< Deuteronomii 3 >

1 Itaque conversi ascendimus per iter Basan: egressusque est Og rex Basan in occursum nobis cum populo suo ad bellandum in Edrai.
ئاندىن بىز بۇرۇلۇپ، باشانغا بارىدىغان يول بىلەن چىقىپ ماڭدۇق؛ باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ ۋە بارلىق خەلقى بىزگە قارشى جەڭ قىلىشقا ئەدرەيگە چىقتى.
2 Dixitque Dominus ad me: Ne timeas eum: quia in manu tua traditus est cum omni populo ac terra sua: faciesque ei sicut fecisti Sehon regi Amorrhaeorum, qui habitavit in Hesebon.
پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇنىڭدىن قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى، ئۇنىڭ خەلقى ۋە زېمىنىنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ ھەشبوندا تۇرغان ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى نېمە قىلغان بولسا، ئۇنىمۇ شۇنداق قىلىسەن» ــ دېدى.
3 Tradidit ergo Dominus Deus noster in manibus nostris etiam Og regem Basan, et universum populum eius: percussimusque eos usque ad internecionem,
پەرۋەردىگار خۇدايىمىز دەرۋەقە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى ۋە بارلىق خەلقىنى قولىمىزغا تاپشۇردى؛ بىز ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلاردىن ھېچكىمنى قالدۇرماي قىردۇق.
4 vastantes cunctas civitates illius uno tempore. non fuit oppidum, quod nos effugeret: sexaginta urbes, omnem regionem Argob regni Og in Basan.
شۇ ۋاقىتتا بىز ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلدۇق؛ بىز ئۇنىڭ شەھەرلىرىدىن ئىگىلىمىگەن بىرسىمۇ قالمىدى. بۇلار باشاندىكى ئوگنىڭ پادىشاھلىقى، يەنى پۈتكۈل ئارگوب رايونى بولۇپ، جەمئىي ئاتمىش شەھەر ئىدى.
5 Cunctae urbes erant munitae muris altissimis, portisque et vectibus, absque oppidis innumeris, quae non habebant muros.
بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئېگىز سېپىللار ۋە بالداقلىق قوۋۇقلىرى بىلەن مۇستەھكەم قىلىنغانىدى؛ ئۇلارغا قاراشلىق يېزا-كەنتلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى.
6 Et delevimus eos, sicut feceramus Sehon regi Hesebon, disperdentes omnem civitatem, virosque ac mulieres et parvulos:
بىز ئۇلارنى ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننى قىلغىنىمىزدەك تەلتۆكۈس يوقاتتۇق ــ بارلىق شەھەرلەر، ئەرلەر، ئايال-بالىلارنى قويماي ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتۇق.
7 iumenta autem et spolia urbium diripuimus.
بىز پەقەت ئۆزلىرىمىز ئۈچۈن بارلىق چارۋا-ماللارنى ۋە شەھەرلەردىن ئولجا غەنىيمەت ئالدۇق.
8 Tulimusque illo in tempore terram de manu duorum regum Amorrhaeorum, qui erant trans Iordanem: a torrente Arnon usque ad montem Hernon,
شۇ چاغدا بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنىڭ قولىدىن زېمىنىنى، يەنى ئارنون دەرياسىدىن ھەرمون تېغىغىچە بولغان زېمىنىنى تارتىۋالدۇق
9 quem Sidonii Sarion vocant, et Amorrhaei Sanir:
(ھەرمون تېغىنى زىدونىيلار «سىرىئون»، ئامورىيلار «سېنىر» دەپ ئاتايدۇ)؛
10 omnes civitates, quae sitae sunt in planitie, et universam Terram Galaad et Basan usque ad Selcha, et Edrai civitates regni Og in Basan.
بىز يەنە تۈزلەڭلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر، پۈتكۈل گىلېئاد ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىدىكى سالىكاھ ۋە ئەدرەي شەھەرلىرىگىچە، باشاننىڭ بارلىق زېمىنىنى ئىگىلىدۇق
11 Solus quippe Og rex Basan restiterat de stirpe gigantum. Monstratur lectus eius ferreus, qui est in Rabbath filiorum Ammon, novem cubitos habens longitudinis, et quattuor latitudinis ad mensuram cubiti virilis manus.
(شۇ چاغدا گىگانتلارنىڭ قالدۇقىدىن پەقەت باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ قالغانىدى؛ ئۇنىڭ كارىۋىتى تۆمۈردىن ياسالغانىدى؛ مانا، ئۇ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە ساقلىنىۋاتمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى توققۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز. «گەز» ــ ئادەتتىكى ئادەمنىڭ جەينىكى ئۆلچەم قىلىنغان).
12 Terramque possedimus tempore illo ab Aroer, quae est super ripam torrentis Arnon, usque ad mediam partem montis Galaad: et civitates illius dedi Ruben et Gad.
بىز شۇ چاغدا ئىگىلىگەن زېمىن مۇنداق: ــ ئارنون دەرياسى يېنىدىكى ئاروئەر شەھىرىدىن تارتىپ، گىلېئاد تاغلىقىنىڭ يېرىمىنى ۋە ئۇنىڭدىكى شەھەرلەرنى رۇبەن ۋە گاد قەبىلىسىدىكىلەرگە تەقدىم قىلدىم؛
13 Reliquam autem partem Galaad, et omnem Basan regni Og, tradidi mediae tribui Manasse, omnem regionem Argob: cunctaque Basan vocatur Terra gigantum.
گىلېئادنىڭ قالغان زېمىنى ۋە ئوگ پادىشاھنىڭ زېمىنى بولغان پۈتكۈل باشاننى مەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە تەقدىم قىلدىم (پۈتكۈل ئارگوب رايونى، يەنى پۈتكۈل باشان «گىگانتلارنىڭ زېمىنى» دېيىلىدۇ.
14 Iair filius Manasse possedit omnem regionem Argob usque ad terminos Gessuri, et Machati. Vocavitque ex nomine suo Basan, Havoth Iair, id est, Villas Iair, usque in praesentem diem.
ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىر پۈتكۈل ئارگوب رايونىنى، يەنى باشاننى گەشۇرىيلار ۋە مائاكاتىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىگەن ۋە ئۇنى ئۆز ئىسمى بىلەن «ھاۋۋوت-يائىر» دەپ ئاتىغان. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ شۇنداق ئاتالماقتا).
15 Machir quoque dedi Galaad.
گىلېئادنى بولسا مەن ماكىرغا تەقدىم قىلدىم.
16 Et tribubus Ruben et Gad dedi de Terra Galaad usque ad Torrentem Arnon medium torrentis, et confinium usque ad torrentem Ieboc, qui est terminus filiorum Ammon:
رۇبەندىكىلەر ۋە گادتىكىلەرگە مەن گىلېئادتىن ئارنون دەرياسىغىچە (ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسى چېگرا ئىدى)، شۇنداقلا ئاممونىيلارنىڭ چېگراسى بولغان ياببوك دەرياسىغىچە بولغان زېمىننى تەقدىم قىلدىم؛
17 et planitiem solitudinis, atque Iordanem, et terminos Cenereth usque ad mare deserti, quod est salsissimum, ad radices montis Phasga contra orientem.
يەنە پىسگاھ تاغلىقى ئاستىدا ياتقان ئاراباھ تۈزلەڭلىكى (تاغلىق تۈزلەڭلىكنىڭ شەرقىي تەرىپىدە) ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ كىننەرەت كۆلىدىن تارتىپ تۇز دېڭىزغىچە بولغان قىسمىنى ئۇلارغا چېگرا قىلىپ بەردىم.
18 Praecepique vobis in tempore illo, dicens: Dominus Deus vester dat vobis terram hanc in hereditatem: expediti praecedite fratres vestros filios Israel omnes viri robusti:
مەن شۇ چاغدا سىلەرگە: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ تەئەللۇقاتىڭلار بولسۇن دەپ ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغان؛ ئاراڭلاردىكى جەڭچىلەر جەڭگە تەييارلىنىپ قوراللانغان ھالدا قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈڭلار؛
19 absque uxoribus, et parvulis atque iumentis. Novi enim quod plura habeatis pecora, et in urbibus remanere debebunt, quas tradidi vobis,
پەقەت بالا-چاقىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار (مال-چارۋىلىرىڭلارنىڭ كۆپلىكىنى بىلىمەن) مەن سىلەرگە تەقسىم قىلغان شەھەرلەردە قالسۇن؛
20 donec requiem tribuat Dominus fratribus vestris, sicut vobis tribuit: et possideant ipsi etiam Terram, quam daturus est eis trans Iordanem: tunc revertetur unusquisque in possessionem suam, quam dedi vobis.
پەرۋەردىگار قېرىنداشلىرىڭلارغا سىلەرنىڭ ئارام ئالغىنىڭلاردەك ئارام بەرگۈچە، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىننى ئىگىلىگۈچە ئۇلار بىلەن بىرگە [جەڭ قىلىڭلار]؛ ئاندىن سىلەر ھەربىرىڭلار مەن سىلەرگە تەقسىم قىلغان ئۆز تەئەللۇقاتىڭلارغا قايتىسىلەر» ــ دەپ تاپىلىغانمەن.
21 Iosue quoque in tempore illo praecepi, dicens: Oculi tui viderunt quae fecit Dominus Deus vester duobus his regibus: sic faciet omnibus regnis, ad quae transiturus es.
شۇ چاغدىمۇ مەن يەشۇئاغا: «سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ مۇشۇ ئىككى پادىشاھقا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ؛ پەرۋەردىگار سەن بارىدىغان يەردىكى پادىشاھلىقلارنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىدۇ.
22 Ne timeas eos: Dominus enim Deus vester pugnabit pro vobis.
سىلەر ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ» ــ دەپ تاپىلىغانمەن.
23 Precatusque sum Dominum in tempore illo, dicens:
شۇ چاغدا مەن پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ: ــ
24 Domine Deus tu coepisti ostendere servo tuo magnitudinem tuam, manumque fortissimam. neque enim est alius Deus vel in caelo, vel in terra, qui possit facere opera tua, et comparari fortitudini tuae.
«ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن ئۆز قۇلۇڭغا ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭ ۋە كۈچلۈك قولۇڭنى ئايان قىلىشقا كىرىشتىڭ؛ چۈنكى مەيلى ئاسمانلاردا ياكى زېمىندا بولسۇن سېنىڭ قىلغانلىرىڭغا ۋە كۈچ-قۇدرىتىڭگە تەڭ كەلگۈدەك شۇنداق ئىلاھ بارمۇ؟
25 Transibo igitur, et videbo Terram hanc optimam trans Iordanem, et montem istum egregium, et Libanum.
سەندىن ئۆتۈنۈمەنكى، مېنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شۇ يەردىكى ياخشى زېمىننى ــ شۇ ياخشى تاغلىقنى ۋە لىۋاننى كۆرۈشكە نېسىپ قىلغايسەن»، ــ دېدىم.
26 Iratusque est Dominus mihi propter vos, nec exaudivit me, sed dixit mihi: Sufficit tibi: nequaquam ultra loquaris de hac re ad me.
لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلار تۈپەيلىدىن ماڭا غەزەپلىنىپ ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالمىدى، بەلكى ماڭا: «بولدى، بەس! بۇ ئىشنى ئالدىمدا ئىككىنچى تىلغا ئالغۇچى بولما.
27 Ascende cacumen Phasgae, et oculos tuos circumfer ad occidentem, et ad aquilonem, austrumque et orientem, et aspice. nec enim transibis Iordanem istum.
سەن پىسگاھنىڭ چوققىسىغا چىقىپ بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن مەغرىبكە، شىمالغا، جەنۇبقا ۋە مەشرىققە تىكىلىپ قارا؛ چۈنكى سەن مۇشۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن.
28 Praecipe Iosue, et corrobora eum atque conforta: quia ipse praecedet populum istum, et dividet eis Terram, quam visurus es.
يەشۇئاغا ۋەزىپىنى تاپىلىغىن، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ يۈرەكلىك قىل؛ چۈنكى ئۇ بۇ خەلقنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ سەن كۆرىدىغان شۇ زېمىنغا ئۇلارنى ئىگە قىلغۇزىدۇ» ــ دېدى.
29 Mansimusque in valle contra fanum Phogor.
شۇنىڭ بىلەن بىز بەيت-پېئورنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋادىدا تۇرۇپ قالدۇق.

< Deuteronomii 3 >