ئى ئوغۇللار، ئاتاڭلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاڭلار، كۆڭۈل قويساڭلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىسىلەر. |
چۈنكى سىلەرگە ئۆگىتىدىغانلىرىم ياخشى بىلىمدۇر، كۆرسەتمىلىرىمدىن ۋاز كەچمەڭلار. |
چۈنكى مەنمۇ ئاتامنىڭ يۇمران بالىسى ئىدىم، ئانامنىڭ ئارزۇلۇق يالغۇز ئوغلى ئىدىم، |
ئاتام ماڭا ئۆگىتىپ مۇنداق دېدى: ــ سۆزلىرىمنى ئېسىڭدە تۇت؛ كۆرسەتمىلىرىمگە رىئايە قىل، شۇنىڭ بىلەن ياشنايسەن. |
دانالىقنى ئالغىن، ئەقىل تاپ، ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۇنتۇما، ئۇلاردىن چىقما. |
[دانالىقتىن] ۋاز كەچمە، ئۇ سېنى ساقلايدۇ؛ ئۇنى سۆيگىن، ئۇ سېنى قوغدايدۇ. |
دانالىق ھەممە ئىشنىڭ بېشىدۇر؛ شۇڭا دانالىقنى ئالغىن؛ بارلىقىڭنى سەرپ قىلىپ بولساڭمۇ، ئەقىل تاپقىن. |
[دانالىقنى] ئەزىزلىگىن، ئۇ سېنى كۆتۈرىدۇ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغاندا، سېنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ. |
بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەكتەك [ساڭا گۈزەللىك ئېلىپ كېلىدۇ]، ساڭا شۆھرەتلىك تاج ئىنئام قىلىدۇ. |
ئى ئوغلۇم، قۇلاق سالغىن، سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلغىن، شۇندا ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپ بولىدۇ. |
مەن ساڭا دانالىق يولىنى ئۆگىتەي، سېنى دۇرۇسلۇق يوللىرىغا باشلاي. |
ماڭغىنىڭدا قەدەملىرىڭ چەكلەنمەيدۇ، يۈگۈرسەڭ يىقىلىپ چۈشمەيسەن. |
ئالغان تەربىيەڭنى چىڭ تۇت، قولۇڭدىن كەتكۈزمىگىن؛ ئوبدان ساقلىغىن ئۇنى، چۈنكى ئۇ سېنىڭ ھاياتىڭدۇر. |
يامان ئادەملەر ماڭغان يولغا كىرمە، رەزىللەرنىڭ ئىزىنى باسما. |
ئۇلارنىڭ [يولىدىن] ئۆزۈڭنى قاچۇر، [يولىغا] يېقىن يولىما؛ ئۇنىڭدىن يانداپ ئۆتۈپ كەت، نېرى كەتكىن. |
چۈنكى [يامانلار] بىرەر رەزىللىك قىلمىغۇچە ئۇخلىيالماس، بىرەرسىنى يىقىتمىغۇچە ئۇيقۇسى كەلمەس. |
يامانلىق ئۇلارنىڭ ئوزۇقىدۇر، زوراۋانلىق ئۇلارنىڭ شارابىدۇر. |
لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يولى گويا تاڭ نۇرىدۇر، كۈن چۈش بولغۇچە بارغانسېرى يورۇيدۇ. |
يامانلارنىڭ يولى زۇلمەت كېچىدەك قاپقاراڭغۇ، ئۇلار يىقىلىپ، نېمىگە پۇتلىشىپ كەتكىنىنى بىلمەيدۇ. |
ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇب ئاڭلا، گەپلىرىمگە قۇلاق سال. |
ئۇلارنى كۆزۈڭدە تۇتقىن، يۈرىكىڭنىڭ قېتىدا قەدىرلەپ ساقلىغىن. |
چۈنكى سۆزلىرىم تاپقانلار ئۈچۈن ھاياتتۇر، ئۇلارنىڭ پۈتۈن تېنىگە سالامەتلىكتۇر. |
قەلبىڭنى «ھەممىدىن ئەزىز» دەپ ساپ تۇت، چۈنكى بارلىق ھايات ئىشلىرى قەلبتىن باشلىنىدۇ. |
ئاغزىڭنى ئەگرى گەپتىن يىراق تارت، لەۋلىرىڭ ئېزىتقۇلۇقتىن نېرى بولسۇن. |
كۆزۈڭنى ئالدىڭغا تۈز تىككىن، نەزىرىڭنى ئالدىڭغا توغرا تاشلا؛ |
ماڭىدىغان يولۇڭنى ئوبدان ئويلانغىن، شۇنداق قىلساڭ ئىشلىرىڭ پۇختا بولىدۇ. |
ئوڭغا، سولغا قايمىغىن؛ قەدەملىرىڭنى يامانلىق يولىدىن نېرى تارت. |