ئاھاب ئۆلگەندىن كېيىن موئاب ئىسرائىلغا ئىسيان كۆتۈردى. |
ئاھازىيا سامارىيەدە تۇرغاندا [ئوردىسىدىكى] بالىخانىنىڭ پەنجىرىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، كېسەل بولۇپ قالدى. ئۇ خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ ئەكرون شەھىرىدىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن مېنىڭ توغرامدا، كېسىلىدىن ساقىيامدۇ، دەپ سوراڭلار، دېدى. |
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بولسا تىشبىلىق ئىلىياسقا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، سامارىيە پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلدا خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن يول سورىغىلى ماڭدىڭلارمۇ؟ |
شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ھازىر مۇنداق دېدىكى: «سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېگىن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىياس يولغا چىقتى. |
خەۋەرچىلەر پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى؛ ئۇ ئۇلاردىن: نېمىشقا يېنىپ كەلدىڭلار، دەپ سورىدى. |
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىر ئادەم بىزگە ئۇچراپ بىزگە: ــ سىلەرنى ئەۋەتكەن پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلدا خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن يول سورىغىلى ئادەملەرنى ئەۋەتتىڭمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن!» دەڭلار، ــ دېدى. |
پادىشاھ ئۇلاردىن: سىلەرگە ئۇچراپ بۇ سۆزلەرنى قىلغان ئادەم قانداق ئادەم ئىكەن؟ ــ دەپ سورىدى. |
ئۇلار ئۇنىڭغا: ئۇ تۈكلۈك، بېلىگە تاسما باغلىغان ئادەم ئىكەن، دېدى. پادىشاھ: ئۇ تىشبىلىق ئىلىياس ئىكەن، دېدى. |
ئاندىن پادىشاھ بىر ئەللىكبېشىنى قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن ئىلىياسنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى؛ بۇ كىشى ئىلىياسنىڭ قېشىغا بارغاندا، مانا ئۇ بىر دۆڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى. ئۇ ئۇنىڭغا: ئى خۇدانىڭ ئادىمى، پادىشاھ سېنى چۈشۈپ كەلسۇن! دەيدۇ، دېدى. |
لېكىن ئىلىياس ئەللىكبېشىغا: ئەگەر مەن خۇدانىڭ ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ سەن بىلەن ئەللىك ئادىمىڭنى كۆيدۈرسۇن، دەپ جاۋاب بەردى. شۇئان ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئەللىك ئادىمىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. |
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يەنە بىر ئەللىكبېشىنى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى. ئۇ ئۇنىڭغا: ئى خۇدانىڭ ئادىمى، پادىشاھ ئېيتتى: سېنى دەرھال چۈشۈپ كەلسۇن! ــ دېدى. |
لېكىن ئىلىياس ئەللىكبېشىغا: ئەگەر مەن خۇدانىڭ ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ سەن بىلەن ئەللىك ئادىمىڭنى كۆيدۈرسۇن، دەپ جاۋاب بەردى. شۇئان خۇدانىڭ ئوتى ئاسماندىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئەللىك ئادىمىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. |
پادىشاھ ئەمدى ئۈچىنچى بىر ئەللىكبېشىنى قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى؛ ئەللىكبېشى بېرىپ ئىلىياسنىڭ ئالدىغا چىقىپ، تىزلىنىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: ئى خۇدانىڭ ئادىمى، مېنىڭ جېنىم بىلەن سېنىڭ بۇ ئەللىك قۇلۇڭنىڭ جانلىرى نەزىرىڭدە ئەزىز بولسۇن! |
دەرۋەقە، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئىلگىرىكى ئىككى ئەللىكبېشىنى ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن كۆيدۈرۈۋەتتى. لېكىن ھازىر مېنىڭ جېنىم سېنىڭ نەزىرىڭدە ئەزىز بولسۇن، دېدى. |
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىلىياسقا: سەن چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن بارغىن؛ ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، دېدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈپ پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ |
پادىشاھقا: پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: «ئىسرائىلدا ۋەھىي سورىغىلى بولىدىغان خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن يول سورىغىلى ئەلچىلەرنى ئەۋەتتىڭغۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن!» دەيدۇ، ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن ئىلىياس دېگەندەك، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئاھازىيا ئۆلدى. ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغاچقا، يەھورام ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. بۇ يەھوشافاتنىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىدى. |
ئەمدى ئاھازىيانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بولسا، ئۇلار «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |