< Salamana Pamācības 7 >

1 Mans bērns, sargi manus vārdus un glabā pie sevis manu mācību.
ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىل، تاپشۇرۇقلىرىمنى يۈرىكىڭدە ساقلا.
2 Sargi manu pamācīšanu, tad tu dzīvosi, un manu mācību kā savu acu raugu.
تاپشۇرۇقلىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، ياشنايسەن؛ تەلىملىرىمنى كۆز قارىچۇقۇڭنى ئاسرىغاندەك ئاسرا.
3 Sien to ap saviem pirkstiem, ieraksti to savas sirds galdiņā.
ئۇلارنى بارماقلىرىڭغا تېڭىپ قوي، قەلب تاختاڭغا يېزىۋال.
4 Saki uz gudrību: Tu esi mana māsa! un atzīšanu sauc par savu radinieci,
دانالىقنى، سەن ھەدە-سىڭلىم، دېگىن، پەم-پاراسەتنى «تۇغقىنىم» دەپ چاقىر.
5 Ka tu sevi pasargi no svešas sievas, no svešinieces ar mīkstiem vārdiem.
شۇنداق قىلساڭ، ئۇلار سېنى يات خوتۇندىن يىراقلاشتۇرىدۇ، ئاغزىدىن سىلىق سۆز چىقىدىغان يوچۇن ئايالدىن نېرى قىلىدۇ.
6 Jo es skatījos pa sava nama logu, caur saviem skadriņiem,
[بىر قېتىم] ئۆينىڭ دېرىزە كۆزنەكلىرىدىن تاشقىرىغا قارىغىنىمدا،
7 Un redzēju nejēgu vidū un ieraudzīju starp zēniem neprātīgu jaunekli.
بىرنەچچە ياش، ساددا يىگىتلەرنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئەقىلسىزنى كۆرۈپ قالدىم،
8 Tas gāja pa ielu ap nama stūri, staigāja pa viņas nama ceļu,
ئۇ كوچا بويلاپ بۇزۇق [خوتۇن تۇرۇشلۇق] دوقمۇشتىن ئۆتۈپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
9 Pavakarē, krēslā, nakts vidū un tumsā.
كەچقۇرۇن قاراڭغۇ چۈشكەندە، زۇلمەت كېچە، ئاي قاراڭغۇسىدا [ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتتى].
10 Un redzi, viņu sastapa sieva, maukas apģērbā un viltu sirdī.
مانا، ئۆيدىن بىر خوتۇن چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى؛ كىيىمى پاھىشە ئاياللارنىڭكىدەك بولۇپ، نىيىتى ھىيلە-مىكىر ئىدى.
11 Šī bija trakule un palaidne, viņas kājas nemetās mājā;
ئاغزى بىشەم-ھاياسىز، ناھايىتى جاھىل بىر خوتۇن، ئۇ ئۆيىدە تۇرمايدۇ،
12 Te viņa ārā, te uz ielām un glūn aiz visiem stūriem.
بىردە مەھەللىدە، بىردە مەيدانلاردا، ئۇ كوچىلاردىكى ھەر دوقمۇشتا پايلاپ يۈرىدۇ.
13 Un tā viņu apkampa un skūpstīja kā bezkauņa un uz to sacīja:
ھېلىقى ياش يىگىتنى تارتىپ، ئۇنى سۆيۈپ، نومۇسسىزلارچە ئۇنىڭغا: ــ
14 „Pateicības upuri man bija jānes; šodien es savu solījumu esmu pildījusi.
«ئۆيۈمدە «ئىناقلىق قۇربانلىقى» گۆشى بار، مەن بۈگۈن خۇداغا قەسەم قىلغان قۇربانلىقنى قىلدىم،
15 Tādēļ esmu izgājusi tev pretī, tavu vaigu meklēt un tevi esmu atradusi.
شۇڭا مەن سىزنى چاقىرغىلى چىقتىم، دىدارىڭىزغا تەلپۈنۈپ ئىزدىدىم. ئەمدى سىزنى تېپىۋالدىم!
16 Ar apsegiem esmu klājusi savu gultu, ar strīpainiem Ēģiptes palagiem.
كارۋىتىمغا مىسىرنىڭ كەشتىلىك، يوللۇق لىباس ياپقۇچلىرىنى ياپتىم.
17 Savu gultu esmu izkvēpinājusi ar mirrēm, alvejām un kanēli;
ئورۇن-كۆرپىلىرىمگە خۇش پۇراق مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە قوۋزاق دارچىنلارنى چاچتىم.
18 Nāc, lai izbaudām kārības līdz rītam, lai izpriecājamies mīlestībā;
كېلىڭ، تاڭ ئاتقۇچە مۇھەببەتلىشەيلى، ئويناپ ھۇزۇرلىنايلى، كۆڭلىمىز قانغۇچە ئۆزئارا ئەيش-ئىشرەت قىلايلى،
19 Jo vīrs nav mājās, viņš aizgājis tālā ceļā,
ئېرىم ئۆيدە يوق، يىراق سەپەرگە چىقىپ كەتتى.
20 Viņš naudas maku ņēmis līdz, tik uz svētkiem vēl pārnāks mājās.“
ئۇ بىر ھەميان پۇل ئېلىپ كەتتى، ئاي تولغۇچە ئۇ ئۆيگە كەلمەيدۇ» ــ دېدى.
21 Viņa to pierunāja ar savu vārdu drūzmu, ar savu mīksto mēli tā viņu aizrāva.
ئايال كۆپ شېرىن سۆزلىرى بىلەن راسا قىزىقتۇردى، چىرايلىق گەپلىرى بىلەن ئۇنى ئەسىر قىلىۋالدى.
22 Uz reizi tas viņai gāja pakaļ, kā vērsis iet pie kaušanas un kā nelietis, saistīts uz sodu,
سويۇشقا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈزدەك، ھاماقەت كىشى كىشەن بىلەن جازاغا ماڭغاندەك، قىلتاققا چۈشكەن قۇشتەك، يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. جىگىرىنى ئوق تېشىپ ئۆتمىگۇچە، ئۇ بۇ ئىشنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ.
23 Kamēr bulta viņa aknas pāršķeļ; tā putns skrien sprostā un nezin, ka tas pret viņa dzīvību.
24 Nu tad, bērni, klausiet mani, un ņemiet vērā manas mutes vārdus.
ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، دېگەنلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار،
25 Lai tava sirds nenomaldās uz viņas ceļiem un nenoklīsti uz viņas gaitām;
قەلبىڭلارنى بۇنداق خوتۇننىڭ يولىغا كەتكۈزمەڭلار، ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەڭلار.
26 Jo daudz ir to nokauto, ko tā gāzusi zemē, un liels pulks, ko viņa nogalinājusi.
بۇنداق ئايال نۇرغۇن كىشىلەرنى يىقىتىپ يارىلاندۇرغان، ئۇنىڭ بوغۇزلىغان ئادەملىرى تولىمۇ كۆپتۇر،
27 Viņas nams ir ceļi uz elli, kas novada nāves kambaros. (Sheol h7585)
ئۇنىڭ ئۆيى بولسا تەھتىسارانىڭ كىرىش ئېغىزىدۇر، ئادەمنى «ھالاكەت مېھمانخانىسى»غا چۈشۈرۈش يولىدۇر. (Sheol h7585)

< Salamana Pamācības 7 >