< Apocalypsis 6 >

1 et vidi quod aperuisset agnus unum de septem signaculis et audivi unum de quattuor animalibus dicentem tamquam vocem tonitrui veni
ئاندىن قوزا يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنى ئاچقاندا، مەن قاراپ تۇردۇم. تۆت ھايات مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.
2 et vidi et ecce equus albus et qui sedebat super illum habebat arcum et data est ei corona et exivit vincens ut vinceret
كۆردۈمكى، مانا بىر ئاق ئات كەلدى! ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر ئوق-يا بار ئىدى؛ ئۇنىڭغا بىر تاج بېرىلدى. ئۇ غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە زەپەر قۇچۇش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندى.
3 et cum aperuisset sigillum secundum audivi secundum animal dicens veni
قوزا ئىككىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئىككىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.
4 et exivit alius equus rufus et qui sedebat super illum datum est ei ut sumeret pacem de terra et ut invicem se interficiant et datus est illi gladius magnus
يەنە بىر ئات ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇنىڭ رەڭگى قىپقىزىل ئىدى. ئاتقا مىنگۈچىگە يەر يۈزىدىكى تىنچلىقنى ئېلىپ كېتىش ۋە ئىنسانلارنى ئۆزئارا قىرغىنچىلىققا سېلىش ھوقۇقى بېرىلدى. ئۇنىڭغا يەنە چوڭ بىر قىلىچ بېرىلدى.
5 et cum aperuisset sigillum tertium audivi tertium animal dicens veni et vidi et ecce equus niger et qui sedebat super eum habebat stateram in manu sua
قوزا ئۈچىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئۈچىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. مەن كۆردۈمكى، مانا بىر قارا ئات كەلدى. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى.
6 et audivi tamquam vocem in medio quattuor animalium dicentem bilibris tritici denario et tres bilibres hordei denario et vinum et oleum ne laeseris
تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىسىدىن: ــ «بىر تاۋاق بۇغداي بىر دىنارىئۇس پۇلغا، ئۈچ تاۋاق ئارپا بىر دىنارىئۇس پۇلغا سېتىلىدۇ. ئەمما زەيتۇن يېغىغا ۋە شارابقا زەرەر يەتكۈزمىگىن!» ــ دېگەندەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.
7 et cum aperuisset sigillum quartum audivi vocem quarti animalis dicentis veni et vidi
قوزا تۆتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، تۆتىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.
8 et ecce equus pallidus et qui sedebat desuper nomen illi Mors et inferus sequebatur eum et data est illi potestas super quattuor partes terrae interficere gladio fame et morte et bestiis terrae (Hadēs g86)
كۆردۈمكى، مانا بىر تاتىراڭ ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «ئۆلۈم» ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن تەھتىسارا ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارغا يەر يۈزىنىڭ تۆتتىن بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بېرىلدى. (Hadēs g86)
9 et cum aperuisset quintum sigillum vidi subtus altare animas interfectorum propter verbum Dei et propter testimonium quod habebant
قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ئۈچۈن ۋە ئىزچىل گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋەجىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانگاھنىڭ تېگىدە كۆردۈم.
10 et clamabant voce magna dicentes usquequo Domine sanctus et verus non iudicas et vindicas sanguinem nostrum de his qui habitant in terra
ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا سېلىشىپ: ــ ئەي ھاكىممۇتلەق ئىگىمىز، مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى! سەن قاچانغىچە يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى سوراق قىلماي، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئالمايسەن؟ ــ دېيىشەتتى.
11 et datae sunt illis singulae stolae albae et dictum est illis ut requiescerent tempus adhuc modicum donec impleantur conservi eorum et fratres eorum qui interficiendi sunt sicut et illi
ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلدى. ئۇلارغا، ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان قۇل-بۇرادەرلىرىڭلار ھەم قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت ئارام ئېلىشىڭلار كېرەك، دەپ ئېيتىلدى.
12 et vidi cum aperuisset sigillum sextum et terraemotus factus est magnus et sol factus est niger tamquam saccus cilicinus et luna tota facta est sicut sanguis
ئاندىن مەن قوزا ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقىنىدا كۆردۈمكى، مانا دەھشەتلىك بىر يەر تەۋرەش يۈز بەردى، قۇياش بەئەينى قارا يۇڭدىن توقۇلغان بۆزدەك قاپقارا رەڭگە، تولۇن ئاي بولسا قاننىڭ رەڭگىگە كىردى.
13 et stellae caeli ceciderunt super terram sicut ficus mittit grossos suos cum vento magno movetur
ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قاتتىق بوراندا سىلكىنىشىدىن ئەنجۈر غورىلىرى يەرگە تۆكۈلگەندەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ يەر يۈزىگە تۆكۈلدى.
14 et caelum recessit sicut liber involutus et omnis mons et insulae de locis suis motae sunt
ئاسمان خۇددى ئورام يازمىنىڭ تۈرۈلگىنىدەك غايىب بولدى، ھەربىر تاغ ۋە ئارال ئورنىدىن يۆتكەلدى؛
15 et reges terrae et principes et tribuni et divites et fortes et omnis servus et liber absconderunt se in speluncis et petris montium
ھەمدە دۇنيادىكى پادىشاھلار، مۆتىۋەرلەر، سەردارلار، بايلار، كۈچلۈكلەر، قۇللار ۋە ھۆرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى.
16 et dicunt montibus et petris cadite super nos et abscondite nos a facie sedentis super thronum et ab ira agni
ئۇلار تاغلارغا ۋە قورام تاشلارغا مۇنداق دەپ جار سالدى: ــ «ئۈستىمىزگە چۈشۈڭلار! بىزنى تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ سىيماسىدىن ھەم قوزىنىڭ غەزىپىدىن يوشۇرۇڭلار ۋە ساقلاڭلار!
17 quoniam venit dies magnus irae ipsorum et quis poterit stare
چۈنكى ئۇلارنىڭ دەھشەتلىك غەزەپ كۈنى كەلدى، ئەمدى كىم پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟!».

< Apocalypsis 6 >