< Efesiana 2 >

1 Fa nivilasy amo tahiñe naho hakeo’ areoo nahareo,
ۋە سىلەر بولساڭلار، قەبىھلىكلىرىڭلار ھەم گۇناھلىرىڭلاردا ئۆلگەن بولۇپ،
2 ie nañavelo an-tsata’ ty voatse toy te taolo, nañorike ty ana-dovàn-kaozara’ i tiokey, i fañahy mifanehake an-tro’ o anam-panjeharañeoy. (aiōn g165)
بۇ دۇنيانىڭ دەۋرىگە ئەگىشىپ، ھاۋانىڭ ھوقۇقىنى تۇتقان ھۆكۈمدارغا، يەنى بۈگۈنكى كۈندە ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنى قۇترىتىۋاتقان روھقا ئەگىشىپ، بۇ ئىشلاردا ئىلگىرى ماڭغانسىلەر؛ (aiōn g165)
3 Toe hene nimpiam’ iereo ka tika taolo amo hadraom-batan-tikañeo, ie nañeneke o nipaia’ o nofotseoo naho o fivetsevetseo vaho ni-anan-kabosehañe amo satan-tikañeo, manahake o ila’eo.
بىز ھەربىرىمىزمۇ ئىلگىرى شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەتلىرىمىزدىكى شەھۋەت-ھەۋەسلەردە ھايات ئۆتكۈزگەنمىز، ئەتلىرىمىز ھەم ئۆز ئوي-خىيالىمىزنىڭ خاھىشلىرىغا ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئوخشاش، ماھىيەتتە «غەزەپتىكى پەرزەنتلەر» بولغانمىز؛
4 Fe i Andrianañahare, mpañaleale am-piferenaiñañe, ty amy fikokoa’e jabajaba nikokoa’e antikañey,
بىراق خۇدا، مول رەھىم-شەپقەتنى كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بىزنى سۆيگەندە بىزگە كۆرسەتكەن ئالەمبەخش مېھىر-مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن، ــ
5 itika nikoromake an-kakeo ro nampitroara’e ho veloñe mindre amy Norizañey (i hasoa’ey ro mandrombake anahareo),
ھەتتا ئىتائەتسىزلىكلەردە ئۆلگەن ۋاقتىمىزدىمۇ، بىزگە مەسىھ بىلەن بىللە جان كىرگۈزۈپ (مېھىر-شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇلدۇڭلار!)،
6 le naharo’e fionjoñe ama’e tika, naho nampindreze’e fiambesatse andindìñe añe am’ Iesoà Norizañey,
بىزنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە مەسىھ ئەيسا بىلەن بىللە ئولتۇرغۇزغان؛
7 hampalangesa’e amo sa añeo ty hajabahinan-kasaron-kasoa’e ami’ty fatariha’e aman-tika am’ Iesoà Norizañey. (aiōn g165)
مەقسىتى كەلگۈسى زامانلاردا ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسادا بىزگە قارىتىلغان مېھرىبانلىقى بىلەن ئىپادىلەنگەن شاپائىتىنىڭ شۇنچە غايەت زور ئىكەنلىكىنى كۆسىتىشتىن ئىبارەتتۇر؛ (aiōn g165)
8 I hasoa’ey ty mandrombake anahareo am-patokisañe, toe tsy inahareo, fa ty falalàn’ Añahare,
چۈنكى سىلەر شەپقەت بىلەنلا ئىشەنچ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بۇ ئىش ئۆزۈڭلاردىن كەلگەن ئىش ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن ئىلتىپات،
9 le tsy o fitoloñañeo, tsy mone ao ty hiebotsebotse.
ئۇ زادىلا ئادەملەرنىڭ ئەمەل-ئەجرىدىن كەلمەيدۇ، بۇ ھەم ھېچكىمنىڭ ماختانماسلىقى ئۈچۈندۇر.
10 Satam-pità’e tikañe: naoreñe am’ Iesoà Norizañey hitoloñe o raha soa hinalankan’ Añahare aolo hañaveloan-tikañe ama’eo.
چۈنكى بىز خۇدانىڭ ئىشلىگەن ھۈنىرىدۇرمىز، خەيرخاھ ئىشلار ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا يارىتىلغانمىز؛ خۇدا ئەسلى بىزنىڭ ئۇلاردا مېڭىشىمىز ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا تەييارلىغانىدى.
11 Aa le tiahio t’ie nimpiamo kilakila ondaty a nofotseo te taolo, ie atao’ o sinavatseo ty hoe: tsy sinavatse (o fanoeñe an-tsandriñe am-pitàñeo),
شۇڭا سىلەر ئەسلىدە ئەتلىرىڭلارغا ئاساسەن «يات ئەللەر» دەپ ھېسابلانغىنىڭلارنى، ــ ئىنساننىڭ قولى بىلەن ئەتلىرىدە «خەتنە قىلىنغانلار» دەپ ئاتالغانلار تەرىپىدىن «خەتنىسىز» دەپ ئاتالغانلىقىڭلارنى،
12 mbore tsy tamy Norizañey nahareo henane zay, ni-renetane amy valobohò’ o nte-Israeleoy naho ambahiny amo fañìnam-pampitamañeo, tsy nanan-ko tamaeñe, vaho tsy aman’ Añahare ami’ty voatse toy.
شۇنداقلا شۇ چاغدا مەسىھسىز بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ پۇقرالىقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، ۋەدىلەرنى ئېلىپ كەلگۈچى ئەھدىلەرنى يات بىلىپ، بۇ دۇنيادا ئۈمىدسىز ھەم خۇداسىز ياشىغىنىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛
13 F’ie henaneo ro am’ Iesoà Norizañey ao, ie ni-tsietoitane añe ro nampañarinea’ ty lio’ i Norizañey.
لېكىن ئەسلى يىراقلاردا بولغان سىلەر ھازىر مەسىھنىڭ قېنى ئارقىلىق يېقىن قىلىندىڭلار؛
14 Ie ty fifampilongoan-tika, ie nanoen-ko raike i roey, naho rinotsa’e i kijoly nanebañey,
چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئىناقلىقىمىزدۇر، ئۇ ئىككى تەرەپنى بىر قىلىپ ئوتتۇرىدىكى ئارا تامنى چېقىۋەتتى؛
15 ie finongo’e am-pañòva’e ao i fifampirafelahiañey—toe ty Ha’ o fañè’e nalahatse ho fepètseo—hamitraña’e ama’e ty ondaty vao boak’ amy roe rey, hampanintsiña’e,
يەنى، ئۆز ئەتلىرى ئارقىلىق ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىپ، بەلگىلىمىلەرنى كۆرسەتكەن، ئەمرلەرنى يەتكۈزگەن قانۇننى بىكار قىلىپ، ئىككى تەرەپنى ئۆزىدە يېڭى بىر ئادەم قىلىپ ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىناقلىقنى ئاپىرىدە قىلدى؛
16 songa ho jebañe’e am-pañova raike aman’ Añahare, ie nandrotsake i fifampirafelahiañey ami’ty vata’e an-katae ajale eo.
كرېستكە مىخلىنىپ مۇشۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆچمەنلىكنى قەتل قىلىپ، ئىككىسىنى بىر تەندە خۇدا بىلەن ئەپلەشتۈردى؛
17 Nimb’ atoa re nitaroñe fifampilongoañe amo tsietoitane añeo naho fañanintsiñe amo marineo,
ئاندىن ئۇ كېلىپ، يىراقلاردا تۇرغان سىلەرگىمۇ ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى، يېقىندىكىلەرگىمۇ ئىناقلىقنى جاكارلىدى.
18 ie ro anañan-tika roe lalañe mb’aman-dRae amy Arofo raikey.
چۈنكى ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئارقىلىق بىر روھتا ئاتا ئالدىغا كىرىش ھوقۇقىمىز باردۇر.
19 Aa le tsy ambahiny, tsy aliheñe ka nahareo, fa borizañe mindre amo noro’eo, naho hasavereñan’ Añaharey,
شۇڭا شۇنىڭدىن باشلاپ سىلەر مۇساپىرلار، ياقا يۇرتتىكىلەر ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس بەندىلەرگە ۋەتەنداش بولىسىلەر، خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن بولىسىلەر؛
20 mioreñe ami’ty mananta’ o Firàheñe naho mpitokio: Iesoà Norizañe talèm-bato-kotsokey,
سىلەر روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر بولغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر؛ بىنانىڭ «بۇرجەك تېشى» بولسا ئەيسا مەسىھ ئۆزىدۇر؛
21 ama’e ty andrafetañe i anjombay iaby hitomboa’e ho anjomba Masiñe amy Talè ao.
ئۇنىڭدا پۈتكۈل بىنا پۇختا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، رەبدە مۇقەددەس بىر ئىبادەتخانا بولۇشقا ئۆسۈپ بارماقتا.
22 Ama’e ao ka ty andranjiañe anahareo ho fitobean’ Añahare añamy Arofoy.
سىلەرمۇ [قوشۇلۇپ] ئۇنىڭدا خۇدانىڭ بىر تۇرالغۇسى بولۇشقا روھتا بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلماقتىسىلەر.

< Efesiana 2 >