< Hiezechielis Prophetæ 46 >

1 Haec dicit Dominus Deus: Porta atrii interioris, quae respicit ad Orientem, erit clausa sex diebus, in quibus opus fit: die autem Sabbati aperietur, sed et in die Calendarum aperietur.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىچكى ھويلىنىڭ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسى ئالتە «ئىش كۈنى»دە ئېتىكلىك بولىدۇ؛ بىراق شابات كۈنىدە ئۇ ئېچىلىدۇ؛ ۋە «يېڭى ئاي» بولغان كۈنلىرىدە ئۇ ئېچىلىدۇ.
2 Et intrabit princeps per viam vestibuli portae deforis, et stabit in limine portae: et facient sacerdotes holocaustum eius, et pacifica eius: et adorabit super limen portae, et egredietur: porta autem non claudetur usque ad vesperam.
شاھزادە سىرتتىن شۇ دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ يولى بىلەن كىرىدۇ، ئۇ كىرىش ئېغىزىنىڭ كېشەك تېمى تۈۋىدە تۇرىدۇ؛ كاھىنلار بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ؛ ئۇ دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدا سەجدە قىلىدۇ ئاندىن چىقىدۇ؛ بىراق دەرۋازا كەچكىچە ئېتىلمەيدۇ.
3 Et adorabit populus terrae ad ostium portae illius in Sabbatis, et in Calendis coram Domino.
زېمىندىكى خەلقمۇ شابات كۈنلىرىدە ۋە «يېڭى ئاي»لاردا شۇ دەرۋازىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ پەرۋەردىگار ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ.
4 Holocaustum autem hoc offeret princeps Domino: in die Sabbati sex agnos immaculatos, et arietem immaculatum.
شابات كۈنىدە شاھزادە پەرۋەردىگارغا سۇنغان قۇربانلىق بولسا ئالتە بېجىرىم پاخلان، بىر بېجىرىم قوچقار بولىدۇ.
5 Et sacrificium ephi per arietem: in agnis autem sacrificium quod dederit manus eius: et olei hin per singula ephi.
بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلەر قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا بولسا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ.
6 In die autem Calendarum vitulum de armento immaculatum: et sex agni, et arietes immaculati erunt.
«يېڭى ئاي»نىڭ كۈنىدە ئۇ سۇنغان قۇربانلىق ياش بىر بېجىرىم تورپاق، ئالتە پاخلان، بىر قوچقار بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولىدۇ.
7 Et ephi per vitulum, ephi quoque per arietem faciet sacrificium: de agnis autem, sicut invenerit manus eius: et olei hin per singula ephi.
بۇلارغا ئاشلىق ھەدىيەلەرنى قۇشۇپ سۇنىدۇ؛ تورپاققا بىر ئەفاھ، قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ.
8 Cumque ingressurus est princeps, per viam vestibuli portae ingrediatur, et per eamdem viam exeat.
شاھزادە كىرگەندە، دەرۋازىنىڭ دالىنى بىلەن كىرىدۇ، ۋە شۇ يول بىلەن چىقىدۇ.
9 Et cum intrabit populus terrae in conspectu Domini in sollemnitatibus: qui ingreditur per portam Aquilonis, ut adoret, egrediatur per viam portae Meridianae: porro qui ingreditur per viam portae Meridianae, egrediatur per viam portae Aquilonis: non revertetur per viam portae, per quam ingressus est, sed e regione illius egredietur.
زېمىندىكى خەلق ھېيت كۈنلىرىدە بېكىتىلگەن «ئىبادەت سورۇن»لىرىغا پەرۋەردىگار ئالدىغا كىرگەندە، سەجدە قىلىشقا شىمالىي دەرۋازىدىن كىرگەن كىشى جەنۇبىي دەرۋازىدىن چىقىدۇ؛ جەنۇبىي دەرۋازىدىن كىرگەن كىشى شىمالىي دەرۋازىدىن چىقىدۇ؛ ئۇ كىرگەن دەرۋازىدىن چىقمايدۇ، بەلكى ئۇدۇلىغا مېڭىپ چىقىدۇ.
10 Princeps autem in medio eorum cum ingredientibus ingredietur, et cum egredientibus egredietur.
خەلق كىرگەندە شاھزادە ئۇلار بىلەن بىللە كىرىدۇ؛ ئۇلار چىققاندا، بىللە چىقىدۇ.
11 Et in nundinis, et in sollemnitatibus erit sacrificium ephi per vitulum, et ephi per arietem: de agnis autem erit sacrificium sicut invenerit manus eius: et olei hin per singula ephi.
ھېيت-بايراملاردا ۋە «ئىبادەت سورۇن»لىرىدا بولسا، ئۇ قوشۇمچە سۇنغان ئاشلىق ھەدىيەلەر تورپاققا بىر ئەفاھ، قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا بولسا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ.
12 Cum autem fecerit princeps spontaneum holocaustum, aut pacifica voluntaria Domino: aperietur ei porta, quae respicit ad Orientem, et faciet holocaustum suum, et pacifica sua, sicut fieri solet in die sabbati: et egredietur, claudeturque porta postquam exierit.
شاھزادە پەرۋەردىگارغا خالىس كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ياكى خالىس ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنماقچى بولسا، ئەمدى شەرققە قارايدىغان دەرۋازا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلىدۇ؛ شابات كۈنىدە قىلغاندەك، ئۇ ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ؛ ئۇ قايتىپ چىقىدۇ؛ چىققاندىن كېيىن دەرۋازا ئېتىلىدۇ.
13 Et agnum eiusdem anni immaculatum faciet holocaustum quotidie Domino: semper mane faciet illud.
ھەر كۈندە سەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر ياشلىق بېجىرىم پاخلاننى سۇنىسەن؛ سەن ھەر ئەتىگىنى تەييارلاپ بېرىسەن.
14 Et faciet sacrificium super eo cata mane mane sextam partem ephi, et de oleo tertiam partem hin, ut misceatur similae: sacrificium Domino legitimum, iuge atque perpetuum.
ھەر ئەتىگەندە سەن ئۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيە، يەنى ئۇندىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ ۋە ئۇننى مايلاشقا زەيتۇن مېيىدىن ئۈچتىن بىر ھىن تەييارلايسەن؛ بۇ پەرۋەردىگارغا ئەبەدىي بەلگىلىمە بىلەن بېكىتىلگەن ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ.
15 Faciet agnum, et sacrificium, et oleum cata mane mane, holocaustum sempiternum.
ئۇلار ھەر ئەتىگەندە پاخلاننى، ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسىنى زەيتۇن مېيى بىلەن ئەبەدىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنىدۇ.
16 Haec dicit Dominus Deus: Si dederit princeps domum alicui de filiis suis: hereditas eius, filiorum suorum erit, possidebunt eam hereditarie.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ شاھزادە ئۆز مىراسىدىن ئوغۇللىرىنىڭ بىرسىگە سوۋغا قىلغان بولسا، ئەمدى ئۇ يەنە ئاشۇ ئوغلىنىڭ ئۆز ئوغۇل-ئەجدادلىرى ئۈچۈن بولىدۇ؛ مىراس يولى بويىچە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى بولىدۇ.
17 Si autem dederit legatum de hereditate sua uni servorum suorum, erit illius usque ad annum remissionis, et revertetur ad principem: hereditas autem eius, filiis eius erit.
بىراق ئۇ ئۆز مىراسىدىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرىگە سوۋغا بەرگەن بولسا، ئۇ ئۇنىڭكى «خالاس قىلىش يىلى»غىچە بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ شاھزادىگە قايتۇرۇلىدۇ؛ [شاھزادىنىڭ مىراسى] ئەسلى ئۆز ئوغۇللىرىغىلا مەنسۇپ بولىدۇ.
18 Et non accipiet princeps de hereditate populi per violentiam, et de possessione eorum: sed de possessione sua hereditatem dabit filiis suis: ut non dispergatur populus meus unusquisque a possessione sua.
ۋە شاھزادە خەلققە جەبىر-زۇلۇم سېلىپ، ئۇلارنى مىراسىدىن ھەيدىۋەتمەيدۇ؛ ئۇ ئوغۇللىرىغا ئۆز ئىگىلىكىدىن مىراس تەقسىم قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ئۆز ئىگىلىكىدىن تارقىتىلمايدۇ.
19 Et introduxit me per ingressum, qui erat ex latere portae, in gazophylacia sanctuarii ad sacerdotes, quae respiciebant ad Aquilonem: et erat ibi locus vergens ad Occidentem.
ئاندىن [ھېلىقى كىشى] مېنى شىمالغا قارايدىغان، كاھىنلار ئۈچۈن بولغان مۇقەددەس «كىچىك خانىلار»غا دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى كىرىش يولى بىلەن ئاپاردى؛ مانا، ئۇنىڭ غەرب تەرىپىدە مەخسۇس بىر جاي بار ئىدى؛
20 Et dixit ad me: Iste est locus ubi coquent sacerdotes pro peccato, et pro delicto: ubi coquent sacrificium, ut non efferant in atrium exterius, et sanctificetur populus.
ئۇ ماڭا: «بۇ كاھىنلار ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى ۋە گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدىغان ھەم ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پىشۇرىدىغان جايدۇر؛ بۇ جاينى بېكىتىشتىكى مەقسەت، خەلقنىڭ بۇ ئاشلارنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ [ئاشلارنى] سىرتقى ھويلىغا ئېلىپ چىقمايدۇ.
21 Et eduxit me in atrium exterius, et circumduxit me per quattuor angulos atrii: et ecce atriolum erat in angulo atrii, atriola singula per angulos atrii.
ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا ئاپىرىپ، مېنى ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن ئۆتكۈزدى؛ مانا، ھويلىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىدا [كىچىك] ھويلا بار ئىدى.
22 In quattuor angulis atrii atriola disposita, quadraginta cubitorum per longum, et triginta per latum: mensurae unius quattuor erant.
ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا، ئۇزۇنلۇقى قىرىق گەز، كەڭلىكى ئوتتۇز گەز بولغان توسما تاملىق ھويلىلار بار ئىدى؛ بۇ تۆت ھويلىنىڭ ئۆلچەملىرى ئوخشاش ئىدى.
23 Et paries per circuitum ambiens quattuor atriola: et culinae fabricatae erant subter porticus per gyrum.
بۇ تۆت ھويلا ئىچىدە ئەتراپىدا تاش تاختايلىق تەكچە بار ئىدى؛ تەكچە ئاستىدا ھەممە ئەتراپىدا قازان قاينىتىدىغان [ئوت قالايدىغان] جايلىرى بار ئىدى.
24 Et dixit ad me: Haec est domus culinarum, in qua coquent ministri domus Domini victimas populi.
ئۇ ماڭا: «بۇلار «گۆش قاينىتىش ئۆيلىرى»، مۇشۇ يەرلەردە ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولغانلار خەلقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدۇ» ــ دېدى.

< Hiezechielis Prophetæ 46 >