< Osee Propheta 10 >

1 vitis frondosa Israhel fructus adaequatus est ei secundum multitudinem fructus sui multiplicavit altaria iuxta ubertatem terrae suae exuberavit simulacris
ئىسرائىل باراقسان بىر ئۈزۈم تېلىدۇر؛ ئۇ ئۆزى ئۈچۈن مېۋە چىقىرىدۇ؛ مېۋىسى كۆپەيگەنسېرى ئۇ قۇربانگاھلارنىمۇ كۆپەيتكەن؛ زېمىنىنىڭ ئېسىللىقىدىن ئۇلار «ئېسىل» بۇت تۈۋرۈكلىرىنى ياسىدى.
2 divisum est cor eorum nunc interibunt ipse confringet simulacra eorum depopulabitur aras eorum
ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئالا؛ ئۇلارنىڭ گۇناھكارلىقى ھازىر ئاشكارىلىنىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى چېقىپ غۇلىتىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇت تۈۋرۈكلىرىنى بۇزۇۋېتىدۇ.
3 quia nunc dicent non est rex nobis non enim timemus Dominum et rex quid faciet nobis
چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا: «بىزدە پادىشاھ يوق، چۈنكى پەرۋەردىگاردىن قورقمىدۇق؛ پادىشاھىمىز بار بولسىمۇ، ئۇ بىزگە نېمە قىلىپ بېرىدۇ؟» ــ دەيدىغان بولىدۇ.
4 loquimini verba visionis inutilis et ferietis foedus et germinabit quasi amaritudo iudicium super sulcos agri
ئۇلار گەپلەرنى قىلىۋېرىدۇ، ئەھدىنى تۈزۈپ قويۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار ئارىسىدىكى دەۋالىشىشلار ئېتىزدىكى چۆنەكلەرگە شۇمبۇيا ئۈنۈپ كەتكەندەك بولىدۇ.
5 vaccas Bethaven coluerunt habitatores Samariae quia luxit super eum populus eius et aeditui eius super eum exultaverunt in gloria eius quia migravit ab eo
سامارىيەدە تۇرۇۋاتقانلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ موزىيى ئۈچۈن غەم-ئەندىشىگە چۈشىدۇ؛ «[بەيت-ئاۋەن]»[دىكىلەر] دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭ «بۇتپەرەس كاھىن»لىرىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؛ ئۇلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ «شان-شەرىپى» ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ سۈرگۈن قىلىندى!
6 siquidem et ipse in Assur delatus est munus regi ultori confusio Ephraim capiet et confundetur Israhel in voluntate sua
بەرھەق، شۇ نەرسە «جېدەلخور پادىشاھ» ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنىپ، ئاسۇرىيەگە كۆتۈرۈلۈپ كېتىلىدۇ؛ ئەفرائىم ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ، ئىسرائىل ئۆز «ئەقلى»دىن خىجىل بولىدۇ.
7 transire fecit Samaria regem suum quasi spumam super faciem aquae
سامارىيەنىڭ بولسا، پادىشاھى دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىدىكى خەشەكتەك يوقىلىپ كەتتى؛
8 et disperdentur excelsa idoli peccatum Israhel lappa et tribulus ascendet super aras eorum et dicent montibus operite nos et collibus cadite super nos
«ئاۋەن»دىكى «يۇقىرى جايلار»، يەنى «ئىسرائىلنىڭ گۇناھى» بىتچىت قىلىنىدۇ؛ قۇربانگاھلىرىنى تىكەن-جىغانلار باسىدۇ؛ ئۇلار تاغلارغا: «ئۈستىمىزنى يېپىڭلار!»، دۆڭلۈكلەرگە: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈڭلار!» ــ دەيدۇ.
9 ex diebus Gabaa peccavit Israhel ibi steterunt non conprehendet eos in Gabaa proelium super filios iniquitatis
ــ ئى ئىسرائىل، گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىن باشلاپ سەن گۇناھ قىلىپ كەلدىڭ؛ ئىشلار شۇ پېتى تۇرىۋەردى؛ رەزىللىكنىڭ بالىلىرى ئۈستىگە قىلىنغان جەڭ ئۇلارنى گىبېئاھتا بېسىۋەتمىدىمۇ؟
10 iuxta desiderium meum corripiam eos congregabuntur super eos populi cum corripientur propter duas iniquitates suas
مەن خالىغىنىمدا ئۇلارنى جازالايمەن؛ ئۇلار ئىككى گۇناھى تۈپەيلىدىن ئەسىرگە چۈشۈشكە توغرا كەلگەندە، يات قوۋملار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىدۇ.
11 Ephraim vitula docta diligere trituram et ego transivi super pulchritudinem colli eius ascendam super Ephraim arabit Iudas confringet sibi sulcos Iacob
ئەفرائىم بولسا كۆندۈرۈلگەن بىر ئىنەكتۇر، ئۇ خامان تېپىشكە ئامراق؛ مەن ئۇنىڭ چىرايلىق گەدىنىنى ئۇپراشتىن ئاياپ كەلدىم؛ بىراق ھازىر ئۇنىڭغا بويۇنتۇرۇق سېلىپ ھەيدەيمەن؛ يەھۇدا يەر ھەيدىسۇن! ياقۇپ ئۆزى ئۈچۈن يەرنى تىرنىلىشى كېرەك.
12 seminate vobis in iustitia metite in ore misericordiae innovate vobis novale tempus autem requirendi Dominum cum venerit qui docebit vos iustitiam
ئۆزۈڭلارغا ھەققانىيلىق بىلەن تېرىڭلار، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ھوسۇل ئالىسىلەر؛ بوز يېرىڭلارنى چاناپ ئېچىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنى ئىزدەش ۋاقتى كەلدى، ــ تا ئۇ ئۈستۈڭلارغا ھەققانىيلىقنى ياغدۇرغۇچە!
13 arastis impietatem iniquitatem messuistis comedistis frugem mendacii quia confisus es in viis tuis in multitudine fortium tuorum
[بىراق] سىلەر رەزىللىكنى ئاغدۇردۇڭلار، قەبىھلىك ھوسۇلىنى ئوردۇڭلار، يالغانچىلىقنىڭ مېۋىسىنى يېدىڭلار؛ چۈنكى سەن ئۆز يولۇڭغا، يەنى باتۇرلىرىڭنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشىنىپ تاياندىڭ؛
14 consurget tumultus in populo tuo et omnes munitiones tuae vastabuntur sicut vastatus est Salman a domo eius qui iudicavit Baal in die proelii matre super filios adlisa
قوۋملىرىڭ ئارىسىدا چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈلىدۇ؛ شالمان جەڭ كۈنىدە بەيت-ئاربەلنى بەربات قىلغاندەك، بارلىق قورغانلىرىڭ بەربات قىلىنىدۇ؛ (شۇ كۈنى [بەيت-ئاربەلدىكى] ئانا-بالىلار تەڭلا پارە-پارە قىلىۋېتىلمىگەنمۇ؟) ــ
15 sic fecit vobis Bethel a facie malitiae nequitiarum vestrarum
ئەمدى ئۇچىغا چىققان رەزىللىكىڭ تۈپەيلىدىن، ئوخشاش بىر كۈن سېنىڭ بېشىڭغا چۈشۈرۈلىدۇ، ئى بەيت-ئەل! تاڭ سەھەردىلا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.

< Osee Propheta 10 >