ئاندىن پەرۋەردىگار قارا قۇيۇن ئىچىدىن ئايۇپقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ |
«نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن زادى كىم؟ |
ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا؛ شۇندا مەن سەندىن سوراي، ئاندىن سەن مېنى خەۋەردار قىل! |
مەن يەر-زېمىننى ئاپىرىدە قىلغىنىمدا، سەن زادى نەدە ئىدىڭ؟ بۇلارنى چۈشەنگەن بولساڭ، بايان قىلىۋەر. |
كىم يەر-زېمىننىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتكەن؟ ــ سەن بۇنى بىلمەمسەن؟ كىم ئۇنىڭ ئۈستىگە تانا تارتىپ ئۆلچىگەن؟ |
تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار بىللە كۈي ئېيتىشقان ۋاقتىدا، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىشقان ۋاقتىدا، يەر-زېمىننىڭ ئۇللىرى نەگە پاتۇرۇلغان؟ كىم ئۇنىڭ بۇرجەك تېشىنى سالغان؟ |
بالىياتقۇدىن چىققاندەك، دېڭىز سۈيى بۆسۈپ چىققاندا، كىم ئۇنى دەرۋازىلار ئىچىگە بەند قىلغان؟ |
مەن بۇلۇتنى دېڭىزنىڭ كىيىمى قىلغاندا، ۋە قاپ-قاراڭغۇنى ئۇنىڭ زاكىسى قىلغاندا، |
مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پاسىل كەسكەن ۋاقىتتا، ئۇنى چەكلەپ بالداقلارنى ھەم دەرۋازىلارنى سالغاندا، |
يەنى ئۇنىڭغا: «مۇشۇ يەرگىچە بارىسەن، پاسىلدىن ئۆتمە، سېنىڭ تەكەببۇر دولقۇنلىرىڭ مۇشۇ يەردە توختىسۇن» دېگەندە، سەن نەدە ئىدىڭ؟ |
سەن تۇغۇلغاندىن بېرى سەھەرنى «چىق» دەپ بۇيرۇپ باققانمۇسەن؟ سەن تاڭ سەھەرگە ئۆزى چىقىدىغان جايىنى كۆرسەتكەنمۇسەن؟ |
سەن شۇنداق قىلىپ سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ يورۇتقۇزۇپ ھۆكۈم سۈرگۈزۈپ، شۇنداقلا رەزىللەرنى تىترىتىپ يەر-زېمىندىن قوغلاتقۇزغانمۇسەن؟ |
شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىن سېغىز لايغا بېسىلغان مۆھۈر ئىزلىرىدەك ئۆزگەرتىلىدۇ؛ كىيگەن كىيىمدەك ھەممە ئېنىق بولىدۇ؛ |
ھەم شۇنىڭ بىلەن رەزىللەرنىڭ «نۇر»ى ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ كۆتۈرۈلگەن بىلەكلەر سۇندۇرۇلىدۇ. |
دېڭىزدىكى بۇلاقلارغا سەپەر قىلىپ يەتكەنمۇسەن؟ ئوكيانلارنىڭ قەرىدە مېڭىپ باققانمۇسەن؟ |
ئۆلۈمنىڭ دەرۋازىلىرى ساڭا ئاشكارىلانغانمۇ؟ ئۆلۈم سايىسىنىڭ دەرۋازىلىرىنى كۆرگەنمۇسەن؟ |
ئەقلىڭ يەر-زېمىننىڭ چوڭلۇقىغا يەتكەنمۇ؟ ھەممىسىنى بىلگەن بولساڭ ئېنىق بايان قىل! |
نۇر تۇرۇشلۇق جايغا بارىدىغان يول نەدە؟ قاراڭغۇلۇقنىڭ بولسا، ئەسلىي ئورنى نەدە؟ |
سەن [بۇنى بىلىپ] ئۇلارنى ئۆز چېگراسىغا ئاپىرالامسەن؟ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ماڭىدىغان يوللارنى بىلىپ يېتەلەمسەن؟ |
ھەئە، راست، سەن بىلىسەن، چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ چاغلىرىدىن ئىلگىرى تۇغۇلغانسەن، كۈنلىرىڭنىڭ سانى دەرھەقىقەت كۆپتىن كۆپتۇر! |
قار قاچىلانغان خەزىنىلەرگە كىرىپ كۆردۈڭمۇ. مۆلدۈر ئامبىرلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟ |
بۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك زامانغا قالدۇردۇم، جەڭ ۋە ئۇرۇش كۈنى ئۈچۈن تەييارلاپ قويدۇم. |
چاقماق دېگەن قانداق يول بىلەن يېرىلىدۇ؟ شەرق شامىلى يەر يۈزىدە قانداق يول بىلەن تارقىتىلىدۇ؟ |
يامغۇر كەلكۈنىنىڭ چۈشىدىغان قانىلىنى چېپىپ تەييارلىغان كىمدۇ؟ گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقى ئۈچۈن يول تەييارلىغان كىمدۇ؟ |
شۇنداق قىلىپ يامغۇر ھېچ ئادەم يوق بولغان يەر يۈزىگە، ھېچ ئادەمزاتسىز دەشت-باياۋانغا ياغدۇرۇلمامدۇ؟ |
شۇنىڭ بىلەن چۆللەشكەن، قۇرغاق تۇپراقلار قاندۇرۇلىدۇ، ئوت-چۆپ بىخ ئۇرۇپ كۆكلەپ چىقمامدۇ؟ |
يامغۇرنىڭ ئاتىسى بارمۇ؟ شەبنەمنى كىم تۇغقاندۇ؟ |
مۇز بولسا كىمنىڭ بالىياتقۇسىدىن چىقىدۇ؟ ئاسماندىكى ئاق قىراۋنى بولسا كىم دۇنياغا كەلتۈرىدۇ؟ |
شۇ چاغدا سۇ قېتىپ تاشتەك بولىدۇ، چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ يۈزى قېتىپ تۇتاشتۇرۇلىدۇ. |
«قەلب يۇلتۇزلار توپى»نىڭ باغلىمىنى باغلىيالامسەن؟ ئورىئوننىڭ رىشتىلىرىنى بوشىتالامسەن؟ |
«ئون ئىككى زودىئاك يۇلتۇز تۈركۈملىرى»نى ئۆز پەسلىدە ئېلىپ چىقىرالامسەن؟ «چوڭ ئېيىق تۈركۈمى»نى كۈچۈكلىرى بىلەن يېتەكلىيەلەمسەن؟ |
ئاسماننىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بىلىپ يەتكەنمۇسەن؟ ئاسماننىڭ يەر ئۈستىگە سۈرىدىغان ھۆكۈملىرىنى سەن بەلگىلەپ قويغانمۇ؟ |
سەن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ بۇلۇتلارغىچە يەتكۈزۈپ، يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۆزۈڭنى قىيان-تاشقىنلارغا باستۇرالامسەن؟ |
سەن چاقماقلارنى بۇيرۇپ ئۆز يولىغا ماڭدۇرالامسەن؟ ئۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «مانا بىز!» دەپ ساڭا جاۋاب بېرەمدۇ؟ |
ئادەمنىڭ ئىچ-باغرىغا دانالىق بېغىشلاپ كىرگۈزگەن كىمدۇ؟ ئەقىلگە چۈشىنىش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىمدۇ؟ |
بۇلۇتلارنى دانالىق بىلەن سانىغان كىم؟ ئاسمانلاردىكى سۇ تۇلۇملىرىنى تۆكىدىغان كىم؟ |
بۇنىڭ بىلەن توپا-چاڭلارنى قاتۇرۇپ ئۇيۇل قىلدۇرغان، چالمىلارنى بىر-بىرىگە چاپلاشتۇرغۇزغان زادى كىم؟ |
«چىشى شىر ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاپ يۈرەمسەن، شىر كۈچۈكلىرىنىڭ ئىشتىھاسىنى قاندۇرامسەن؟ |
ئۇلار ئۇۋىلىرىدا زوڭزىيىپ يۈرگەن ۋاقتىدا، چاتقاللىق ئىچىدە تۇرۇپ تۇزاق قويۇپ، [سەن ئۇلارغا ئولجا بېرەلەمسەن]؟ |
يېمى كەمچىل بولۇپ، ئېزىپ كېتىپ يىراققا كېتىپ قالغاندا، بالىلىرى تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ نالە-پەرياد كۆتۈرگەندە، تاغ قاغىلىرى ھەم بالىلىرى ئۈچۈن يەمنى تەمىنلىگەن كىمدۇ؟ |