى ئەۋلاددىن-ئەۋلادقا ياد ئەتكۈزىمەن؛ شۇڭلاشقا بارلىق قوۋملار سېنى ئەبەدىلئەبەدگىچە مەدھىيىلەيدۇ». |