< Corinthios I 2 >

1 et ego cum venissem ad vos fratres veni non per sublimitatem sermonis aut sapientiae adnuntians vobis testimonium Christi
مەن بولسام، ئى قېرىنداشلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن ھېچ گەپدانلىق ياكى ئەقىل-دانالىق ئىشلىتىپ كەلگەن ئەمەسمەن؛
2 non enim iudicavi scire me aliquid inter vos nisi Iesum Christum et hunc crucifixum
چۈنكى مەن ئاراڭلاردا ئەيسا مەسىھدىن باشقا، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھدىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەسلىككە بەل باغلىغانىدىم؛
3 et ego in infirmitate et timore et tremore multo fui apud vos
مەن ئاراڭلاردا بولغان ۋاقتىمدا ئاجىزلىقتا، قورقۇنچتا ۋە تىترىگەن ھالەتتە بولاتتىم؛
4 et sermo meus et praedicatio mea non in persuasibilibus sapientiae verbis sed in ostensione Spiritus et virtutis
مېنىڭ سۆزلىرىم ھەم جاكارلىشىم بولسا ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك ئىنسانىي دانالىق سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى روھنىڭ ئالامەت كۆرسىتىشلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن بولغان ئىدى.
5 ut fides vestra non sit in sapientia hominum sed in virtute Dei
بۇنىڭدىن مەقسەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ئىنسانىي دانالىققا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە باغلانسۇن دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.
6 sapientiam autem loquimur inter perfectos sapientiam vero non huius saeculi neque principum huius saeculi qui destruuntur (aiōn g165)
ھالبۇكى، كامالەتكە يەتكەنلەر ئارىسىدا بىز دانالىقنى بايان قىلىمىز؛ بۇ دانالىق بۇ دەۋردىكى دانالىق ئەمەس، ياكى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ دانالىقى ئەمەس (ئۇلار زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندۇر)؛ (aiōn g165)
7 sed loquimur Dei sapientiam in mysterio quae abscondita est quam praedestinavit Deus ante saecula in gloriam nostram (aiōn g165)
ئەمما بىز بىر سىرنى ئاشكارىلاپ، خۇدانىڭ بىر دانالىقىنى بايان قىلىمىز؛ خۇدا ئەسلىدە ئاشكارە قىلىنمىغان بۇ دانالىقنى بارلىق دەۋرلەردىن بۇرۇن بىزنىڭ شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن بېكىتكەنىدى. (aiōn g165)
8 quam nemo principum huius saeculi cognovit si enim cognovissent numquam Dominum gloriae crucifixissent (aiōn g165)
بۇ دانالىقنى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىپ يەتمىگەنىدى؛ ئۇنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسا، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان رەبنى كرېستلىمىگەن بولاتتى. (aiōn g165)
9 sed sicut scriptum est quod oculus non vidit nec auris audivit nec in cor hominis ascendit quae praeparavit Deus his qui diligunt illum
ھالبۇكى، [تەۋراتتا] پۈتۈلگەنندەك: ــ «ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى ــ دەل ھېچقانداق كۆز كۆرمىگەن، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلىمىغان، ھېچقانداق كۆڭۈل ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر».
10 nobis autem revelavit Deus per Spiritum suum Spiritus enim omnia scrutatur etiam profunda Dei
ئەمما بۇ نەرسىلەرنى خۇدا روھى ئارقىلىق ئايان قىلدى؛ چۈنكى روھ بولسا ھەممە ئىشلارنى، ھەتتا خۇدانىڭ چوڭقۇر تەگلىرىنى ئىنچىكىلەپ ئىزلىگۈچىدۇر؛
11 quis enim scit hominum quae sint hominis nisi spiritus hominis qui in ipso est ita et quae Dei sunt nemo cognovit nisi Spiritus Dei
چۈنكى ئىنسانلاردا، ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگۈچى شۇ ئىنساننىڭ روھىدىن باشقا نەرسە بارمۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ روھىدىن باشقا، خۇدانىڭ كۆڭلىدىكىلىرىنى بىلگۈچى يوقتۇر.
12 nos autem non spiritum mundi accepimus sed Spiritum qui ex Deo est ut sciamus quae a Deo donata sunt nobis
ئەمما بىزنىڭ قوبۇل قىلغىنىمىز بولسا بۇ دۇنيادىكى روھ ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن روھتۇر؛ دەل شۇنداق بولغاچقا بىز خۇدا تەرىپىدىن بىزگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلىنغان نەرسىلەرنى بىلىپ يېتەلەيمىز.
13 quae et loquimur non in doctis humanae sapientiae verbis sed in doctrina Spiritus spiritalibus spiritalia conparantes
بۇ ئىش-شەيئىلەرنى ئىنسانىي دانالىقتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى [مۇقەددەس] روھتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن، روھىي ئىشلارنى روھىي سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ سۆزلەيمىز.
14 animalis autem homo non percipit ea quae sunt Spiritus Dei stultitia est enim illi et non potest intellegere quia spiritaliter examinatur
ئەمما «جانغا تەۋە» كىشى خۇدانىڭ روھىنىڭ ئىشلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەخمىقانىلىكتۇر؛ ئۇ ئۇلارنى ھېچ چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار روھ بىلەن پەرق ئېتىلىپ باھالىنىشى كېرەكتۇر.
15 spiritalis autem iudicat omnia et ipse a nemine iudicatur
روھقا تەۋە كىشى ھەممە ئىشلارغا باھا بېرەلەيدۇ؛ ئەمما ئۇنىڭغا بولسا ھېچكىم باھا بېرەلمەيدۇ.
16 quis enim cognovit sensum Domini qui instruat eum nos autem sensum Christi habemus
چۈنكى كىم رەبنىڭ ئوي-كۆڭلىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىسۇن؟ ئەمما بىز بولساق مەسىھنىڭ ئوي-كۆڭلىگە ئىگىمىز.

< Corinthios I 2 >