< 2 Tesaloniana 2 >

1 Aa le mihalaly ama’ areo zahay ry longo, ty amy fiavi’ i Talèntika Iesoà Norizañeiy naho i fitontonan-tika ama’ey,
ئى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە جەم قىلىنىشىمىز توغرىسىدا سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈمىزكى،
2 t’ie tsy hitroetroe am-betsevetse, tsy ho tsiborehetohe’ ty fañahy, ndra ty lañonañe, ndra ty taratasy atao nihirik’ ama’ay manao te nitondroke ty andro’ i Talè.
ئەگەر سىلەر «مەلۇم روھتىن كەلگەن ۋەھىي»دىن بولسۇن، بىرسىنىڭ سۆز-تەلىمىدىن بولسۇن ياكى «بىزنىڭ نامىمىزدا» يېزىلغان مەلۇم خەتلەردىن بولسۇن «رەبنىڭ كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، جىددىلىشىپ ھودۇقۇپ كەتمەڭلار ياكى دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار!
3 Mitaoa tsy ho fañahie’ ndra iaia amy zay, fa tsy ie naho tsy avy hey i fihànkañey vaho abentatse indaty tsy aman-Kakey, i anam-pandrotsahañey,
بۇ ئىشلاردا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار؛ چۈنكى ئاۋۋال «[چوڭ] يېنىش» بولۇپ، ئاندىن «گۇناھىي ئادەم»، يەنى «ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى ئادەم» ئاشكارىلانمىغۇچە، ئاشۇ كۈن كەلمەيدۇ.
4 ie hanjehatse naho hiebotse ambone’ ze atao ‘ndrañahare ndra fitalahoañe, hitoboke añ’ anjomban’ Añahare ao hieva ho Andrianañahare.
شۇ ئادەم خۇدا دەپ ئاتالغانغا ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەرگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ شۇنداق قىلىپ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى خۇدا دەپ كۆرسىتىپ جاكارلايدۇ.
5 Tsy tiahi’ areo hao te nitaliliako te mbe tama’ areo?
مەن سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتقىنىم ئېسىڭلاردا باردۇ؟
6 le fohi’ areo o misebañe aze henaneo, hampiboake aze an-tsa’e.
ۋە ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە ئاشكارىلانماسلىقى ئۈچۈن، نېمىنىڭ ئۇنى توسۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى سىلەرگە مەلۇم.
7 Fa mifanehake añetake ao henaneo i fisitahañe amy Hàkey; fe mbe mitoloñe avao i mpanebañey ampara’ t’ie nasintake añe.
چۈنكى «قانۇننى يوقاتقۇچى سىرلىق كۈچ» ئاللىقاچان يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلماقتا؛ لېكىن بۇ ئىشلارنى ھازىرچە توسۇپ كېلىۋاتقان بىرسى باردۇر؛ ئۇ ئوتتۇرىدىن چىققۇچە شۇنداق توسۇقلۇق پېتى تۇرىدۇ؛
8 Haboak’ amy zay i tsi-an-Kakey naho ho rebahe’ i Talè ami’ty fikofoham-palie’e vaho harotsa’e ami’ty fireandrea’ i fitotsaha’ey.
ئاندىن ئاشۇ «قانۇننى يوقاتقۇچى» ئاشكارىلىنىدۇ؛ بىراق رەب ئەيسا ئاغزىدىكى نەپىسى بىلەنلا ئۇنى يۇتۇۋېتىدۇ، كەلگەن چاغدىكى پارلاق نۇرى بىلەن ئۇنى يوق قىلىۋېتىدۇ.
9 Eka, ie pok’ eo i tsy mañambeñe Hàkey, le hatolo’ i mpañìnjey aze ty haozarañe hitoloñe raha tsi-tantane maro reke-biloñe naho sahàtse,
«قانۇننى يوقاتقۇچى»نىڭ مەيدانغا چىقىشى شەيتاننىڭ پەنتلىرى بىلەن بولىدۇ، ئۇ ھەر تۈرلۈك كۈچ-قۇدرەت، مۆجىزە ۋە يالغان كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ،
10 naho ze hene famañahia’ ty hatsivokarañe amo hirotsakeo, ie tsy nandrambe ty fikokoañe ty hatò hahazoa’ iareo rombake.
ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرىدىغان ھەرخىل قەبىھ ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاكەت ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۆزلىرىنى نىجاتقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى سۆيمەي، ئۇنىڭغا قەلبىدىن ئورۇن بەرمەسلىكىدىندۇر.
11 Izay ty amañahian’ Añahare iereo, hiantoke ty vande,
شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارغا يالغانچىلىققا ئىشەنسۇن دەپ ھەقىقەتتىن چەتنىتىدىغان بىر كۈچ ئەۋەتىدۇ.
12 le fonga ho zakaeñe o tsy miantoke ty hato te mone mifale an-katsivokarañeo.
نەتىجىدە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەي، بەلكى قەبىھلىكنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ.
13 F’ie tsy mete tsy mañandriañe an’ Andrianañahare ty ama’ areo nainai’e, ry longo isohe’ i Talè, amy t’ie nijoboñen’ Añahare tam-pifotora’e añe ho rombaheñe ami’ty fampiavaha’ i Arofoy vaho ty fatokisañe ty hatò.
لېكىن، ئەي، رەب سۆيگەن قېرىنداشلار، بىز سىلەر ئۈچۈن ھەردائىم خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇكى، خۇدا روھنىڭ ۋاسىتىسىدە پاك-مۇقەددەس قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق سىلەرنى نىجاتقا ئېرىشىشكە مۇقەددەمدىلا تاللىۋالدى.
14 Izay ty nikanjia’e anahareo amy talili-soa’ay, handrambe ty enge’ i Talèn-tika Iesoà Norizañey.
ئۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق سىلەرنى شۇ نىجاتقا، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىشكە چاقىردى.
15 Aa le mijohaña ry longo, mifahara amo fañòhañe nañoha’aio, ke an-tsara he an-taratasy.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، تاپان تىرەپ تۇرۇڭلار، بىز سىلەرگە ئېغىزچە ياكى خەت ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىمنى چىڭ تۇتۇڭلار!
16 Le i Talèntika Iesoà Norizañey naho i Andrianañahare Raen-tika mpikoko antika naho nanolotse antika fañohoañe tsy modo naho fitamàn-tsoa amy fañisoha’ey abey (aiōnios g166)
ئەمدى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى ۋە بىزنى سۆيگەن، مېھىر-شەپقەت بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت-تەسەللى ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز قەلبىڭلارنى رىغبەتلەندۈرگەي ھەمدە سىلەرنى ھەربىر گۈزەل ئىش قىلىشتا، ھەربىر ياخشى سۆزلەرنى يەتكۈزۈشتە كۈچلەندۈرگەي! (aiōnios g166)
17 ro hañosike ty arofo’ areo vaho hampijadoñe anahareo amy ze hene tsara naho fitoloñan-tsoa.

< 2 Tesaloniana 2 >