< Marcum 11 >

1 et cum adpropinquarent Hierosolymae et Bethaniae ad montem Olivarum mittit duos ex discipulis suis
ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى ۋە بەيت-ئانىيا يېزىلىرىغا يېقىن كەلگىنىدە، ئۇ ئىككى مۇخلىسىغا ئالدىن ماڭدۇرۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. يېزىغا كىرىپلا، ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان، باغلاقلىق بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ بۇ يەرگە يېتىلەپ كېلىڭلار.
2 et ait illis ite in castellum quod est contra vos et statim introeuntes illuc invenietis pullum ligatum super quem nemo adhuc hominum sedit solvite illum et adducite
3 et si quis vobis dixerit quid facitis dicite quia Domino necessarius est et continuo illum dimittet huc
ئەگەر بىرسى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، «رەبنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى ۋە ئۇ ھېلىلا ئۇنى بۇ يەرگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ» ــ دەڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى.
4 et abeuntes invenerunt pullum ligatum ante ianuam foris in bivio et solvunt eum
ئۇلار كېتىپ ئاچا يول ئۈستىدىكى ئۆينىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا باغلاغلىق تۇرغان بىر تەخەينى كۆردى. ئۇلار تانىنى يەشتى.
5 et quidam de illic stantibus dicebant illis quid facitis solventes pullum
ئۇ يەردە تۇرغانلاردىن بەزىلەر: ــ تەخەينى يېشىپ نېمە قىلىسىلەر؟ ــ دېيىشتى.
6 qui dixerunt eis sicut praeceperat illis Iesus et dimiserunt eis
مۇخلىسلار ئەيسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك جاۋاب بەردى، ھېلىقى كىشىلەر ئۇلارغا يول قويدى.
7 et duxerunt pullum ad Iesum et inponunt illi vestimenta sua et sedit super eo
مۇخلىسلار تەخەينى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە ئۆز يېپىنچا-چاپانلىرىنى تاشلىدى؛ ئۇ ئۈستىگە مىندى.
8 multi autem vestimenta sua straverunt in via alii autem frondes caedebant de arboribus et sternebant in via
ئەمدى نۇرغۇن كىشىلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ باشقىلىرى دەرەخلەردىن شاخ-شۇمبىلارنى كېسىپ يولغا يايدى.
9 et qui praeibant et qui sequebantur clamabant dicentes osanna benedictus qui venit in nomine Domini
ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەنلەر: «ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!
10 benedictum quod venit regnum patris nostri David osanna in excelsis
ئاتىمىز داۋۇتنىڭ كېلىدىغان پادىشاھلىقىغا مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى.
11 et introivit Hierosolyma in templum et circumspectis omnibus cum iam vespera esset hora exivit in Bethania cum duodecim
ئۇ يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى؛ ۋە ئەتراپىدىكى ھەممىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغاچقا، ئون ئىككەيلەن بىلەن بىللە يەنە بەيت-ئانىياغا چىقتى.
12 et alia die cum exirent a Bethania esuriit
ئەتىسى، ئۇلار بەيت-ئانىيادىن چىققاندا، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى.
13 cumque vidisset a longe ficum habentem folia venit si quid forte inveniret in ea et cum venisset ad eam nihil invenit praeter folia non enim erat tempus ficorum
يىراقتىكى يوپۇرماقلىق بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن بىرەر مېۋە تاپالارمەنمىكىن دەپ يېنىغا باردى؛ لېكىن تۈۋىگە كەلگەندە يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمىدى. چۈنكى بۇ ئەنجۈر پىشىدىغان پەسىل ئەمەس ئىدى.
14 et respondens dixit ei iam non amplius in aeternum quisquam fructum ex te manducet et audiebant discipuli eius (aiōn g165)
ئۇ دەرەخكە سۆز قىلىپ: ــ بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ ھېچكىم سەندىن مېۋە يېمىگەي! ــ دېدى. مۇخلىسلىرىمۇ بۇنى ئاڭلىدى. (aiōn g165)
15 et veniunt Hierosolymam et cum introisset templum coepit eicere vendentes et ementes in templo et mensas nummulariorum et cathedras vendentium columbas evertit
ئۇلار يېرۇسالېمغا كەلدى؛ ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەشكە باشلىدى ۋە پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى، پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋەتتى؛
16 et non sinebat ut quisquam vas transferret per templum
ۋە ھېچكىمنىڭ ھېچقانداق مال-بۇيۇملارنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن كۆتۈرۈپ ئۆتۈشىگە يول قويمىدى.
17 et docebat dicens eis non scriptum est quia domus mea domus orationis vocabitur omnibus gentibus vos autem fecistis eam speluncam latronum
ئۇ خەلققە: ــ مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم بارلىق ئەللەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار! ــ دەپ تەلىم باشلىدى.
18 quo audito principes sacerdotum et scribae quaerebant quomodo eum perderent timebant enim eum quoniam universa turba admirabatur super doctrina eius
باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى يوقىتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى؛ پۈتكۈل خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە تەئەججۇپلىنىپ قالغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭدىن قورقاتتى.
19 et cum vespera facta esset egrediebatur de civitate
كەچقۇرۇن، ئۇ [مۇخلىسلىرى] [بىلەن] شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى.
20 et cum mane transirent viderunt ficum aridam factam a radicibus
ئەتىسى سەھەردە، ئۇلار ئەنجۈر دەرىخىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاشتى.
21 et recordatus Petrus dicit ei rabbi ecce ficus cui maledixisti aruit
[دەرەخنىڭ ھالىتىنى] ئېسىگە كەلتۈرگەن پېترۇس: ــ ئۇستاز، قارا، سەن قارغىغان ئەنجۈر دەرىخى قۇرۇپ كېتىپتۇ! ــ دېدى.
22 et respondens Iesus ait illis habete fidem Dei
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ ئىشەنچىدە بولۇڭلار.
23 amen dico vobis quicumque dixerit huic monti tollere et mittere in mare et non haesitaverit in corde suo sed crediderit quia quodcumque dixerit fiat fiet ei
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، كىمدەكىم بۇ تاغقا: بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە شۇنداقلا قەلبىدە ھېچ گۇمان قىلماي، بەلكى ئېيتقىنىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ بار بولسا، ئۇ ئېيتقان ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
24 propterea dico vobis omnia quaecumque orantes petitis credite quia accipietis et veniet vobis
شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەربىر نەرسە بولسا، شۇنىڭغا ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تىلىگىنىڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ.
25 et cum stabitis ad orandum dimittite si quid habetis adversus aliquem ut et Pater vester qui in caelis est dimittat vobis peccata vestra
ۋە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە غۇمىڭلار بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.
26 quod si vos non dimiseritis nec Pater vester qui in caelis est dimittet vobis peccata vestra
لېكىن سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ.
27 et veniunt rursus Hierosolymam et cum ambularet in templo accedunt ad eum summi sacerdotes et scribae et seniores
ئۇلار يېرۇسالېمغا قايتىدىن كىردى. ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە، باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
28 et dicunt illi in qua potestate haec facis et quis tibi dedit hanc potestatem ut ista facias
ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ئىشلارنى قىلىش ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سورىدى.
29 Iesus autem respondens ait illis interrogabo vos et ego unum verbum et respondete mihi et dicam vobis in qua potestate haec faciam
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مەنمۇ سىلەردىن بىر سوئال سوراي. سىلەر ئۇنىڭغا جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىمەن:
30 baptismum Iohannis de caelo erat an ex hominibus respondete mihi
ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش بولسا، ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ماڭا جاۋاب بەرسەڭلارچۇ!
31 at illi cogitabant secum dicentes si dixerimus de caelo dicet quare ergo non credidistis ei
ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ.
32 sed dicemus ex hominibus timebant populum omnes enim habebant Iohannem quia vere propheta esset
ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك،... بولمايدۇ! ــ دېيىشتى (كۆپچىلىك يەھيانى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى).
33 et respondentes dicunt Iesu nescimus respondens Iesus ait illis neque ego dico vobis in qua potestate haec faciam
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا: ــ بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.

< Marcum 11 >