< Isaiæ 49 >

1 audite insulae et adtendite populi de longe Dominus ab utero vocavit me de ventre matris meae recordatus est nominis mei
«ئى ئاراللار، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭلار، يىراقتىكى ئەل-يۇرتلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! بالىياتقۇدىكى چېغىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگار مېنى چاقىردى؛ ئاپامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىن تارتىپ ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى تىلغا ئالدى؛
2 et posuit os meum quasi gladium acutum in umbra manus suae protexit me et posuit me sicut sagittam electam in faretra sua abscondit me
ئۇ ئاغزىمنى ئۆتكۈر قىلىچتەك قىلدى؛ ئۆز قولىنىڭ سايىسى ئاستىدا مېنى يوشۇرۇپ كەلدى، مېنى سىلىقلانغان بىر ئوق قىلدى؛ ئۇ مېنى ئوقدېنىغا سېلىپ ساقلىدى،
3 et dixit mihi servus meus es tu Israhel quia in te gloriabor
ۋە ماڭا: «سەن بولساڭ ئۆزۈڭدە مېنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقىم ئايان قىلىنىدىغان ئۆز قۇلۇم ئىسرائىلدۇرسەن» ــ دېدى».
4 et ego dixi in vacuum laboravi sine causa et vane fortitudinem meam consumpsi ergo iudicium meum cum Domino et opus meum cum Deo meo
ئەمما مەن: ــ «مېنىڭ ئەجرىم بىكارغا كەتتى، ھېچنېمىگە ئېرىشمەي كۈچ-ماغدۇرۇمنى قۇرۇق سەرپ قىلدىم؛ شۇنداقتىمۇ باھالىنىشىم بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر، مېنىڭ ئەجرىمنىمۇ خۇدايىمغا تاپشۇردۇم» ــ دېدىم؛
5 et nunc dicit Dominus formans me ex utero servum sibi ut reducam Iacob ad eum et Israhel non congregabitur et glorificatus sum in oculis Domini et Deus meus factus est fortitudo mea
ئەمدى مېنى ئۆز قۇلى بولۇشقا، ياقۇپنى توۋا قىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا قايتۇرۇشقا مېنى بالىياتقۇدا شەكىللەندۈرگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ (ئىسرائىل قايتۇرۇلۇپ يېنىغا توپلانمىغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە شان-شەرەپكە ئىگە بولدۇم، شۇنىڭدەك خۇدايىم مېنىڭ كۈچۈمدۇر)
6 et dixit parum est ut sis mihi servus ad suscitandas tribus Iacob et feces Israhel convertendas dedi te in lucem gentium ut sis salus mea usque ad extremum terrae
ــ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ياقۇپ قەبىلىلىرىنى [گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ] تۇرغۇزۇشقا، ھەمدە ئىسرائىلدىكى «ساقلانغان سادىقلار»نى بەختكە قايتۇرۇشقا قۇلۇم بولۇشۇڭ سەن ئۈچۈن زەررىچىلىك بىر ئىشتۇر؛ مەن تېخى سېنى ئەللەرگە نۇر بولۇشقا، يەر يۈزىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە نىجاتىم بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى ئاتىدىم».
7 haec dicit Dominus redemptor Israhel Sanctus eius ad contemptibilem animam ad abominatam gentem ad servum dominorum reges videbunt et consurgent principes et adorabunt propter Dominum quia fidelis est et Sanctum Israhel qui elegit te
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى، ئۇنىڭدىكى مۇقەددەس بولغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئادەملەر ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدىغان كىشىگە، يەنى كۆپچىلىك لەنىتىي دەپ قارىغان، ئەمەلدارلارغا قۇل قىلىنغان كىشىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «سۆزىدە تۇرغۇچى پەرۋەردىگار، يەنى سېنى تاللىغان ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن، پادىشاھلار كۆزلىرىنى ئېچىپ كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئەمەلدارلارمۇ باش ئۇرىدۇ؛
8 haec dicit Dominus in tempore placito exaudivi te et in die salutis auxiliatus sum tui et servavi te et dedi te in foedus populi ut suscitares terram et possideres hereditates dissipatas
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيتتە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى بېكىتكەنمەن، نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەتكۈزۈلىدىغان بىر كۈنىدە مەن ساڭا ياردەمدە بولۇشۇمنى بېكىتكەنمەن؛ مەن سېنى قوغدايمەن، سېنى خەلقىمگە ئەھدە سۈپىتىدە بېرىمەن؛ شۇنداق قىلىپ سەن زېمىننى ئەسلىگە كەلتۈرىسەن، [خەلقىمنى] خارابە بولۇپ كەتكەن مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلدۇرىسەن،
9 ut diceres his qui vincti sunt exite et his qui in tenebris revelamini super vias pascentur et in omnibus planis pascua eorum
سەن مەھبۇسلارغا: «بۇياققا كېلىڭلار»، قاراڭغۇلۇقتا ئولتۇرغانلارغا: «نۇرغا چىقىڭلار» ــ دەيسەن؛ ئۇلار يوللار بويىدىمۇ ئوتلاپ يۈرىدۇ، ھەتتا ھەربىر تاقىر تاغلاردىن ئوزۇقلۇق تاپىدۇ؛
10 non esurient neque sitient et non percutiet eos aestus et sol quia miserator eorum reget eos et ad fontes aquarum portabit eos
ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسساپ كەتمەيدۇ؛ تومۇز ئىسسىقمۇ، قۇياش تەپتىمۇ ئۇلارنى ئۇرمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارغا رەھىم قىلغۇچى ئۇلارنى يېتەكلەيدۇ، ئۇ ئۇلارغا بۇلاقلارنى بويلىتىپ يول باشلايدۇ.
11 et ponam omnes montes meos in viam et semitae meae exaltabuntur
شۇنىڭدەك مەن بارلىق تاغلىرىمنى يول قىلىمەن، مېنىڭ يوللىرىم بولسا ئېگىز كۆتۈرۈلىدۇ.
12 ecce isti de longe venient et ecce illi ab aquilone et mari et isti de terra australi
مانا، مۇشۇ كىشىلەر يىراقتىن كېلىۋاتىدۇ، مانا، بۇلار بولسا شىمالدىن ۋە غەربتىن كېلىۋاتىدۇ، ھەم مۇشۇلار سىنىم زېمىنىدىنمۇ كېلىۋاتىدۇ.
13 laudate caeli et exulta terra iubilate montes laudem quia consolatus est Dominus populum suum et pauperum suorum miserebitur
خۇشاللىقتىن توۋلاڭلار، ئى ئاسمانلار؛ ئى يەر-زېمىن، شادلان؛ ناخشىلارنى ياڭرىتىڭلار، ئى تاغلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بەردى، ئۆزىنىڭ خار بولغان پېقىر-مۆمىنلىرىگە رەھىم قىلىدۇ.
14 et dixit Sion dereliquit me Dominus et Dominus oblitus est mei
بىراق زىئون بولسا: ــ «پەرۋەردىگار مەندىن ۋاز كەچتى، رەببىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى!» ــ دەيدۇ.
15 numquid oblivisci potest mulier infantem suum ut non misereatur filio uteri sui et si illa oblita fuerit ego tamen non obliviscar tui
ئانا ئۆزى ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ ئۆز قورسىقىدىن تۇغقان ئوغلىغا رەھىم قىلماي تۇرالامدۇ؟ ھەتتا ئۇلار ئۇنتۇغان بولسىمۇ، مەن سېنى ئۇنتۇيالمايمەن.
16 ecce in manibus meis descripsi te muri tui coram oculis meis semper
مانا، مەن سېنى ئۆز ئالقانلىرىمغا ئويۇپ پۈتكەنمەن؛ [خارابە] تاملىرىڭ ھەردائىم كۆز ئالدىمدىدۇر.
17 venerunt structores tui destruentes te et dissipantes a te exibunt
ئوغۇل بالىلىرىڭ [قايتىشقا] ئالدىرىۋاتىدۇ؛ ئەسلىدە سېنى ۋەيران قىلغانلار، خاراب قىلغانلار سېنىڭدىن يىراق كېتىۋاتىدۇ؛
18 leva in circuitu oculos tuos et vide omnes isti congregati sunt venerunt tibi vivo ego dicit Dominus quia omnibus his velut ornamento vestieris et circumdabis tibi eos quasi sponsa
بېشىڭنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئەتراپىڭغا قاراپ باق! ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەم بولۇپ قېشىڭغا قايتىپ كېلىۋاتىدۇ! ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭگە زىبۇ-زىننەتلەر قىلىپ كىيىسەن؛ تويى بولىدىغان قىزدەك سەن ئۇلارنى تاقايسەن؛
19 quia deserta tua et solitudines tuae et terra ruinae tuae nunc angusta erunt prae habitatoribus et longe fugabuntur qui absorbebant te
چۈنكى خارابە ھەم چۆلدەرەپ كەتكەن جايلىرىڭ، ۋەيران قىلىنغان زېمىنىڭ، ھازىر كېلىپ، تۇرماقچى بولغانلار تۈپەيلىدىن ساڭا تارچىلىق قىلىدۇ؛ ئەسلىدە سېنى يۇتۇۋالغانلار يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ.
20 adhuc dicent in auribus tuis filii sterilitatis tuae angustus mihi est locus fac spatium mihi ut habitem
سېنىڭدىن جۇدا قىلىنغان بالىلىرىڭ بولسا ساڭا: ــ «مۇشۇ جاي تۇرۇشۇمغا بەك تارچىلىق قىلىدۇ؛ ماڭا تۇرغۇدەك بىر جاينى بوشىتىپ بەرسەڭ!» ــ دەيدۇ؛
21 et dices in corde tuo quis genuit mihi istos ego sterilis et non pariens transmigrata et captiva et istos quis enutrivit ego destituta et sola et isti ubi hic erant
سەن كۆڭلۈڭدە: ــ «مەن بالىلىرىمدىن ئايرىلىپ قالغان، غېرىب-مۇساپىر ۋە سۈرگۈن بولۇپ، ئۇيان-بۇيان ھەيدىۋېتىلگەن تۇرسام، كىم مۇشۇلارنى ماڭا تۇغۇپ بەردى؟ كىم ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلدى؟ مانا، مەن غېرىب-يالغۇز قالدۇرۇلغانمەن؛ ئەمدى مۇشۇلار زادى نەدىن كەلگەندۇر؟» ــ دەيسەن.
22 haec dicit Dominus Deus ecce levo ad gentes manum meam et ad populos exaltabo signum meum et adferent filios tuos in ulnis et filias tuas super umeros portabunt
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئەللەرگە قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلىمەن، ئەل-مىللەتلەرگە كۆرۈنىدىغان بىر تۇغنى تىكلەيمەن؛ ئۇلار ئوغۇللىرىڭنى قۇچىقىدا ئېلىپ كېلىشىدۇ؛ ئۇلار قىزلىرىڭنى ھاپاش قىلىپ كېلىدۇ.
23 et erunt reges nutricii tui et reginae nutrices tuae vultu in terra dimisso adorabunt te et pulverem pedum tuorum lingent et scies quia ego Dominus super quo non confundentur qui expectant eum
پادىشاھلار بولسا، «ئاتاق دادىلىرىڭ،» خانىشلار بولسا ئىنىكئانىلىرىڭ بولىدۇ؛ ئۇلار ساڭا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ، پۇتلىرىڭ ئالدىدىكى چاڭ-توپىنىمۇ يالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسەن؛ چۈنكى ماڭا ئۈمىد باغلاپ كۈتكەنلەر ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايدۇ.
24 numquid tolletur a forte praeda aut quod captum fuerit a robusto salvum esse poterit
ئولجىنى باتۇرلاردىن ئېلىۋالغىلى بولامدۇ؟ ھەققانىيەت جازاسى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولسا قۇتۇلدۇرغىلى بولامدۇ؟
25 quia haec dicit Dominus equidem et captivitas a forte tolletur et quod ablatum fuerit a robusto salvabitur eos vero qui iudicaverunt te ego iudicabo et filios tuos ego salvabo
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەتتا باتۇرلاردىن ئەسىرلەرنىمۇ قايتۇرۇۋالغىلى، ئەشەددىيلەردىن ئولجىنى قۇتقۇزىۋالغىلى بولىدۇ؛ ۋە سەن بىلەن دەۋالاشقانلار بىلەن مەنمۇ دەۋالىشىمەن، شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىڭنى قۇتقۇزۇپ ئازاد قىلىمەن.
26 et cibabo hostes tuos carnibus suis et quasi musto sanguine suo inebriabuntur et sciet omnis caro quia ego Dominus salvans te et redemptor tuus Fortis Iacob
سېنى ئەزگۈچىلەرنى ئۆز گۆشى بىلەن ئۆزىنى ئوزۇقلاندۇرىمەن؛ ئۇلار يېڭى شاراب ئىچكەندەك ئۆز قېنى بىلەن مەست بولۇپ كېتىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ ھەم ھەمجەمەت-نىجاتكارىڭ، ياقۇپقا كۈچ-قۇدرەت بولغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ.

< Isaiæ 49 >