< Zaccharias Propheta 2 >

1 et levavi oculos meos et vidi et ecce vir et in manu eius funiculus mensorum
ئاندىن مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا قولىدا ئۆلچەم تانىسىنى تۇتقان بىر ئادەمنى كۆردۈم
2 et dixi quo tu vadis et dixit ad me ut metiar Hierusalem et videam quanta sit latitudo eius et quanta longitudo eius
ۋە ئۇنىڭدىن: «نەگە بارىسەن؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «مەن يېرۇسالېمنى ئۆلچىگىلى، ئۇنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنى [ئۆلچەپ] بىلگىلى بارىمەن» ــ دېدى.
3 et ecce angelus qui loquebatur in me egrediebatur et angelus alius egrediebatur in occursum eius
مانا، مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقتى؛ يەنە بىر پەرىشتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقتى
4 et dixit ad eum curre loquere ad puerum istum dicens absque muro habitabitur Hierusalem prae multitudine hominum et iumentorum in medio eius
ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ يۈگۈر، بۇ ياش يىگىتكە سۆز قىل، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ «يېرۇسالېم ئۆزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەرنىڭ ۋە ماللارنىڭ كۆپلۈكىدىن سېپىلسىز شەھەرلەردەك بولىدۇ.
5 et ego ero ei ait Dominus murus ignis in circuitu et in gloria ero in medio eius
ــ ۋە مەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوت-يالقۇن سېپىلى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى شان-شەرىپى بولىمەن.
6 o o fugite de terra aquilonis dicit Dominus quoniam in quattuor ventos caeli dispersi vos dicit Dominus
ــ ھوي! ھوي! شىمالىي زېمىندىن قېچىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سىلەرنى ئاسماندىكى تۆت تەرەپتىن چىققان شامالدەك تارقىتىۋەتكەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار».
7 o Sion fuge quae habitas apud filiam Babylonis
«ــ ھەي! ئى بابىل قىزى بىلەن تۇرغۇچى زىئون، قاچقىن!
8 quia haec dicit Dominus exercituum post gloriam misit me ad gentes quae spoliaverunt vos qui enim tetigerit vos tangit pupillam oculi eius
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز شان-شەرىپىنى دەپ ئۇ مېنى سىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ئەللەرگە ئەۋەتتى؛ چۈنكى كىم سىلەرگە چېقىلسا، شۇ ئۆزىنىڭ كۆز قارىچوقىغا چېقىلغان بولىدۇ.
9 quia ecce ego levo manum meam super eos et erunt praedae his qui serviebant sibi et cognoscetis quia Dominus exercituum misit me
چۈنكى مانا، مەن ئۆز قولۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سىلكىيمەن، ئۇلار ئۆزلىرىگە قۇل قىلىنغۇچىلارغا ئولجا بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر.
10 lauda et laetare filia Sion quia ecce ego venio et habitabo in medio tui ait Dominus
ناخشىلارنى ياڭرىتىپ شادلان، ئى زىئون قىزى؛ چۈنكى مانا، كېلىۋاتىمەن، ئاراڭدا ماكانلىشىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار،
11 et adplicabuntur gentes multae ad Dominum in die illa et erunt mihi in populum et habitabo in medio tui et scies quia Dominus exercituum misit me ad te
ــ ۋە شۇ كۈنىدە كۆپ ئەللەر پەرۋەردىگارغا باغلىنىدۇ، ماڭا بىر خەلق بولىدۇ؛ ئاراڭدا ماكانلىشىمەن ۋە سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛
12 et possidebit Dominus Iudam partem suam in terra sanctificata et eliget adhuc Hierusalem
شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار يەھۇدانى ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس زېمىنى»دا نېسىۋىسى بولۇشقا مىراس قىلىدۇ ۋە يەنە يېرۇسالېمنى تاللىۋالىدۇ.
13 sileat omnis caro a facie Domini quia consurrexit de habitaculo sancto suo
بارلىق ئەت ئىگىلىرى پەرۋەردىگار ئالدىدا سۈكۈت قىلسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ماكانىدىن قوزغالدى!»

< Zaccharias Propheta 2 >