تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئى پۈتكۈل يەر-جاھان، پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! |
خۇشاللىق بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار، ھۇزۇرىغا تەنتەنە-ناخشىلار بىلەن يېقىنلىشىڭلار! |
بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ھەق خۇدادۇر؛ بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس! بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، ئۆز يايلىقىدا باققان قويلىرىدۇرمىز. |
دەرۋازىلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىشلار بىلەن، ھويلىلىرىغا مەدھىيەلەر بىلەن كىرىڭلار؛ ئۇنى مەدھىيىلەپ، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! |
چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر! |