< Mattheum 7 >

1 nolite iudicare ut non iudicemini
باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. شۇنداقتا [خۇدانىڭ] ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر.
2 in quo enim iudicio iudicaveritis iudicabimini et in qua mensura mensi fueritis metietur vobis
چۈنكى سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق باھا بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، [خۇدامۇ] سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق باھا بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارنى قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، [خۇدامۇ] سىلەرنى شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەيدۇ.
3 quid autem vides festucam in oculo fratris tui et trabem in oculo tuo non vides
ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟!
4 aut quomodo dicis fratri tuo sine eiciam festucam de oculo tuo et ecce trabis est in oculo tuo
سەن قانداقمۇ بۇرادىرىڭغا: «قېنى، كۆزۈڭدىكى قىلنى ئېلىۋېتەي!» دېيەلەيسەن؟ چۈنكى مانا، ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدە لىم تۇرىدۇ!؟
5 hypocrita eice primum trabem de oculo tuo et tunc videbis eicere festucam de oculo fratris tui
ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت، ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى ئېلىۋېتەلەيسەن.
6 nolite dare sanctum canibus neque mittatis margaritas vestras ante porcos ne forte conculcent eas pedibus suis et conversi disrumpant vos
مۇقەددەس نەرسىنى ئىتلارغا بەرمەڭلار، ياكى ئۈنچە-مەرۋايىتلىرىڭلارنى توڭگۇزلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويماڭلار. بولمىسا، ئۇلار بۇلارنى پۇتلىرىدا دەسسەپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ.
7 petite et dabitur vobis quaerite et invenietis pulsate et aperietur vobis
تىلەڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر؛ ئىشىكنى چېكىڭلار، ئېچىلىدۇ.
8 omnis enim qui petit accipit et qui quaerit invenit et pulsanti aperietur
چۈنكى ھەربىر تىلىگۈچى تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگۈچى ئىزدىگىنىنى تاپىدۇ؛ ئىشىكنى چەككۈچىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ.
9 aut quis est ex vobis homo quem si petierit filius suus panem numquid lapidem porriget ei
ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟!
10 aut si piscem petet numquid serpentem porriget ei
ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟
11 si ergo vos cum sitis mali nostis bona dare filiis vestris quanto magis Pater vester qui in caelis est dabit bona petentibus se
ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟
12 omnia ergo quaecumque vultis ut faciant vobis homines et vos facite eis haec est enim lex et prophetae
شۇڭا ھەر ئىشتا باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇدۇر.
13 intrate per angustam portam quia lata porta et spatiosa via quae ducit ad perditionem et multi sunt qui intrant per eam
تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ بولۇپ، يولى كەڭتاشا ۋە داغدامدۇر، ۋە ئۇنىڭدىن كىرىدىغانلار كۆپتۇر.
14 quam angusta porta et arta via quae ducit ad vitam et pauci sunt qui inveniunt eam
بىراق ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يولى قىستاڭ بولۇپ، ئۇنى تاپالايدىغانلارمۇ ئاز.
15 adtendite a falsis prophetis qui veniunt ad vos in vestimentis ovium intrinsecus autem sunt lupi rapaces
ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك بولغان ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار.
16 a fructibus eorum cognoscetis eos numquid colligunt de spinis uvas aut de tribulis ficus
سىلەر ئۇلارنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر. تىكەندىن ئۈزۈملەر، قامغاقتىن ئەنجۈرلەر ئالغىلى بولامدۇ؟
17 sic omnis arbor bona fructus bonos facit mala autem arbor fructus malos facit
شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر ياخشى دەرەخ ياخشى مېۋە بېرىدۇ، پور دەرەخ ناچار مېۋە بېرىدۇ.
18 non potest arbor bona fructus malos facere neque arbor mala fructus bonos facere
ياخشى دەرەخ ناچار مېۋە بەرمەيدۇ، پور دەرەخ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ.
19 omnis arbor quae non facit fructum bonum exciditur et in ignem mittitur
ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر دەرەخ كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
20 igitur ex fructibus eorum cognoscetis eos
شۇنىڭدەك، مۇشۇنداق كىشىلەرنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر.
21 non omnis qui dicit mihi Domine Domine intrabit in regnum caelorum sed qui facit voluntatem Patris mei qui in caelis est ipse intrabit in regnum caelorum
ماڭا «رەببىم، رەببىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ، بەلكى ئەرشتە تۇرغۇچى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغانلارلا كىرەلەيدۇ.
22 multi dicent mihi in illa die Domine Domine nonne in nomine tuo prophetavimus et in tuo nomine daemonia eiecimus et in tuo nomine virtutes multas fecimus
شۇ كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزدۇق، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى قوغلىدۇق ۋە نامىڭ بىلەن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق» دەيدۇ.
23 et tunc confitebor illis quia numquam novi vos discedite a me qui operamini iniquitatem
ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا: «سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن. كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي ئىتائەتسىزلەر!» دەپ ئېلان قىلىمەن.
24 omnis ergo qui audit verba mea haec et facit ea adsimilabitur viro sapienti qui aedificavit domum suam supra petram
ئەمدى ھەربىرى بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان بولسا، ئۇ ئۆز ئۆيىنى قورام تاش ئۈستىگە سالغان پەم-پاراسەتلىك كىشىگە ئوخشايدۇ.
25 et descendit pluvia et venerunt flumina et flaverunt venti et inruerunt in domum illam et non cecidit fundata enim erat super petram
يامغۇر يىغىپ، كەلكۈن كېلىپ، بوران چىقىپ سوقسىمۇ، ئۇ ئۆي ئۆرۈلمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۇلى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان.
26 et omnis qui audit verba mea haec et non facit ea similis erit viro stulto qui aedificavit domum suam supra harenam
بىراق سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغان ھەربىرى ئۆيىنى قۇمنىڭ ئۈستىگە قۇرغان ئەخمەقكە ئوخشايدۇ.
27 et descendit pluvia et venerunt flumina et flaverunt venti et inruerunt in domum illam et cecidit et fuit ruina eius magna
يامغۇر ياغقاندا، كەلكۈن كەلگەندە، بوران چىققاندا شۇ ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۆرۈلۈشى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى!
28 et factum est cum consummasset Iesus verba haec admirabantur turbae super doctrinam eius
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئەيسا بۇ سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ توپ-توپ خالايىق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيرانۇھەس بولۇشتى.
29 erat enim docens eos sicut potestatem habens non sicut scribae eorum et Pharisaei
چۈنكى ئۇنىڭ تەلىملىرى تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى، بەلكى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى.

< Mattheum 7 >