< Actuum Apostolorum 12 >

1 eodem autem tempore misit Herodes rex manus ut adfligeret quosdam de ecclesia
شۇ چاغلاردا، ھېرود پادىشاھ جامائەتتىكىلەردىن بەزىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇپ ئۇلارغا قول سالدى.
2 occidit autem Iacobum fratrem Iohannis gladio
ئۇ يۇھاننانىڭ ئاكىسى ياقۇپنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى.
3 videns autem quia placeret Iudaeis adposuit adprehendere et Petrum erant autem dies azymorum
ئۆزىنىڭ بۇ قىلغان ئىشىنىڭ يەھۇدىيلارغا ياققانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ پېترۇسنىمۇ تۇتقۇن قىلدۇرۇدى (شۇ چاغدا «پېتىر نان ھېيتى» مەزگىلى ئىدى).
4 quem cum adprehendisset misit in carcerem tradens quattuor quaternionibus militum custodire eum volens post pascha producere eum populo
پېترۇسنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، تۆت لەشكەر بىر گۇرۇپپا قىلىنغان تۆت قاراۋۋۇل توپىغا تاپشۇردى. پاسخا ھېيتتىن كېيىن، ھېرود ئۇنى خالايىق ئالدىدا سوراق قىلماقچى ئىدى.
5 et Petrus quidem servabatur in carcere oratio autem fiebat sine intermissione ab ecclesia ad Deum pro eo
شۇڭا پېترۇس زىنداندا تۇتۇپ قېلىندى. لېكىن جامائەت خۇداغا جان-دىل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشىۋاتاتتى.
6 cum autem producturus eum esset Herodes in ipsa nocte erat Petrus dormiens inter duos milites vinctus catenis duabus et custodes ante ostium custodiebant carcerem
ئەمدى ھېرود ئۇنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاقلىق پېتى، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى؛ ئىشىكنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە قاراۋۇل زىنداننى كۆزەت قىلىۋاتاتتى.
7 et ecce angelus Domini adstitit et lumen refulsit in habitaculo percussoque latere Petri suscitavit eum dicens surge velociter et ceciderunt catenae de manibus eius
ۋە تۇيۇقسىز رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، بىر نۇر كامېرنى يورۇتتى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ بىقىنىغا نوقۇپ: ــ تېز تۇر! ــ دەپ ئويغاتتى. ئۇنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇ ھامان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى.
8 dixit autem angelus ad eum praecingere et calcia te gallicas tuas et fecit sic et dixit illi circumda tibi vestimentum tuum et sequere me
پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ بېلىڭنى باغلىۋال! كەشىڭنىمۇ كىي! ــ دېدى. پېترۇس ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدى. ئاندىن ئۇ: ــ چاپىنىڭنى يېپىنچاقلاپ كەينىمدىن ماڭ! ــ دېدى.
9 et exiens sequebatur et nesciebat quia verum est quod fiebat per angelum aestimabat autem se visum videre
پېترۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ [كامېردىن] چىقتى. بىراق ئۇ پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ راستلىقىنى بىلمەي، بەلكى بىر غايىبانە كۆرۈنۈش كۆرۈپتىمەن، دەپ ئويلاۋاتاتتى.
10 transeuntes autem primam et secundam custodiam venerunt ad portam ferream quae ducit ad civitatem quae ultro aperta est eis et exeuntes processerunt vicum unum et continuo discessit angelus ab eo
ئۇلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كۆزەتتىن ئۆتۈپ، زىنداننىڭ شەھەرگە چىقىدىغان تۆمۈر دەرۋازىسىغا بارغاندا، دەرۋازا ئۇلار ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار چىقىپ، بىر كوچىدىن ئۆتكەندە، پەرىشتە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى.
11 et Petrus ad se reversus dixit nunc scio vere quia misit Dominus angelum suum et eripuit me de manu Herodis et de omni expectatione plebis Iudaeorum
شۇ چاغدا، پېترۇس ئېسىگە كېلىپ، ئۆز-ئۆزىگە: «دەرۋەقە ئەمدى رەب ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، مېنى ھېرودنىڭ قولىدىن ۋە يەھۇدىي خەلقىنىڭ كۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزۇپتۇ، دەپ بىلدىم» ــ دېدى.
12 consideransque venit ad domum Mariae matris Iohannis qui cognominatus est Marcus ubi erant multi congregati et orantes
ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىپ يەتكەندە، ئۇ ماركۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى.
13 pulsante autem eo ostium ianuae processit puella ad audiendum nomine Rhode
ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىشىكىنى قاققاندا، رودا ئىسىملىك بىر دېدەك ئاۋازنى ئاڭلاپ چىقتى.
14 et ut cognovit vocem Petri prae gaudio non aperuit ianuam sed intro currens nuntiavit stare Petrum ante ianuam
ئۇ پېترۇسنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، خۇشاللىقىدىن ئىشىكنى ئېچىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي يۈگۈرۈپ كېلىپ، ھەممەيلەنگە: ــ پېترۇس دەرۋازا ئالدىدا تۇرىدۇ! ــ دەپ خەۋەر قىلدى.
15 at illi dixerunt ad eam insanis illa autem adfirmabat sic se habere illi autem dicebant angelus eius est
لېكىن ئۇلار: ــ ساراڭ بولۇپ قالدىڭغۇ! ــ دېيىشتى. بىراق ئۇ: ــ راست شۇنداق، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار: ــ ئۇ ئۇنىڭ پەرىشتىسى بولسا كېرەك! ــ دېيىشتى.
16 Petrus autem perseverabat pulsans cum autem aperuissent viderunt eum et obstipuerunt
بىراق پېترۇس دەرۋازىنى قېقىۋەردى. ئۇلار چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرگەندە ھەممەيلەن ھاڭ-تاڭ بولۇشتى.
17 annuens autem eis manu ut tacerent enarravit quomodo Dominus eduxisset eum de carcere dixitque nuntiate Iacobo et fratribus haec et egressus abiit in alium locum
پېترۇس ئۇلارغا ئۈن چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا رەبنىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ: ــ بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا ۋە قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار، ــ دەپ، ئۆزى ئۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتتى.
18 facta autem die erat non parva turbatio inter milites quidnam de Petro factum esset
تاڭ ئاتقاندا، قاراۋۇللار پېترۇس زادى نېمە بولدى دەپ سارىسىمىگە چۈشتى.
19 Herodes autem cum requisisset eum et non invenisset inquisitione facta de custodibus iussit eos duci descendensque a Iudaea in Caesaream ibi commoratus est
ھېرود ئۇنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپالمىغاچقا، قاراۋۇللارنى سوراق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى بۇيرۇدى. بۇ ئىشتىن كېيىن، ئۇ يەھۇدىيەدىن چۈشۈپ قەيسەرىيە شەھىرىگە بېرىپ شۇ يەردە تۇردى.
20 erat autem iratus Tyriis et Sidoniis at illi unianimes venerunt ad eum et persuaso Blasto qui erat super cubiculum regis postulabant pacem eo quod alerentur regiones eorum ab illo
ئەسلىدە ھېرود [خان] بىلەن تۇر ۋە زىدوندىكىلەر ئارىسىدا قاتتىق جېدەل بار ئىدى. ھالبۇكى، تۇر ۋە زىدوندىكىلەر بىرلىشىپ، ھېرودنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇلار ئالدى بىلەن خاننىڭ بىلاستۇس ئىسىملىك شەخسىي غوجىدارىنى ئۆزلىرىگە يار-يۆلەك بولۇشقا قايىل قىلغانىدى. چۈنكى بۇ يۇرتتىكىلەر ئاشلىقنى خاننىڭ ئىلكىدىكى جايلاردىن ئالاتتى.
21 statuto autem die Herodes vestitus veste regia sedit pro tribunali et contionabatur ad eos
بەلگىلەنگەن كۆرۈشۈش كۈنىدە ھېرود شاھانە تونلىرىنى كىيىپ، سوراق تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلىدى.
22 populus autem adclamabat dei voces et non hominis
ئاڭلىغان خەلق: ــ بۇ ئادەمنىڭ ئاۋازى ئەمەس، بەلكى بىر ئىلاھنىڭ ئاۋازىدۇر! ــ دەپ ۋارقىراشتى.
23 confestim autem percussit eum angelus Domini eo quod non dedisset honorem Deo et consumptus a vermibus exspiravit
شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى خاننى ئۇردى؛ چۈنكى ئۇ شان-شەرەپنى خۇداغا بېغىشلىمىدى. نەتىجىدە، ئۇ قۇرتقا يەم بولۇپ ئۆلدى.
24 verbum autem Domini crescebat et multiplicabatur
ئەمما خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق بەرق ئۇرۇپ كېڭەيدى.
25 Barnabas autem et Saulus reversi sunt ab Hierosolymis expleto ministerio adsumpto Iohanne qui cognominatus est Marcus
بارناباس بىلەن سائۇل يېرۇسالېمدا ئىئانىلىرىنى تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئانتاكياغا قايتىپ كەتتى. ئۇلار ماركۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان يۇھاننانى بىللە ئېلىپ باردى.

< Actuum Apostolorum 12 >