< Psalmorum 143 >

1 psalmus David quando filius eum persequebatur Domine exaudi orationem meam auribus percipe obsecrationem meam in veritate tua exaudi me in tua iustitia
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ يېلىنىشلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە ھەم ھەققانىيىتىڭدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن.
2 et non intres in iudicio cum servo tuo quia non iustificabitur in conspectu tuo omnis vivens
ئۆز قۇلۇڭنى سوراققا تارتىشقا تۇرمىغايسەن؛ چۈنكى نەزىرىڭدە تىرىكلەرنىڭ ھېچبىرى ھەققانىي ئىسپاتلانمايدۇ.
3 quia persecutus est inimicus animam meam humiliavit in terra vitam meam conlocavit me in obscuris sicut mortuos saeculi
چۈنكى دۈشمەن جېنىمغا زىيانكەشلىك قىلماقتا، ئۇ ھاياتىمنى دەپسەندە قىلدى؛ مېنى خۇددى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك، قاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
4 et anxiatus est super me spiritus meus in me turbatum est cor meum
شۇڭا روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالدى؛ ئىچىمدە قەلبىم سۇندى.
5 memor fui dierum antiquorum meditatus sum in omnibus operibus tuis in factis manuum tuarum meditabar
مەن قەدىمكى كۈنلەرنى ئەسلەيمەن؛ سېنىڭ بارلىق قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ قوللىرىڭ ئىشلىگەنلىرىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزىمەن.
6 expandi manus meas ad te anima mea sicut terra sine aqua tibi diapsalma
قوللىرىمنى ساڭا قاراپ سوزۇپ ئىنتىلىمەن؛ جېنىم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر. سېلاھ.
7 velociter exaudi me Domine defecit spiritus meus non avertas faciem tuam a me et similis ero descendentibus in lacum
ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ روھىم ھالىدىن كېتىدۇ؛ دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن؛ بولمىسا مەن ھاڭغا چۈشىدىغانلاردەك بولىمەن.
8 auditam mihi fac mane misericordiam tuam quia in te speravi notam fac mihi viam in qua ambulem quia ad te levavi animam meam
مېھىر-مۇھەببىتىڭنى تاڭ سەھەردە ئاڭلاتقايسەن؛ چۈنكى تايانغىنىم سەن؛ مېڭىشىم كېرەك بولغان يولنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن؛ چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛
9 eripe me de inimicis meis Domine ad te confugi
مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىمدىن؛ باشپاناھ ئىزدەپ سېنىڭ يېنىڭغا قاچىمەن.
10 doce me facere voluntatem tuam quia Deus meus es tu spiritus tuus bonus deducet me in terra recta
ئۆز ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىشىمقا مېنى ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن؛ سېنىڭ مېھرىبان روھىڭ مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىگەي؛
11 propter nomen tuum Domine vivificabis me in aequitate tua educes de tribulatione animam meam
ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۆز ھەققانىيىتىڭدە جېنىمنى ئاۋارىچىلىكتىن ئازاد قىلغايسەن.
12 et in misericordia tua disperdes inimicos meos et perdes omnes qui tribulant animam meam quoniam ego servus tuus sum
ھەم مېھىر-شەپقىتىڭدە دۈشمەنلىرىمنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەيسەن؛ جېنىمنى خار قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلغايسەن؛ چۈنكى مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن.

< Psalmorum 143 >