مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، ئۇلار ماڭا ئىشەنمەي تۇرۇپ، سۆزۈمگە قۇلاق سالمايدۇ، بەلكى: «پەرۋەردىگار ساڭا كۆرۈنمىدى»، دېيىشى مۇمكىن، دېدى. |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ قولۇڭدىكى بۇ نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ بۇ بىر ھاسا، دەپ جاۋاب بەردى. |
ئۇ: ــ ئۇنى يەرگە تاشلا، دېدى. ئۇنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇ بىر يىلانغا ئايلاندى؛ مۇسا ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى. |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ قولۇڭنى ئۇزىتىپ، ئۇنى قۇيرۇقىدىن تۇت، دېۋىدى، ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتتى. ئۇ يەنە ئۇنىڭ قولىدا ھاسىغا ئايلاندى. |
[پەرۋەردىگار يەنە]: ــ بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا كۆرۈنگىنىگە ئىشىنىدۇ، ــ دېدى. |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: ــ قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، دېۋىدى، ئۇ قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىۋىدى، مانا، قولى پېسە-ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاردەك ئاقىرىپ كەتتى. |
ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ قولۇڭنى يەنە قوينۇڭغا سالغىن، دېۋىدى، قولىنى قوينىغا سالدى. ئۇنى يەنە قوينىدىن چىقىرىۋىدى، مانا، ئۆز ئەكسىگە كېلىپ ئەتلىرىنىڭ باشقا يەرلىرىدەك بولدى. |
پەرۋەردىگار يەنە: ــ شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىشەنمەي، ئالدىنقى مۆجىزىلىك ئالامەتكە كۆڭۈلشىمىسە، ئۇلار ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامەتكە ئىشىنىدۇ. |
ھالبۇكى، ئۇلار بۇ ئىككى مۆجىزىگە يەنىلا ئىشەنمىسە ۋە يا سۆزۈڭگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنداقتا سەن [نىل] دەرياسىنىڭ سۈيىدىن ئېلىپ، قۇرۇق يەرگە تۆككىن. شۇنىڭ بىلەن سەن دەريادىن ئالغان سۇ قۇرۇق يەر ئۈستىدە قانغا ئايلىنىدۇ، دېدى. |
ئاندىن مۇسا پەرۋەردىگارغا: ــ ئەي ئىگەم، مەن ئەسلىدىنلا گەپكە ئۇستا ئەمەستىم، سەن قۇلۇڭغا سۆز قىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇنداق؛ چۈنكى مەن ئاغزىم كالۋا ۋە تىلىم ئېغىر ئادەممەن، ــ دېدى. |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ كىم ئىنسانغا ئېغىز بەرگەن؟ كىم ئادەمنى گاچا ياكى گاس، كۆرگۈچى ياكى كور قىلغان؟ شۇنداق قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ |
ئەمدى سەن بارغىن، مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئاغزىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، نېمە سۆزلەيدىغىنىڭنى ساڭا ئۆگىتىپ تۇرىمەن، ــ دېدى. |
لېكىن ئۇ: ــ ئەي ئىگەم! سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، سەن [بۇ ئىشقا] خالىغان [باشقا] بىرسىنى ئەۋەتىپ، شۇنىڭ قولى بىلەن قىلغىن! ــ دېدى. |
بۇنى ئاڭلاپ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى مۇساغا تۇتىشىپ: ــ لاۋىيلاردىن بولغان ئاكاڭ ھارۇن بار ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ گەپنى ئوبدان قىلالايدىغىنىنى بىلىمەن. مانا، ئۇ ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭغا چىقىشقا ئاللىقاچان يولغا چىقتى؛ ئۇ سېنى كۆرسە، كۆڭلى تولىمۇ خۇش بولىدۇ. |
ئەمدى دەيدىغان گەپلەرنى ئۇنىڭغا ئېيت؛ مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئاغزىڭ بىلەن بىللە ۋە ئۇنىڭ ئاغزى بىلەن بىللە بولىمەن، نېمە قىلىش كېرەكلىكىڭلارنى سىلەرگە ئۆگىتىمەن. |
ھارۇن سېنىڭ ئورنۇڭدا خەلققە سۆزلەيدۇ؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ ساڭا ئېغىز بولىدۇ، سەن ئۇنىڭغا خۇدادەك بولىسەن. |
بۇ ھاسىنى قولۇڭغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن شۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىسەن، ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا قېينئاتىسى يەترونىڭ قېشىغا يېنىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئىجازەت بەرگەيلا، مىسىردىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ قېشىغا باراي، ئۇلار ھاياتمۇ، ئەمەسمۇ كۆرۈپ كېلەي، دېدى. يەترو مۇساغا: ــ ئامان-ئېسەن بېرىپ كەلگىن، ــ دېدى. |
مۇسا تېخى مىدىياندىكى ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: ــمىسىرغا يېنىپ بارغىن! چۈنكى سېنىڭ جېنىڭنى ئىستىگەن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى، ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئايالى ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى بىر ئېشەككە مىندۈرۈپ، مىسىر زېمىنىغا بېرىشقا يولغا چىقتى. ماڭغاندا مۇسا خۇدانىڭ ھاسىسىنى ئالغاچ كەتتى. |
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىرغا يېنىپ بارغىنىڭدا سەن ئاگاھ بول، مەن قولۇڭغا تاپشۇرغان بارلىق كارامەتلەرنى پىرەۋننىڭ ئالدىدا كۆرسەتكىن. لېكىن مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى خەلقنى قويۇپ بەرمىگۈدەك قاتتىق قىلىمەن. |
سەن پىرەۋنگە: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىل مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم بولىدۇ. |
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ساڭا: ئوغلۇمنى ئۆزۈمگە ئىبادەت قىلىشقا قويۇپ بەر، دېدىم. ئۇنىڭغا يول قويۇشنى رەت قىلىدىغان بولساڭ، سېنىڭ تۇنجى ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەن» ــ دېگىن، ــ دېدى. |
ئەمما مۇسا سەپەر قىلىپ بىر قونالغۇغا كەلگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئۇچراپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. |
شۇنىڭ بىلەن زىپپوراھ بىر چاقماق تېشىنى ئېلىپ، ئوغلىنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ، ئۇنى ئېرىنىڭ ئايىغىغا تاشلاپ: ــ سەن دەرۋەقە ئالدىمدا قان تۆكەر ئەر ئىكەنسەن! ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى قويۇپ بەردى (بۇ چاغدا زىپپوراھ ئۇنىڭغا: «سەن دەرۋەقە ئالدىمدا قان تۆكەر بىر ئەر ئىكەنسەن!» ــ دېدى. بۇ سۆزىنى ئۇ خەتنە تۈپەيلىدىن ئېيتتى). |
پەرۋەردىگار ھارۇنغا: ــ سەن چۆل-باياۋانغا بېرىپ، مۇسا بىلەن كۆرۈشكىن، دېۋىدى، ئۇ بېرىپ خۇدانىڭ تېغىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنى سۆيدى. |
مۇسا ئۆزىنى ئەۋەتكەن پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزلىرى بىلەن قىلىشقا بۇيرۇغان بارلىق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ھارۇنغا دەپ بەردى. |
ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن بېرىپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى يىغدى. |
ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى بايان قىلدى ۋە خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا شۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. |
بۇنى كۆرۈپ، خەلق ئىشەندى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى يوقلاپ، ئۇلار ئۇچرىغان خارلىقلارنى كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ سەجدە قىلىشتى. |