< Romanos 11 >

1 dico ergo numquid reppulit Deus populum suum absit nam et ego Israhelita sum ex semine Abraham tribu Beniamin
ئۇنداقتا، شۇنى سورايمەنكى: ــ خۇدا ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچتىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! مەنمۇ ئىبراھىم ئەۋلادىدىن، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئىسرائىلغۇ!
2 non reppulit Deus plebem suam quam praesciit an nescitis in Helia quid dicit scriptura quemadmodum interpellat Deum adversus Israhel
خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەن ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. مۇقەددەس يازمىلاردا ئىلياس [پەيغەمبەر] ھەققىدە نېمە دېيىلگەنلىكى سىلەرگە ئايان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئىسرائىللاردىن ئازار چېكىپ خۇداغا يېلىنىپ: ــ
3 Domine prophetas tuos occiderunt altaria tua suffoderunt et ego relictus sum solus et quaerunt animam meam
«ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈشتى، قۇربانگاھلىرىڭنى چېقىشتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇزلا قالدىم، ئۇلار يەنە مېنىڭمۇ جېنىمنى ئالماقچى بولۇشۇۋاتىدۇ»، دېگەن.
4 sed quid dicit illi responsum divinum reliqui mihi septem milia virorum qui non curvaverunt genu Baal
خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرغان كالامى قانداق بولدى؟ ئۇ: «بائالغا تىز پۈكمىگەن يەتتە مىڭ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم» ــ دېگەن.
5 sic ergo et in hoc tempore reliquiae secundum electionem gratiae factae sunt
خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن [ئىسرائىلدىن] ئۆزى تاللىغان بىر «قالدى» بار.
6 si autem gratia non ex operibus alioquin gratia iam non est gratia
[ئۇلارنىڭ تاللىنىشى] شاپائەت بىلەن بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرىنىڭ ئەجىر-ئەمىلى بىلەن بولغان ئەمەس. ئەمەللەردىن بولغان بولسا، شاپائەت شاپائەت بولماي قالاتتى.
7 quid ergo quod quaerebat Israhel hoc non est consecutus electio autem consecuta est ceteri vero excaecati sunt
نەتىجىدە قانداق بولدى؟ ئىسرائىللار ئىزدىگىنىگە ئېرىشەلمىدى، لېكىن ئۇلاردىن تاللانغانلار ئېرىشتى. قالغانلارنىڭ بولسا، كۆڭۈللىرى بىخۇدلاشتۇرۇلدى.
8 sicut scriptum est dedit illis Deus spiritum conpunctionis oculos ut non videant et aures ut non audiant usque in hodiernum diem
خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: ــ «خۇدا ئۇلارنىڭ روھ-قەلبىنى غەپلەتكە سالدى، بۈگۈنگە قەدەر كۆزلىرىنى كۆرمەس، قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى».
9 et David dicit fiat mensa eorum in laqueum et in captionem et in scandalum et in retributionem illis
شۇنىڭدەك داۋۇت [پەيغەمبەرمۇ] مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قاپقان ۋە تۇزاق بولۇپ، ئۇلارنى پۇتلاشتۇرۇپ، قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرسۇن!
10 obscurentur oculi eorum ne videant et dorsum illorum semper incurva
كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، كۆرەلمىسۇن؛ بەللىرىنى مەڭگۈ رۇسلاتماي پۈكۈلدۈرگەيسەن!»
11 dico ergo numquid sic offenderunt ut caderent absit sed illorum delicto salus gentibus ut illos aemulentur
ئۇنداقتا، شۇنىمۇ سورايكى: [ئىسرائىللار] يىقىلىپ قايتىدىن تۇرغۇزۇلماسلىققا پۇتلاشقانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! لېكىن ئۇلارنىڭ تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن نىجات يات ئەللىكلەرگە يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت ئىسرائىللارنى ھەسەتكە قوزغاشتىن ئىبارەتتۇر.
12 quod si delictum illorum divitiae sunt mundi et deminutio eorum divitiae gentium quanto magis plenitudo eorum
ئەمدى ئۇلارنىڭ تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلىشى دۇنياغا ئاسايىشلىق بەخش ئەتكەن بولسا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ زىيان تارتقىنى ئەللەرنى بېيىتقان بولسا، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق نىجاتلىققا ئېرىشىشى دۇنياغا تېخىمۇ زور بەخت ئېلىپ كەلمەمدۇ؟!
13 vobis enim dico gentibus quamdiu quidem ego sum gentium apostolus ministerium meum honorificabo
ئەمدى سىلەر ئەللىكلەرگە سۆزلەۋاتىمەن؛ مەن ئەللىكلەرگە روسۇل سۈپىتىدە بېكىتىلگەندىن كېيىن، ۋەزىپەمنى شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلايمەنكى،
14 si quo modo ad aemulandum provocem carnem meam et salvos faciam aliquos ex illis
جانجىگەرلىرىم بولغانلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتۇلدۇرارمەنمىكىن دېگەن ئۈمىدتە بولىمەن.
15 si enim amissio eorum reconciliatio est mundi quae adsumptio nisi vita ex mortuis
چۈنكى ئۇلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دۇنيادىكى ئەللەرنى خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇش بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولماي نېمە؟
16 quod si delibatio sancta est et massa et si radix sancta et rami
ھوسۇلدىن تۇنجى بولۇپ چىققان خېمىردىن بىر كاللىكى مۇقەددەس ھېسابلانسا، پۈتۈن خېمىر مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىدۇ. دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ.
17 quod si aliqui ex ramis fracti sunt tu autem cum oleaster esses insertus es in illis et socius radicis et pinguidinis olivae factus es
زەيتۇن دەرىخىنىڭ بىرنەچچە شېخى دەرۋەقە سۇندۇرىۋېتىلگەنىدى، ۋە سەن ياۋا زەيتۇن كۆچىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاندىڭ. مانا ئەمدى دەرەخ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، مول شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولغۇچى بولغانىكەنسەن،.
18 noli gloriari adversus ramos quod si gloriaris non tu radicem portas sed radix te
ئەمدى سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلاردىن ئۆزۈڭنى ئۈستۈن قىلىپ ماختانما. ماختانساڭ، شۇنى ئۇنتۇمىغىنكى، سەن يىلتىزنى ئەمەس، يىلتىز سېنى كۆتۈرۈپ قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ.
19 dices ergo fracti sunt rami ut ego inserar
سەن ئەمدى: «شاخلار مېنىڭ ئۇلىنىشىم ئۈچۈن سۇندۇرىۋېتىلدى» ــ دېيىشىڭ مۇمكىن.
20 bene propter incredulitatem fracti sunt tu autem fide stas noli altum sapere sed time
توغرا، ئۇلار ئېتىقادسىزلىقتىن سۇندۇرۇلدى؛ سەن بولساڭ، ئېتىقادىڭ بىلەن تىك تۇرىسەن؛ بىراق ئۇنىڭدىن مەغرۇرلانما، ئەكسىچە [خۇدادىن] قورق!
21 si enim Deus naturalibus ramis non pepercit ne forte nec tibi parcat
چۈنكى خۇدا ئەينى ۋاقتىدا بۇ دەرەخنىڭ ئۆز شاخلىرىنى ئايىمىغانىكەن، سېنىمۇ ئايىماسلىقى مۇمكىن.
22 vide ergo bonitatem et severitatem Dei in eos quidem qui ceciderunt severitatem in te autem bonitatem Dei si permanseris in bonitate alioquin et tu excideris
مانا، [بۇ ئىشلاردا] خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىغا ھەمدە قاتتىق قول ئىكەنلىكىگە قارا. ئۇ ئۆز يولىدىن يىقىلىپ چۈشكەنلەرگە قاتتىق قول ئىدى، لېكىن ساڭا (مېھرىبانلىقىدا داۋاملىق تۇرساڭلا) مېھرىبانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇنداق بولمىغاندا، سەنمۇ كېسىپ تاشلىنىسەن.
23 sed et illi si non permanserint in incredulitate inserentur potens est enim Deus iterum inserere illos
[يەھۇدىيلارمۇ] ئېتىقادسىزلىقتا چىڭ تۇرىۋالمىسا، ئەسلىدىكى دەرەخكە ئۇلىنىدۇ. چۈنكى خۇدا ئۇلارنى قايتا ئۇلاشقا قادىردۇر.
24 nam si tu ex naturali excisus es oleastro et contra naturam insertus es in bonam olivam quanto magis hii secundum naturam inserentur suae olivae
چۈنكى ئەگەر سەن ياۋا زەيتۇن دەرىخىدىن كېسىپ ئېلىنىپ، تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا [باغدىكى] ياخشى زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان يەردە، ئەسلىدىكى بۇ تەبىئىي شاخلارنىڭ ئۆز دەرىخىكە ئۇلىنىشى تېخىمۇ مۇمكىنغۇ؟!
25 nolo enim vos ignorare fratres mysterium hoc ut non sitis vobis ipsis sapientes quia caecitas ex parte contigit in Israhel donec plenitudo gentium intraret
قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى ئۈستۈن ۋە ئەقىللىق چاغلاشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ۋەھىي قىلىنغان شۇ سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەنكى، تا [خۇدا تاللىغان] يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە، ئىسرائىلنىڭ بىر قىسمى تاش يۈرەكلىككە قالدۇرۇلىدۇ؛
26 et sic omnis Israhel salvus fieret sicut scriptum est veniet ex Sion qui eripiat avertet impietates ab Iacob
ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: ــ «قۇتقۇزغۇچى زىئوندىن كېلىپ، ئىپلاسلىقنى ياقۇپتىن يوق قىلىدۇ.
27 et hoc illis a me testamentum cum abstulero peccata eorum
مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكىنىمدە، مانا بۇ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم بولىدۇ».
28 secundum evangelium quidem inimici propter vos secundum electionem autem carissimi propter patres
ئەمدى خۇش خەۋەر جەھەتتىن قارىغاندا، سىلەرنىڭ بەختىڭلار ئۈچۈن يەھۇدىي خەلقى [خۇش خەۋەرگە] دۈشمەن قىلىپ بېكىتىلگەن؛ بىراق خۇدانىڭ تاللىشى جەھەتتىن قارىغاندا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز سەۋەبىدىن سۆيۈلگەندۇر.
29 sine paenitentia enim sunt dona et vocatio Dei
چۈنكى خۇدا ئۆزى بەرگەنلىرىنى ۋە چاقىرىقىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ.
30 sicut enim aliquando et vos non credidistis Deo nunc autem misericordiam consecuti estis propter illorum incredulitatem
سىلەر ئەللىكلەرمۇ بىر چاغلاردا خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان بولساڭلارمۇ، [يەھۇدىيلارنىڭ] ئىتائەتسىزلىكىنىڭ نەتىجىسىدە ھازىر رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتىڭلار.
31 ita et isti nunc non crediderunt in vestram misericordiam ut et ipsi misericordiam consequantur
يەھۇدىيلار بولسا ئىتائەت قىلماي كېلىۋاتىدۇ؛ [خۇدانىڭ] بۇنىڭدىكى مەقسىتى، سىلەرگە كۆرسەتكەن رەھىم-شەپقەت ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
32 conclusit enim Deus omnia in incredulitatem ut omnium misereatur (eleēsē g1653)
چۈنكى خۇدا پۈتكۈل ئىنسانغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەممەيلەننى ئىتائەتسىزلىككە سولاپ قويدى. (eleēsē g1653)
33 o altitudo divitiarum sapientiae et scientiae Dei quam inconprehensibilia sunt iudicia eius et investigabiles viae eius
ــ ئاھ! خۇدانىڭ دانالىقى ۋە ئىلىم-ھېكمىتىنىڭ بىباھا بايلىقلىرى ھەم ھېسابسىز چوڭقۇرلۇقى! ئۇنىڭ ھۆكۈمىلىرىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولماس! ئۇنىڭ يوللىرى ئىزدەپ تېپىشتىن شۇنچە يىراقتۇر!
34 quis enim cognovit sensum Domini aut quis consiliarius eius fuit
«كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-مۇددىئالىرىنى چۈشىنىپ يەتتى؟ كىممۇ ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىدى؟»
35 aut quis prior dedit illi et retribuetur ei
«ئۇنىڭغا كىم ئاۋۋال بىر نەرسە بېرىپ، كېيىن ئۇنى قايتۇرۇپ بەر دېيەلىدى؟».
36 quoniam ex ipso et per ipsum et in ipso omnia ipsi gloria in saecula amen (aiōn g165)
چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدىن كەلگەن، ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. [بارلىق] شان-شەرەپ ئەبەدگىچە ئۇنىڭغا بولغاي! ئامىن. (aiōn g165)

< Romanos 11 >