< Pirmā Laiku 9 >

1 Un viss Israēls tapa uzrakstīts, un redzi, tie ir rakstīti Israēla ķēniņu grāmatā. Un Jūda tapa aizvests uz Bābeli savu grēku dēļ.
پۈتكۈل ئىسرائىللار نەسەب بويىچە تىزىمغا ئېلىنغانىدى. مانا، ئۇلار «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ خاتىرىسى» دېگەن كىتابغا پۈتۈلگەندۇر.
2 Proti tie pirmie iedzīvotāji, kas savā īpašumā, savās pilsētās dzīvoja: Israēls, priesteri un Leviti un (dieva nama) apkalpotāji.
يەھۇدالار بولسا ئاسىيلىق قىلغانلىقىدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان. ھەممىدىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىپ ئۆز زېمىنى ۋە ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشقانلار بولسا بىر قىسىم ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئىدى.
3 Un Jeruzālemē dzīvoja no Jūda bērniem un no Benjamina bērniem un no Efraīma un Manasus bērniem:
يېرۇسالېمغا ماكانلاشقانلار بولسا يەھۇدا قەبىلىسى، بىنيامىن قەبىلىسى، ئەفرائىم قەبىلىسى ۋە ماناسسەھ قەبىلىسىدىن بىر قىسىملىرى ئىدى.
4 Utajus, Amjuda dēls, - tas bija Omra dēls, tas Imra, tas Banus dēls, - no Pereca, Jūda dēla, bērniem;
ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئوغلى پەرەزنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۇتاي بار ئىدى؛ ئۇتاي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى، ئاممىھۇد ئومرىنىڭ ئوغلى، ئومرى ئىمرىنىڭ ئوغلى، ئىمرى بانىنىڭ ئوغلى ئىدى.
5 Un no Šiloniešiem: Azajus, tas pirmdzimušais, un viņa bērni;
شىلوھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بار ئىدى.
6 Un no Zerus bērniem: Jeguēls un viņa brāļi, sešsimt un deviņdesmit.
زەراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەئۇئېل ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ جەمئىي ئالتە يۈز توقسان ئادەم بار ئىدى.
7 Un no Benjamina bērniem: Šalus, Mešulama dēls, tas bija Odavijas, tas Aznuas dēls,
بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ھاسسىنۇئاھنىڭ ئەۋرىسى، ھوداۋىيانىڭ نەۋرىسى، مەشۇللامنىڭ ئوغلى ساللۇ بار ئىدى؛
8 Un Jēneja, Jeroama dēls, un Elus, Uzus dēls, Mikrus dēla dēls, un Mešulams, Šefatijas dēls, tas bija Reguēļa, tas Jebneja dēls,
يەنە يەروھامنىڭ ئوغلى يىبنىيا، مىكرىنىڭ نەۋرىسى، ئۇززىنىڭ ئوغلى ئېلاھ ۋە ئىبىنىيانىڭ ئەۋرىسى، رېئۇئەلنىڭ نەۋرىسى، شەفاتىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام
9 Un viņa brāļi pēc viņu radiem, deviņsimt piecdesmit un seši. Visi tie vīri bija virsnieki pār saviem tēvu namiem.
ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار نەسەبنامىسى بويىچە تىزىملانغاندا جەمئىي توققۇز يۈز ئەللىك ئالتە ئادەم ئىدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار ئۆز جەمەتىگە جەمەت بېشى ئىدى.
10 Un no priesteriem: Jedaja un Jojaribs un Jaķins,
كاھىنلار ئىچىدە يەدايا، يەھويارىب، ياقىن ۋە
11 Un Azarija, Hilķijas dēls, tas bija Mešulama, tas Cadoka, tas Merajota, tas Aķitoba dēls, Dieva nama priekšnieks.
ئازارىيا بار ئىدى. ئازارىيا خۇدانىڭ ئۆيىنى باشقۇرغۇچى بولۇپ، ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ھىلقىيا مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام زادوكنىڭ ئوغلى، زادوك مېرايوتنىڭ ئوغلى، مېرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى.
12 Un Adaja, Jeroama dēls, tas bija Pašhura, tas Malhijas dēls, un Maēzajus, Adiēļa dēls, tas bija Jakzera, tas Mešulama, tas Mezilemita, tas Immera dēls,
يەنە مالكىيانىڭ ئەۋرىسى، پاشخۇرنىڭ نەۋرىسى، يەروھامنىڭ ئوغلى ئادايا ھەمدە ئادىيەلنىڭ ئوغلى مائاساي بار ئىدى؛ ئادىيەل ياھزەراھنىڭ ئوغلى، ياھزەراھ مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام مەشىللېمىتنىڭ ئوغلى، مەشىللېمىت ئىممەرنىڭ ئوغلى ئىدى.
13 Un viņu brāļi, savu tēvu namu virsnieki, tūkstoš septiņsimt un sešdesmit, stipri varoņi pie Dieva nama kalpošanas.
ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ھەممىسى جەمەت باشلىرى بولۇپ، جەمئىي بىر مىڭ يەتتە يۈز ئاتمىش ئادەم ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتلەرنى قىلىشقا بېكىتىلگەن ئىقتىدارلىق كىشىلەر ئىدى.
14 Un no Levitiem, no Merarus bērniem: Šemaja, Hašuba dēls, tas bija Azrikama, tas Hašabijas dēls,
لاۋىي قەبىلىسىدىن مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ھاشابىيانىڭ ئەۋرىسى، ئازرىكامنىڭ نەۋرىسى، ھاششۇبنىڭ ئوغلى شېمايا بار ئىدى؛
15 Un Bakbakars, Ķeres un Galals un Matanija, Mihas dēls, tas bija Sihrus, tas Asafa dēls,
يەنە باقباققار، ھەرەش، گالال ۋە ئاسافنىڭ ئەۋرىسى، زىكرىنىڭ نەۋرىسى، مىكانىڭ ئوغلى ماتتانىيا؛
16 Un Obadija, Šemajas dēls, tas bija Ģelala, tas Jedutuna dēls un Bereķija, Asafa dēls, Elkanas dēla dēls, kas dzīvoja Netofatiešu ciemos.
يەنە يەدۇتۇننىڭ ئەۋرىسى، گالالنىڭ نەۋرىسى، شېمايانىڭ ئوغلى ئوبادىيا ھەمدە ئەلكاناھنىڭ نەۋرىسى، ئاسانىڭ ئوغلى بەرەكىيا بار ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى نىتوفاتلىقلارنىڭ يېزا-كەنتلىرىگە ماكانلاشقانىدى.
17 Un vārtu sargi bija: Šalums un Akubs un Talmons un Aķimans ar saviem brāļiem, un Šalums bija par virsnieku.
دەرۋازىۋەنلەر شاللۇم، ئاققۇب، تالمون، ئاخىمان ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئىدى؛ شاللۇم ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى.
18 Un līdz šim šie ir pie ķēniņa vārtiem pret rītiem vārtu sargi Levja bērnu lēģeriem.
ئۇلار تاكى ھازىرغىچە شەرق تەرەپتىكى «پادىشاھنىڭ دەرۋازىسى»دا [دەرۋازىۋەنلىك] قىلىپ كەلمەكتە؛ ئۇلار ئىلگىرى لاۋىيلارنىڭ چېدىرگاھىدا دەرۋازىۋەنلىك قىلغانىدى.
19 Un Šalums, Kores dēls, tas bija AbiAsafa, tas Koraha dēls, un viņa brāļi no viņa tēva nama, tie Koraha dēli, bija pēc savas klausības sliekšņu sargi dzīvoklī, kā viņu tēvi bija bijuši durvju sargi Tā Kunga lēģerī.
كورەنىڭ ئەۋرىسى، ئېبىئاسافنىڭ نەۋرىسى، كوراھنىڭ ئوغلى شاللۇم ھەمدە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ جەمەتىدىكى قېرىنداشلىرى بولغان كوراھىيلار [خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ] خىزمىتىنى باشقۇراتتى، چېدىرنىڭ ئىشىكلىرىنى باقاتتى؛ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرگاھىنى باشقۇرۇشقا قويۇلغان، [ئىبادەت] چېدىرىنىڭ ئىشىكىنى باققانىدى.
20 Un Pinehas, Eleazara dēls, bija citkārt tiem par virsnieku; Tas Kungs bija ar to.
ئىلگىرى ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس ئۇلارنىڭ يولباشچىسى بولغان؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان.
21 Zaharija, Me Šelemijas dēls, bija par vārtu sargu pie saiešanas telts durvīm.
مەشەلەمىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا بولسا جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىۋەنى بولغانىدى.
22 Par sliekšņu sargiem iecelti bija pavisam divsimt divpadsmit; tie bija pierakstīti savos ciemos. Dāvids un Samuēls, tas redzētājs, tos tai amatā bija iecēluši uz ticību,
دەرۋازىۋەنلىككە تاللانغان بۇ كىشىلەر جەمئىي ئىككى يۈز ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ ئۇلار ئۆز يېزا-كەنتلىرىدە، نەسەبلىرى بويىچە تىزىملانغان (ئەسلىدە داۋۇت ۋە ئالدىن كۆرگۈچى سامۇئىل ئۇلارنى ئامانەت قىلىنغان ۋەزىپىلىرىگە بېكىتكەنىدى.
23 Ka tie ar saviem bērniem sargātu Tā Kunga namu, telts nama vārtus.
ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى، يەنى مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىشىك-دەرۋازىلىرىنى بېقىشقا بېكىتىلگەنىدى).
24 Un tie sargi stāvēja pret tiem četriem vējiem, pret rītiem, pret vakariem pret ziemeli un pret dienasvidu.
شەرقىي، غەربىي، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئىشىك-دەرۋازىلىرىدا دەرۋازىۋەنلەر بېكىتىلگەنىدى.
25 Un viņu brāļiem ciemos katru septīto dienu bija jānāk kalpot ar tiem.
ئۇلارنىڭ يېزا-كەنتلەردە ئولتۇرۇشلۇق قېرىنداشلىرى بولسا ھەر يەتتە كۈندە نۆۋەت بويىچە كېلىپ ئۇلار بىلەن بىرگە خىزمەتتە بولاتتى.
26 Jo šie četri sargu virsnieki, tie Leviti, bija iecelti uz ticību pār Dieva nama kambariem un mantām.
تۆت دەرۋازىۋەن بېگى لاۋىيلاردىن ئىدى؛ ئۇلارغا تاپشۇرۇلغىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئامبار-خەزىنىلەرنى بېقىش ئىدى.
27 Un tie palika caurām naktīm ap Dieva namu, jo tiem tas bija jāapsargā un ik rītu vārti jāatdara.
بېقىش مەسئۇلىيىتى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولغاچقا، ئۇلار كېچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى ئورۇنلىرىدا تۇراتتى ھەمدە ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىشىك-دەرۋازىلارنى ئېچىشقا مەسئۇل ئىدى.
28 Un citi no tiem bija iecelti pār dievkalpošanas rīkiem, ko tie pēc skaita ienesa un pēc skaita iznesa.
ئۇلاردىن بىر قىسمى [ئىبادەتخانا] خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە مەسئۇل ئىدى؛ ئۇلار ساناپ ئەپچىقىپ، ساناپ ئەپكىرىپ قوياتتى.
29 Un citi no tiem bija iecelti pār traukiem un pār visiem svētiem traukiem, un pār tiem kviešu miltiem un vīnu un eļļu un vīraku un dārgām zālēm.
ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمى تاپشۇرۇلغىنى بويىچە قاچا-قۇچىلار ۋە مۇقەددەس جايدىكى بارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر، شۇنداقلا ئاق ئۇن، شاراب، زەيتۇن مېيى، مەستىكى ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارغا مەسئۇل ئىدى.
30 Un no priesteru bērniem citi sataisīja smaržīgu svaidāmu eļļu.
كاھىنلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن بەزىلەر خۇشبۇي بۇيۇملاردىن ئەتىر ياسايتتى.
31 Un Matatijam no Levitiem, kas bija Šaluma, Koraha dēla, pirmdzimušais, pannu darbs bija uzticēts.
لاۋىيلاردىن ماتتىتىياھ، يەنى كوراھىيلاردىن شاللۇمنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ۋەزىپىسى قازان نېنى ئېتىشكە مەسئۇل ئىدى.
32 Un no Kehāta bērniem, viņu brāļiem, citiem bija uzticēta maizes uzlikšana, ka tā ik svētdienas taptu uzlikta.
ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە «تەقدىم نان»غا مەسئۇل بولۇپ، ھەر شابات كۈنى تىزىدىغانغا نانلارنى تەييارلايتتى.
33 Un šie, kas bija dziedātāji, Levitu tēvu namu virsnieki, bija atsvabināti no mantu kambariem, jo tie bija kalpošanā dienām naktīm.
لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىرى بولغان نەغمىچىلەر ئىبادەتخانىدىكى ئۆيلەردە تۇرۇپ، باشقا خىزمەتلەرنى قىلماي، كېچە-كۈندۈز ئۆز ئىشلىرى بىلەنلا بولاتتى.
34 Šie ir Levitu tēvu namu virsnieki pēc saviem radiem, virsnieki. Šie dzīvoja Jeruzālemē.
يۇقىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى لاۋىيلار ئىچىدىكى يولباشچىلار بولۇپ، ھەممىسى ئۆز نەسەبى بويىچە جەمەت بېشى ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا تۇراتتى.
35 Bet Gibeonā dzīvoja Jejels, Gibeona tēvs, un viņa sievai bija vārds Maēka.
گىبېئوننىڭ ئاتىسى جەئىيەل گىبېئونغا ماكانلاشقانىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكاھ ئىدى.
36 Un viņa pirmdzimušais dēls bija Abdons, tad Curs un Ķis un Baāls un Ners un Nadabs.
ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئابدون، قالغان ئوغۇللىرى زۇر، كىش، بائال، نەر، ناداب،
37 Un Ģedors un Aājus un Zaharija un Miklots.
گېدور، ئاخىيو، زەكەرىيا ۋە مىكلوت ئىدى.
38 Un Miklots dzemdināja Zimeamu; šie arīdzan dzīvoja blakām saviem brāļiem Jeruzālemē pie saviem brāļiem.
مىكلوتتىن شىمېيام تۆرەلگەن. بۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا يېرۇسالېمدا قوشنا ئولتۇرۇشاتتى.
39 Ners dzemdināja Ķisu, un Ķis dzemdināja Saulu, un Sauls dzemdināja Jonatānu un Malķizuū un Abinadabu un Ezbaālu.
نەردىن كىش تۆرەلگەن، كىشتىن سائۇل تۆرەلگەن، سائۇلدىن يوناتان، مالكىشۇيا، ئابىناداب ۋە ئېش-بائال تۆرەلگەن.
40 Un Jonatāna dēls bija Meribaāls, un Meribaāls dzemdināja Mihu.
مېرىب-بائال يوناتاننىڭ ئوغلى ئىدى؛ مېرىب-بائالدىن مىكاھ تۆرەلگەن.
41 Un Mihas bērni bija Pitons un Meleks un Taērijus.
مىكاھنىڭ ئوغۇللىرى پىتون، مەلەك، تاھرىيا ۋە ئاھاز ئىدى.
42 Un Ahazs dzemdināja Jaēru, un Jaērus dzemdināja Alemetu un Asmavetu un Zimru, un Zimrus dzemdināja Mocu.
ئاھازدىن ياراھ تۆرەلدى؛ ياراھدىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلگەن. زىمرىدىن موزا تۆرەلگەن؛
43 Un Mocus dzemdināja Bineū, tam dēls bija Revaja, tam Eleazus, tam Acels.
موزادىن بىنېئا تۆرەلگەن؛ بىنېئانىڭ ئوغلى رېفايا، رېفايانىڭ ئوغلى ئېلىئاساھ، ئېلىئاساھنىڭ ئوغلى ئازەل ئىدى.
44 Un Acelim bija seši dēli un šie ir viņu vārdi: Asrikams, Bokrus un Jezmaēls un Zearija un Obadija un Hanans, - šie ir Aceļa bērni.
ئازەلنىڭ ئالتە ئوغلى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىسمى ئازرىكام، بوكېرۇ، ئىشمائىل، شېئارىيا، ئوبادىيا ۋە ھانان ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئازەلنىڭ ئوغۇللىرى.

< Pirmā Laiku 9 >