< Ii Paralipomenon 33 >

1 duodecim annorum erat Manasses cum regnare coepisset et quinquaginta quinque annis regnavit in Hierusalem
ماناسسەھ پادىشاھ بولغاندا ئون ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئەللىك بەش يىل سەلتەنەت قىلدى.
2 fecit autem malum coram Domino iuxta abominationes gentium quas subvertit Dominus coram filiis Israhel
ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىگە ئوخشاش ئىشلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى.
3 et conversus instauravit excelsa quae demolitus fuerat Ezechias pater eius construxitque aras Baalim et fecit lucos et adoravit omnem militiam caeli et coluit eam
ئۇ ئاتىسى ھەزەكىيا چېقىپ تاشلىغان «يۇقىرى جايلار»نى قايتىدىن ياساتتى؛ ئۇ بائاللارغا ئاتاپ قۇربانگاھلارنى سالدۇرۇپ، ئاشەراھ مەبۇدلارنى ياسىدى؛ ئۇ ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى.
4 aedificavit quoque altaria in domo Domini de qua dixerat Dominus in Hierusalem erit nomen meum in aeternum
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىمۇ قۇربانگاھلارنى ياساتتى. شۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېمدا مېنىڭ نامىم مەڭگۈ قالىدۇ» دېگەنىدى.
5 aedificavit autem ea cuncto exercitui caeli in duobus atriis domus Domini
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىدا «ئاسماننىڭ قوشۇنى»غا قۇربانگاھلارنى ئاتاپ ياساتتى.
6 transireque fecit filios suos per ignem in valle Benennon observabat somnia sectabatur auguria maleficis artibus inserviebat habebat secum magos et incantatores multaque mala operatus est coram Domino ut inritaret eum
ئۇ بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسىدا ئۆز بالىلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى؛ جادۇگەرچىلىك، پالچىلىق ۋە دەمىدىچىلىك ئىشلەتتى، ئۆزىگە جىنكەشلەر بىلەن ئەپسۇنچىلارنى بېكىتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە سان-ساناقسىز رەزىللىكنى قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
7 sculptile quoque et conflatile signum posuit in domo Domini de qua locutus est Dominus ad David et ad Salomonem filium eius dicens in domo hac et in Hierusalem quam elegi de cunctis tribubus Israhel ponam nomen meum in sempiternum
ئۇ ياساتقان ئويما مەبۇدنى خۇدانىڭ ئۆيىگە تىكلىدى. شۇ ئۆي توغرۇلۇق پەرۋەردىگار داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: ــ «بۇ ئۆيدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن مەن تاللىغان يېرۇسالېمدا ئۆز نامىمنى ئەبەدگىچە قالدۇرىمەن؛
8 et movere non faciam pedem Israhel de terra quam tradidi patribus eorum ita dumtaxat si custodierint facere quae praecepi eis cunctamque legem et caerimonias atque iudicia per manum Mosi
ئەگەر ئىسرائىل پەقەت مەن مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇلارغا تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە، يەنى بارلىق قانۇن، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويسىلا، مەن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىغا بېكىتكەن بۇ زېمىندىن قايتىدىن نېرى قىلمايمەن» ــ دېگەنىدى.
9 igitur Manasses seduxit Iudam et habitatores Hierusalem ut facerent malum super omnes gentes quas subverterat Dominus a facie filiorum Israhel
لېكىن ماناسسەھ يەھۇدالارنى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرنى شۇنداق ئازدۇردىكى، ئۇلار پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغان يات ئەللىكلەرنىڭ قىلغىنىدىنمۇ ئاشۇرۇپ رەزىللىك قىلاتتى.
10 locutusque est Dominus ad eum et ad populum illius et adtendere noluerunt
پەرۋەردىگار ماناسسەھ ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئاگاھلاندۇرۇپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى.
11 idcirco superinduxit eis principes exercitus regis Assyriorum ceperuntque Manassen et vinctum catenis atque conpedibus duxerunt Babylonem
شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنىدىكى سەردارلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇمغا سالدۇردى. ئۇلار ماناسسەھنى ئىلمەك بىلەن ئېلىپ، مىس زەنجىر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئەكەلدى.
12 qui postquam coangustatus est oravit Dominum Deum suum et egit paenitentiam valde coram Deo patrum suorum
ماناسسەھ مۇشۇنداق ئازابقا چۈشكەندە خۇداسى پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى ئالدىدا ئۆزىنى بەك تۆۋەن تۇتتى.
13 deprecatusque est eum et obsecravit intente et exaudivit orationem eius reduxitque eum Hierusalem in regnum suum et cognovit Manasses quod Dominus ipse esset Deus
ئۇ دۇئا قىلىۋىدى، [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سېلىپ، تىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ، پادىشاھلىقىغا قايتىدىن ئىگە قىلدى. ماناسسەھ شۇ چاغدىلا پەرۋەردىگارنىڭلا خۇدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى.
14 post haec aedificavit murum extra civitatem David ad occidentem Gion in convalle ab introitu portae Piscium per circuitum usque ad Ophel et exaltavit illum vehementer constituitque principes exercitus in cunctis civitatibus Iuda munitis
بۇ ئىشلاردىن كېيىن ماناسسەھ «داۋۇت شەھىرى»نىڭ سىرتىغا، جىلغا ئوتتۇرىسىدىكى گىھوننىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىن تاكى بېلىق دەرۋازىسى ئاغزىغىچە، ئوفەلنى چۆرىدەپ سېپىل ياساتتى ۋە ئۇنى ناھايىتى ئېگىز قىلدى؛ يەھۇدانىڭ ھەرقايسى قورغانلىق شەھەرلىرىدە قوشۇن سەردارلىرىنى تەيىنلىدى.
15 et abstulit deos alienos et simulacrum de domo Domini aras quoque quas fecerat in monte domus Domini et in Hierusalem et proiecit omnia extra urbem
ئۇ يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىدىن يات ئەللىكلەرنىڭ مەبۇدلىرى بىلەن [ئۆزى قويغان] بۇتنى، ئۆزى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ تېغى بىلەن يېرۇسالېمدا ياساتقۇزغان بارلىق قۇربانگاھلارنى ئېلىۋېتىپ، شەھەر سىرتىغا تاشلاتقۇزىۋەتتى.
16 porro instauravit altare Domini et immolavit super illud victimas et pacifica et laudem praecepitque Iudae ut serviret Domino Deo Israhel
[ماناسسەھ] پەرۋەردىگار قۇربانگاھىنى يېڭىباشتىن تىكلىتىپ، قۇربانگاھقا ئىناقلىق قۇربانلىقى بىلەن تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇندى ۋە يەھۇدالارغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە كىرىشنى بۇيرۇدى.
17 attamen adhuc populus immolabat in excelsis Domino Deo suo
شۇنداقتىمۇ، خەلق قۇربانلىقنى يەنىلا «يۇقىرى جايلار»دا ئۆتكۈزەتتى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغىلا سۇنۇلاتتى.
18 reliqua autem gestorum Manasse et obsecratio eius ad Deum suum verba quoque videntium qui loquebantur ad eum in nomine Domini Dei Israhel continentur in sermonibus regum Israhel
ماناسسەھنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ خۇداسىغا قىلغان دۇئاسى ۋە ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا ئېيتقان گەپلىرى بولسا، مانا ئۇلار «ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ خاتىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر.
19 oratio quoque eius et exauditio et cuncta peccata atque contemptus loca etiam in quibus aedificavit excelsa et fecit lucos et statuas antequam ageret paenitentiam scripta sunt in sermonibus Ozai
ئۇنىڭ دۇئاسى، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تىلەكلىرىنى قانداق ئىجابەت قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن قىلىشىدىن ئىلگىرى قىلغان بارلىق گۇناھى ۋە ۋاپاسىزلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قەيەردە «يۇقىرى جايلار» سالدۇرغانلىقى، ئاشەراھ مەبۇدلىرى ھەم ئويما مەبۇدلارنى تىكلىگەنلىكى بولسا، مانا ھەممىسى «ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدە» پۈتۈلگەندۇر.
20 dormivit ergo Manasses cum patribus suis et sepelierunt eum in domo sua regnavitque pro eo filius eius Amon
ماناسسەھ ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى ئۆز ئوردىسىغا دەپنە قىلدى؛ ئوغلى ئامون ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
21 viginti duo annorum erat Amon cum regnare coepisset et duobus annis regnavit in Hierusalem
ئامون تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى.
22 fecitque malum in conspectu Domini sicut fecerat Manasses pater eius et cunctis idolis quae Manasses fuerat fabricatus immolavit atque servivit
ئۇ ئاتىسى ماناسسەھ قىلغىنىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. ئۇ ئاتىسى ماناسسەھ ياساتقان بارلىق ئويما مەبۇدلارغا قۇربانلىق سۇندى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى.
23 et non est reveritus faciem Domini sicut reveritus est Manasses pater eius et multo maiora deliquit
ئۇ ئۆزىنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئاتىسى ماناسسەھ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاندەك تۆۋەن تۇتمىدى؛ بۇ ئاموننىڭ بولسا گۇناھ-قەبىھلىكلىرى بارغانسېرى ئېشىپ باردى.
24 cumque coniurassent adversus eum servi sui interfecerunt eum in domo sua
كېيىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنى قەستلەپ ئۆز ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى.
25 porro reliqua populi multitudo caesis his qui Amon percusserant constituit regem Iosiam filium eius pro eo
لېكىن يەھۇدا زېمىنىدىكىلەر ئامون پادىشاھنى قەستلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى؛ ئاندىن يۇرت خەلقى ئۇنىڭ ئورنىدا ئوغلى يوسىيانى پادىشاھ قىلدى.

< Ii Paralipomenon 33 >