< Leviticus 26 >

1 ego Dominus Deus vester non facietis vobis idolum et sculptile nec titulos erigetis nec insignem lapidem ponetis in terra vestra ut adoretis eum ego enim sum Dominus Deus vester
سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھېچقانداق بۇت ياسىماڭلار ياكى ئۆزۈڭلارغا ھېچ ئويما مەبۇد ياكى ھەيكەل-تۈۋرۈكنى تۇرغۇزماڭلار ياكى ئۇلارغا باش ئۇرۇشقا ئويۇلغان نەقىشلىك تاشلارنى زېمىنىڭلاردا ھەرگىز تىكلىمەڭلار؛ چۈنكى ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
2 custodite sabbata mea et pavete ad sanctuarium meum ego Dominus
مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى تۇتۇپ، مۇقەددەس جايىمغا ئىخلاسمەن بولۇڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
3 si in praeceptis meis ambulaveritis et mandata mea custodieritis et feceritis ea dabo vobis pluvias temporibus suis
ئەگەر سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلساڭلار،
4 et terra gignet germen suum et pomis arbores replebuntur
مەن يېرىڭلارنىڭ ئۆز ھوسۇلىنى بېرىپ تۇرۇشىغا، دالادىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى چىقىرىشىغا ۋاقتىدا يامغۇرلىرىڭلارنى ياغدۇرۇپ تۇرىمەن.
5 adprehendet messium tritura vindemiam et vindemia occupabit sementem et comedetis panem vestrum in saturitatem et absque pavore habitabitis in terra vestra
شۇنىڭ بىلەن خامان تېپىش ۋاقتى ئۈزۈم يىغىش پەسلىگىچە بولىدۇ، ئۈزۈم يىغىش ۋاقتى تېرىلغۇ ۋاقتىغىچە بولىدۇ؛ سىلەر نېنىڭلارنى تويۇنغۇچە يەپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا تىنچ-ئامان تۇرىسىلەر.
6 dabo pacem in finibus vestris dormietis et non erit qui exterreat auferam malas bestias et gladius non transibit terminos vestros
مەن زېمىنغا ئارام-تىنچلىق ئاتا قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم سىلەرنى قورقىتالمايدۇ، ئارامخۇدا يېتىپ ئۇخلايسىلەر؛ ۋەھشىي ھايۋانلارنى زېمىندىن يوقىتىمەن، قىلىچمۇ زېمىنىڭلاردىن ئۆتمەيدۇ؛
7 persequemini inimicos vestros et corruent coram vobis
سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنى قوغلايسىلەر، ئۇلار ئالدىڭلاردا قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ.
8 persequentur quinque de vestris centum alienos et centum ex vobis decem milia cadent inimici vestri in conspectu vestro gladio
سىلەردىن بەش كىشى يۈز كىشىنى قوغلايدۇ، يۈز كىشى ئون مىڭنى قاچۇرىدۇ؛ دۈشمەنلىرىڭلار بولسا ئالدىڭلاردا قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ.
9 respiciam vos et crescere faciam multiplicabimini et firmabo pactum meum vobiscum
مەن سىلەرگە يۈزۈمنى قارىتىپ، سىلەرنى پەرزەنت كۆرگۈزۈپ كۆپەيتىمەن، سىلەر بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى مەزمۇت تۇرغۇزىمەن.
10 comedetis vetustissima veterum et vetera novis supervenientibus proicietis
سىلەر تېخىچە ئۇزۇن ساقلانغان كونا ئاشلىقنى يەۋاتقىنىڭلاردا، يېڭى ئاشلىق چىقىدۇ؛ يېڭىسى ۋەجىدىن كونىسىنى چىقىرىۋېتىسىلەر.
11 ponam tabernaculum meum in medio vestri et non abiciet vos anima mea
مەن ئۆز ماكانىمنى ئاراڭلاردا تۇرغۇزىمەن ۋە قەلبىم سىلەردىن نەپرەتلەنمەيدۇ.
12 ambulabo inter vos et ero vester Deus vosque eritis populus meus
مەن ئاراڭلاردا مېڭىپ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن ۋە سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر.
13 ego Dominus Deus vester qui eduxi vos de terra Aegyptiorum ne serviretis eis et qui confregi catenas cervicum vestrarum ut incederetis erecti
مەن سىلەرنى مىسىردا ئۇلارنىڭ قۇللىرى بولۇشتىن ھۆر قىلىشقا شۇ زېمىنىدىن چىقارغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ، قەددىڭلارنى تىك قىلىپ ماڭغۇزدۇم.
14 quod si non audieritis me nec feceritis omnia mandata mea
ھالبۇكى، ئەگەر سىلەر ماڭا قۇلاق سالماي، بۇ ئەمرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلماي،
15 si spreveritis leges meas et iudicia mea contempseritis ut non faciatis ea quae a me constituta sunt et ad irritum perducatis pactum meum
بەلگىلىمىلىرىمنى تاشلاپ، قەلبىڭلاردىن ھۆكۈملىرىمنى يامان كۆرۈپ، بارلىق ئەمرلىرىمنى تۇتماي، ئەھدەمنى بۇزساڭلار،
16 ego quoque haec faciam vobis visitabo vos velociter in egestate et ardore qui conficiat oculos vestros et consumat animas frustra seretis sementem quae ab hostibus devorabitur
مەنمۇ بېشىڭلارغا شۇ ئىشلارنى چۈشۈرىمەنكى، ــ مەن سىلەرگە ۋەھىمە سېلىپ، كۆزۈڭلارنى كور قىلىدىغان، جېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىدىغان سىل-ۋابا كېسىلى، كېزىك كېسىلىنى بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن. سىلەر ئۇرۇقۇڭلارنى بىكار چېچىپ-تېرىيسىلەر، چۈنكى دۈشمەنلىرىڭلار ئۇنى يەپ كېتىدۇ.
17 ponam faciem meam contra vos et corruetis coram hostibus vestris et subiciemini his qui oderunt vos fugietis nemine persequente
مەن يۈزۈمنى سىلەرگە قارشى قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەر دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئۇرۇلۇپ قاچىدىغان بولىسىلەر؛ سىلەرنى ئۆچ كۆرگۈچىلەر ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ؛ ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قاچىسىلەر.
18 sin autem nec sic oboedieritis mihi addam correptiones vestras septuplum propter peccata vestra
بۇلاردىن ھېچ ئىبرەت ئالماي، بەلكى ماڭا يەنە قۇلاق سالمىساڭلار، مەن گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە بولغان جازانى يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىمەن،
19 et conteram superbiam duritiae vestrae daboque caelum vobis desuper sicut ferrum et terram aeneam
كۈچ-ھەيۋەڭلاردىن بولغان ھاكاۋۇرلۇقىڭلارنى سۇندۇرىمەن؛ ئاسمىنىڭلارنى تۆمۈردەك قىلىپ، يېرىڭلارنى مىستەك قىلىۋېتىمەن؛
20 consumetur in cassum labor vester non proferet terra germen nec arbores poma praebebunt
ئەجىر-جاپايىڭلار بىكارغا كېتىدۇ، يېرىڭلار ھوسۇل بەرمەيدۇ، دالادىكى دەرەخلەرگە مېۋە چۈشمەيدۇ.
21 si ambulaveritis ex adverso mihi nec volueritis audire me addam plagas vestras usque in septuplum propter peccata vestra
ئەگەر يەنىلا مەن بىلەن قارشى ماڭساڭلار، شۇنداقلا ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، مەن گۇناھلىرىڭلارغا لايىق بېشىڭلارغا چۈشىدىغان ۋابا-كۈلپەتلەرنى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىمەن.
22 emittamque in vos bestias agri quae consumant et vos et pecora vestra et ad paucitatem cuncta redigant desertaeque fiant viae vestrae
ئاراڭلارغا سىلەرنى بالىلىرىڭلاردىن جۇدا قىلىدىغان، چارپايلىرىڭلارنى يوقىتىدىغان، سىلەرنى ئازلىتىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئەۋەتىمەن؛ يول-كوچىلىرىڭلار ئادەمزاتسىز چۆلدەك بولۇپ قالىدۇ.
23 quod si nec sic volueritis recipere disciplinam sed ambulaveritis ex adverso mihi
سىلەر بۇ ئىشلار ئارقىلىق ئىبرەت-تەربىيە ئالماي، بەلكى يەنىلا ماڭا قارشى ماڭساڭلار،
24 ego quoque contra vos adversus incedam et percutiam vos septies propter peccata vestra
مەنمۇ سىلەرگە قارشى مېڭىپ، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن بولغان جازانى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىپ، مەن ئۆزۈم سىلەرنى ئۇرىمەن؛
25 inducamque super vos gladium ultorem foederis mei cumque confugeritis in urbes mittam pestilentiam in medio vestri et trademini hostium manibus
ئۈستۈڭلارغا ئەھدەمنى بۇزغانلىقنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدىغان قىلىچ چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر شەھەرلەرگە يىغىلىۋالىسىلەر، مەن ئاراڭلارغا ۋابا چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشىسىلەر.
26 postquam confregero baculum panis vestri ita ut decem mulieres in uno clibano coquant panes et reddant eos ad pondus et comedetis et non saturabimini
سىلەرگە يۆلەنچۈك بولغان ئاشلىقنى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ ئون ئايال بىر بولۇپ بىر تونۇردا نان يېقىپ، نانلارنى سىلەرگە تارازىدا تارتىپ بېرىدۇ، ئەمما بۇنى يېگىنىڭلار بىلەن تويمايسىلەر.
27 sin autem nec per haec audieritis me sed ambulaveritis contra me
ئەگەر بۇلاردىن ھېچ ئىبرەت ئالماي، ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، بەلكى ماڭا قارشى ماڭساڭلار،
28 et ego incedam adversum vos in furore contrario et corripiam vos septem plagis propter peccata vestra
مەنمۇ قەھر بىلەن سىلەرگە قارشى ماڭىمەن؛ مەن، يەنى مەن ئۆزۈم گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن جازا-تەربىيىنى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىپ چۈشۈرىمەن.
29 ita ut comedatis carnes filiorum et filiarum vestrarum
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئوغۇللىرىڭلارنىڭ گۆشى ۋە قىزلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر؛
30 destruam excelsa vestra et simulacra confringam cadetis inter ruinas idolorum vestrorum et abominabitur vos anima mea
شۇنداقلا مەن قۇربانلىق «يۇقىرى جاي»لىرىڭلانى ۋەيران قىلىپ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلارنى سۇندۇرۇپ، ئۆلۈكلىرىڭلارنى سۇنۇق بۇتلىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە تاشلىۋېتىمەن؛ مېنىڭ قەلبىم سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.
31 in tantum ut urbes vestras redigam in solitudinem et deserta faciam sanctuaria vestra nec recipiam ultra odorem suavissimum
مەن شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، مۇقەددەس جايلىرىڭلارنى خاراب قىلىپ، [قۇربانلىقىڭلارنىڭ] خۇشبۇيلىرىنى يەنە پۇرىمايمەن؛
32 disperdamque terram vestram et stupebunt super ea inimici vestri cum habitatores illius fuerint
زېمىننى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىمەن؛ ئۇنىڭدا ئولتۇراقلاشقان دۈشمەنلىرىڭلار بۇ ئەھۋالغا ھەيرانۇھەس قالىدۇ.
33 vos autem dispergam in gentes et evaginabo post vos gladium eritque terra vestra deserta et civitates dirutae
سىلەرنى ئەللەرنىڭ ئارىسىغا تارىتىپ، كەينىڭلاردىن قىلىچنى سۇغۇرۇپ قوغلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن زېمىنىڭلار ۋەيران بولۇپ شەھەرلىرىڭلار خاراب قىلىنىدۇ.
34 tunc placebunt terrae sabbata sua cunctis diebus solitudinis suae quando fueritis
ئۇ ۋاقىتتا، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا تۇرۇۋاتقىنىڭلاردا، زېمىن ۋەيرانە بولغان بارلىق كۈنلەردە، زېمىن ئۆز شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ؛ ئۇ زاماندا زېمىن دەرۋەقە ئارام ئېلىپ ئۆز شاباتلىرىدىن سۆيۈنىدۇ.
35 in terra hostili sabbatizabit et requiescet in sabbatis solitudinis suae eo quod non requieverit in sabbatis vestris quando habitabatis in ea
ئۆزى ۋەيرانە بولۇپ تۇرغان بارلىق كۈنلىرىدە ئۇ ئارام ئالىدۇ، يەنى سىلەر ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتىكى شابات كۈنلىرىڭلاردا ھېچ ئالمىغان ئارامنى ئەمدى ئالىدۇ.
36 et qui de vobis remanserint dabo pavorem in cordibus eorum in regionibus hostium terrebit eos sonitus folii volantis et ita fugient quasi gladium cadent nullo sequente
ئاراڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلار بولسا، ئۇلار دۈشمەنلەرنىڭ زېمىنلىرىدا تۇرغىنىدا كۆڭۈللىرىگە يۈرەكزادىلىك سالىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چۈشكەن بىر يوپۇرماقنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىسا قىلىچتىن قاچقاندەك قاچىدۇ؛ ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يىقىلىپ چۈشىدۇ.
37 et corruent singuli super fratres suos quasi bella fugientes nemo vestrum inimicis audebit resistere
گەرچە ھېچكىم ئۇلارنى قوغلىمىسىمۇ، دەرۋەقە قىلىچتىن يىقىتىلغاندەك ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ سىلەردە دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى تۇرغۇدەك كۈچ قالمايدۇ.
38 peribitis inter gentes et hostilis vos terra consumet
ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ھالاك بولىسىلەر، دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنى سىلەرنى يەپ كېتىدۇ.
39 quod si et de his aliqui remanserint tabescent in iniquitatibus suis in terra inimicorum suorum et propter peccata patrum suorum et sua adfligentur
ئاراڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلىرى بولسا ئۆز رەزىللىكى تۈپەيلىدىن دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا زەئىپلىشىدۇ؛ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ رەزىللىكىدىمۇ يۈرۈپ، شۇلار زەئىپلەشكەندەك ئۇلارمۇ زەئىپلىشىدۇ.
40 donec confiteantur iniquitates suas et maiorum suorum quibus praevaricati sunt in me et ambulaverunt ex adverso mihi
ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزى قىلغان رەزىللىكى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ سادىر قىلغان رەزىللىكىنى، ماڭا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى تۇرۇپ ماڭغىنىنى بوينىغا ئالىدۇ،
41 ambulabo igitur et ego contra eos et inducam illos in terram hostilem donec erubescat incircumcisa mens eorum tunc orabunt pro impietatibus suis
شۇنىڭدەك مېنىڭ ئۇلارغا قارشى ماڭغىنىمغا، شۇنىڭدەك ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىمغا ئىقرار بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ خەتنىسىز كۆڭلى تۆۋەن قىلىنىپ، ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلسا،
42 et recordabor foederis mei quod pepigi cum Iacob et Isaac et Abraham terrae quoque memor ero
ئۇنداقتا مەن ياقۇپ بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى ياد قىلىپ، ئىسھاق بىلەن باغلىغان ئەھدەمنىمۇ ۋە ئىبراھىم بىلەن باغلىغان ئەھدەمنىمۇ ئېسىمگە كەلتۈرىمەن، زېمىننىمۇ ياد قىلىمەن.
43 quae cum relicta fuerit ab eis conplacebit sibi in sabbatis suis patiens solitudinem propter illos ipsi vero rogabunt pro peccatis suis eo quod abiecerint iudicia mea et leges meas despexerint
چۈنكى زېمىن ئۇلاردىن تاشلىنىپ، ئۇلارسىز بولۇپ خارابە تۇرغان ۋاقىتتا، شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ؛ ئۇلار بولسا ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ سەۋەبى دەل شۇكى، ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تاشلىدى، بەلگىلىمىلىرىمنى قەلبىدىن يامان كۆرگەنىدى.
44 et tamen etiam cum essent in terra hostili non penitus abieci eos neque sic despexi ut consumerentur et irritum facerem pactum meum cum eis ego enim sum Dominus Deus eorum
ھالبۇكى، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدا تۇرغىنىدا مەن ئۇلارنى تاشلىمايمەن ياكى ئۇلارغا ئۆچلۈك قىلمايمەن، شۇنىڭدەك ئۇلار بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى بۇزمايمەن، ئۇلارنى يوقاتمايمەن؛ چۈنكى مەن ئۆزۈم ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردۇرمەن.
45 et recordabor foederis mei pristini quando eduxi eos de terra Aegypti in conspectu gentium ut essem Deus eorum ego Dominus Deus
مەن بەلكى ئۇلارنى دەپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولۇشقا ئەللەرنىڭ كۆزى ئالدىدا مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن باغلاشقان ئەھدەمنى ئېسىمدە تۇتىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
46 haec sunt praecepta atque iudicia et leges quas dedit Dominus inter se et inter filios Israhel in monte Sinai per manum Mosi
پەرۋەردىگار مۇسانى ۋاسىتە قىلىپ، سىناي تېغىدا ئۆزى بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بېكىتكەن ھۆكۈملەر، بەلگىلىمىلەر ۋە قانۇنلار مانا شۇلار ئىدى.

< Leviticus 26 >