< Hiezechielis Prophetæ 30 >

1 et factum est verbum Domini ad me dicens
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 fili hominis propheta et dic haec dicit Dominus Deus ululate vae vae diei
ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر داد-پەرياد سېلىپ: «ۋاي شۇ كۈنى!» ــ دەڭلار!» ــ دېگىن.
3 quia iuxta est dies et adpropinquavit dies Domini dies nubis tempus gentium erit
چۈنكى كۈن يېقىنلاشتى؛ بەرھەق، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى، بۇلۇتلار قاپلانغان كۈن يېقىنلاشتى؛ ئۇ ئەللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان كۈندۇر.
4 et veniet gladius in Aegyptum et erit pavor in Aethiopia cum ceciderint vulnerati in Aegypto et ablata fuerit multitudo illius et destructa fundamenta eius
شۇنىڭ بىلەن بىر قىلىچ مىسىر ئۈستىگە چۈشىدۇ؛ ئۆلتۈرۈلگەنلەر مىسىردا يىقىلغاندا، ئۇنىڭ زور بايلىقلىرى بۇلىنىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇللىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، ئېفىئوپىيەلىكلەر دەرد-ئەلەم تارتىدۇ.
5 Aethiopia et Lybia et Lydii et omne reliquum vulgus et Chub et filii terrae foederis cum eis gladio cadent
ئېفىئوپىيە، پۇت، لۇد، بارلىق ئەرەبىيە، لىۋىيە ۋە ئەھدە قىلىنغان زېمىندىكىلەرمۇ مىسىر بىلەن بىللە قىلىچلىنىدۇ.
6 haec dicit Dominus Deus et corruent fulcientes Aegyptum et destruetur superbia imperii eius a turre Syenes gladio cadent in ea ait Dominus exercituum
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مىسىرنى قوللايدىغانلار يىقىلىدۇ؛ ئۇنىڭ كۈچىدىن بولغان پەخرى يەرگە چۈشىدۇ؛ مىگدولدىن سەۋەنگىچە بولغان خەلق قىلىچلىنىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
7 et dissipabuntur in medio terrarum desolatarum et urbes eius in medio civitatum desertarum erunt
ــ ئۇلار ۋەيران قىلىنغان زېمىنلار ئارىسىدا ۋەيران قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابە قىلىنغان شەھەرلەر ئارىسىدا ياتىدۇ.
8 et scient quoniam ego Dominus cum dedero ignem in Aegyptum et adtriti fuerint omnes auxiliatores eius
شۇنىڭ بىلەن، مەن مىسىرغا ئوت سالغىنىمدا، ئۇنىڭ ياردىمىدە بولغانلار سۇندۇرۇلغاندا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛
9 in die illa egredientur nuntii a facie mea in trieribus ad conterendam Aethiopiae confidentiam et erit pavor in eis in die Aegypti quia absque dubio veniet
شۇ كۈنى ئەلچىلەر ئېفىئوپىيەنى قورقىتىش ئۈچۈن كېمىلەردە ئولتۇرۇپ مەندىن چىقىدۇ؛ مىسىرنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈندەك ئۇلارغىمۇ ئازاب-ئوقۇبەت چۈشىدۇ؛ مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ!
10 haec dicit Dominus Deus et cessare faciam multitudinem Aegypti in manu Nabuchodonosor regis Babylonis
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەنە مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولى بىلەن تۈگىتىمەن.
11 ipse et populus eius cum eo fortissimi gentium adducentur ad disperdendam terram et evaginabunt gladios suos super Aegyptum et implebunt terram interfectis
ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن خەلقى، يەنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ دەھشەتلىكى زېمىننى ھالاك قىلىشقا ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئۇلار مىسىر بىلەن قارشىلىشقا قىلىچلارنى سۇغۇرۇپ، زېمىننى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرىدۇ.
12 et faciam alveos fluminum aridos et tradam terram in manu pessimorum et dissipabo terram et plenitudinem eius in manu alienorum ego Dominus locutus sum
مەن نىل دەريالىرىنى قۇرۇتىمەن، ۋە زېمىننى رەزىل ئادەملەرنىڭ قولىغا سېتىۋېتىمەن؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرغان ھەممىنى يات ئادەملەرنىڭ قولىدا ۋەيرانە قىلىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغان».
13 haec dicit Dominus Deus et disperdam simulacra et cessare faciam idola de Memphis et dux de terra Aegypti non erit amplius et dabo terrorem in terra Aegypti
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن نوف شەھىرىدىن بۇتلارنى يوقىتىمەن، ئويغان مەبۇدلارنىمۇ يوقىتىمەن؛ مىسىر زېمىنىدىن قايتىدىن شاھزادە بولماس؛ مەن مىسىر زېمىنىنى قورقۇنچقا چۈشۈرىمەن.
14 et disperdam terram Fatures et dabo ignem in Tafnis et faciam iudicia in Alexandriam
مەن پاتروس شەھىرىنى ۋەيرانە قىلىپ، زوئان شەھىرىدە ئوت سالىمەن، نو شەھىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن.
15 et effundam indignationem meam super Pelusium robur Aegypti et interficiam multitudinem Alexandriae
مىسىرنىڭ ئىستىھكامى بولغان سىن شەھىرىنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى تۆكىمەن؛ نو شەھىرىنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى قىرىۋېتىمەن.
16 et dabo ignem in Aegypto quasi parturiens dolebit Pelusium et Alexandria erit dissipata et in Memphis angustiae cotidianae
مەن مىسىردا بىر ئوت سالىمەن؛ سىن ئازابلاردىن تولغىنىپ كېتىدۇ؛ نو شەھىرى بۆسۈلىدۇ، نوف شەھىرى ھەر كۈنى ياۋلارغا يۈزلىنىدۇ.
17 iuvenes Eliupoleos et Bubasti gladio cadent et ipsae captivae ducentur
ئاۋەن ۋە پىبەسەت شەھەرلىرىدىكى يىگىتلەر قىلىچلىنىدۇ؛ بۇ شەھەرلەر سۈرگۈن قىلىنىدۇ.
18 et in Tafnis nigrescet dies cum contrivero ibi sceptra Aegypti et defecerit in ea superbia potentiae eius ipsam nubes operiet filiae autem eius in captivitatem ducentur
مېنىڭ شۇ يەردە مىسىرنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرىنى سۇندۇرغىنىمدا، تاھپانەس شەھىرىدە كۈن قاراڭغۇلىشىدۇ؛ ئۇنىڭدا ئۆز كۈچىدىن بولغان پەخرى يوقىلىدۇ؛ بىر بۇلۇت ئۇنى قاپلايدۇ؛ ئۇنىڭ قىزلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ.
19 et faciam iudicia in Aegypto et scient quia ego Dominus
مەن شۇنداق قىلىپ مىسىر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ۋە شۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».
20 et factum est in undecimo anno in primo in septima mensis factum est verbum Domini ad me dicens
ئون بىرىنچى يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
21 fili hominis brachium Pharao regis Aegypti confregi et ecce non est obvolutum ut restitueretur ei sanitas ut ligaretur pannis et farciretur linteolis et recepto robore posset tenere gladium
ئى ئىنسان ئوغلى، مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ بىلىكىنى سۇندۇردۇم؛ ۋە مانا، ئۇ داۋالىنىشقا تېڭىلمىدى، ياكى قىلىچ تۇتۇشقا تېڭىق بىلەن كۈچەيتىلمىدى.
22 propterea haec dicit Dominus Deus ecce ego ad Pharao regem Aegypti et comminuam brachium eius forte sed confractum et deiciam gladium de manu eius
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە قارشىمەن؛ مەن ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى، ھەم كۈچلۈك بولغىنىنى ھەم سۇندۇرۇلغان بىلىكىنى ئۈزۈۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن قىلىچىنى قولىدىن چۈشۈرمەن؛
23 et dispergam Aegyptum in gentibus et ventilabo eos in terris
مىسىرلىقلارنى ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن، مەملىكەتلەر ئارىسىغا تارىتىمەن.
24 et confortabo brachia regis Babylonis daboque gladium meum in manu eius et confringam brachia Pharaonis et gement gemitibus interfecti coram facie eius
مەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىنى كۈچەيتىپ، قىلىچىمنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمەن؛ مەن پىرەۋننىڭ بىلەكلىرىنى سۇندۇرىمەنكى، ئۇ بابىل پادىشاھى ئالدىدا ئەجىلى توشقان يارىلانغان ئادەمدەك ئاھ-زارلار بىلەن ئىڭرايدۇ.
25 et confortabo brachia regis Babylonis et brachia Pharaonis concident et scient quia ego Dominus cum dedero gladium meum in manu regis Babylonis et extenderit eum super terram Aegypti
مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىنى كۈچەيتىمەن، ۋە پىرەۋننىڭ بىلەكلىرى ساڭگىلاپ قالىدۇ؛ مەن ئۆز قىلىچىمنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تۇتقۇزغىنىمدا، ئۇ ئۇنى مىسىر زېمىنى ئۈستىگە سوزغىنىدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛
26 et dispergam Aegyptum in nationes et ventilabo eos in terris et scient quia ego Dominus
ۋە مەن مىسىرلىقلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىتىمەن؛ ۋە ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىمنى تونۇپ يېتىدۇ».

< Hiezechielis Prophetæ 30 >