< Salamana Pamācības 5 >

1 Mans bērns, ņem vērā manu gudrību, griez savu ausi pie manas mācības,
ئى ئوغلۇم، دانالىقىمغا كۆڭۈل قويغىن، ئىدراكلىك سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن.
2 Ka tu sargi apdomību, un tavas lūpas glabā atzīšanu.
شۇنداق قىلغىنىڭدا ئىشقا سەزگۈرلۈك بىلەن قارايدىغان بولىسەن، لەۋلىرىڭ پەم-پاراسەتتىن ئايرىلمايدۇ.
3 Jo svešas sievas lūpas pil kā tīrs medus, un viņas mute ir glumāka nekā eļļa;
چۈنكى بۇزۇق خوتۇننىڭ ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ، لەۋلىرى زەيتۇن يېغىدىن سىلىقتۇر؛
4 Bet gals tai ir rūgts kā vērmeles, un ass kā abējās pusēs griezīgs zobens.
لېكىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى كەكرىدەك ئاچچىق، ئىككى بىسلىق قىلىچتەك ئۆتكۈر.
5 Viņas kājas nokāpj nāvē, viņas soļi aizsniedz elli; (Sheol h7585)
ئۇنىڭ قەدەملىرى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئېلىپ بارىدۇ، تۇتقان يولى گۆرگە باشلايدۇ. (Sheol h7585)
6 Lai neapdomā dzīvības ceļus, viņas pēdas grozās, ka nezin kur.
ھاياتلىق يولىنى قىلچە بىلگۈم يوق دەپ، باسقان قەدەملىرى تۇراقسىز بولىدۇ، نەگە بارىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ.
7 Nu tad, bērni, klausiet man un neatkāpjaties no manas mutes vārdiem.
شۇڭا، ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، مېنىڭ دېگەنلىرىمدىن چىقماڭلار.
8 Lai tavs ceļš paliek tālu no viņas, un nenāc tuvu pie viņas nama durvīm,
ئۇنداق خوتۇندىن يىراق قاچ! ئىشىكى ئالدىغىمۇ يېقىن يولىما!
9 Ka tu nedod svešām savu jaunības spēku un savus gadus tam briesmīgam,
بولمىسا، ئىززەت-ئابرۇيۇڭنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىسەن، [ياشلىق] يىللىرىڭنى رەھىمسىزلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىسەن!
10 Ka sveši nepieēdās no tava spēka, un tavs grūtais pūliņš nenāk svešā namā,
يات ئادەملەر بايلىقلىرىڭ بىلەن ئۆزىنى تولدۇرىدۇ، جاپالىق ئەجىرلىرىڭنىڭ مېۋىسى ياقا يۇرتلۇقنىڭ ئۆيىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ؛
11 Un tev pēcgalā nav jānopūšas, kad tava āda un miesa diltin nodilusi,
ئەجىلىڭدە نالە-پەرياد كۆتۈرگىنىڭدە، ئەزايى-بەدىنىڭ يەم بولغاندا،
12 Un tev nav jāsaka: „Ak, kā es esmu nīdējis pamācīšanu, un mana sirds smējusies par rāšanu,
شۇ چاغدا سەن: ــ «ئاھ، نەسىھەتلەردىن نېمانچە نەپرەتلەنگەندىمەن! كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى نېمانچە كەمسىتكەندىمەن!
13 Un neesmu klausījis sava pamācītāja balsi, un savu ausi neesmu griezis uz tiem, kas mani mācīja!
نېمىشقا ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟ ماڭا تەربىيە بەرگەنلەرگە قۇلاق سالمىغاندىمەن؟
14 Tikko nelaimē vēl neesmu visai(dziļi) iestidzis, pašā draudzes un ļaužu vidū!“
جەمئىيەتتىمۇ، جامائەت ئالدىدىمۇ ھەرخىل نومۇسقا قالغاندەك بولدۇم!» ــ دەپ قالىسەن.
15 Dzer ūdeni no savas akas, un tekošu ūdeni no sava avota.
ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇنى ئىچكىن، ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان.
16 Vai tavi avoti lai iztek laukā, un ūdens upes uz ielām?
بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسە [بولامدۇ]؟ ئېرىقلىرىڭدىكى سۇلار كوچىلاردا ئېقىپ يۈرسە بولامدۇ؟
17 Lai tās tev vien pieder, un nevienam svešam līdz ar tevi.
بۇلار ساڭىلا خاس بولسۇن، يات كىشىلەرگە تەگمىسۇن!
18 Tavs avots lai ir svētīts, un tu priecājies par savas jaunības sievu.
بۇلىقىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولغاي! ياشلىقىڭدا ئالغان خوتۇنۇڭ بىلەن ھۇزۇرلان.
19 Ak kāda tā mīlīga, kā stirna, un daiļa, kā kalnu kaza! Pie viņas krūtīm pieglaudies allažiņ un ar viņas mīlestību ielīksmojies vienmēr!
ئۇ چىشى كېيىكتەك چىرايلىق! جەرەندەك سۆيۈملۈك! ئۇنىڭ باغرىدىن ھەمىشە قانائەتتە بولغايسەن، ئۇنىڭ قايناق مۇھەببىتىدىن دائىم خۇشاللىققا پاتقايسەن.
20 Un kādēļ tu, mans bērns, ar citu gribi jaukties un svešas sievietes krūtis apkampt!
ئى ئوغلۇم، نېمىشقا يات ئايالغا شەيدا بولىسەن؟ نېمىشقا يات خوتۇننىڭ قوينىغا ئۆزۈڭنى ئاتىسەن؟
21 Jo cilvēka ceļi stāv priekš Tā Kunga acīm, un Tas sver visus viņa soļus.
چۈنكى ئىنساننىڭ ھەممە قىلغانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىدۇر، ئۇ ئۇنىڭ ھەممە ماڭغان يوللىرىنى تارازىغا سېلىپ تۇرىدۇ.
22 Bezdievīgo gūstīs viņa paša noziegumi, un ar savu grēku saitēm viņš taps saistīts.
يامان ئادەمنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرى ئۆزىنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ، ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا ئېلىنىدۇ.
23 Bez pamācīšanas palicis, viņš nomirs, un savā lielā ģeķībā viņš gāzīsies.
ئۇ يوليورۇقتىن مەھرۇم بولغانلىقىدىن جېنىدىن ئايرىلىدۇ، چېكىدىن ئاشقان ھاماقەتلىكى تۈپەيلىدىن يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ.

< Salamana Pamācības 5 >