< Deuteronomii 21 >

1 Quando inventum fuerit in terra, quam Dominus Deus tuus daturus est tibi, hominis cadaver occisi, et ignorabitur caedis reus,
ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ ئىگىلەشكە بېرىدىغان زېمىندا، دالادا ئۆلتۈرۈلگەن بىر جەسەت تېپىلسا، ئەمما ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەم مەلۇم بولمىسا،
2 egredientur maiores natu, et iudices tui, et metientur a loco cadaveris singularum per circuitum spatia civitatum:
ئاقساقاللىرىڭلار بىلەن سوراقچى بەگلىرىڭلار چىقىپ ئۆلۈك تېپىلغان يەر بىلەن ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچىسۇن؛
3 et quam viciniorem ceteris esse perspexerint, seniores civitatis illius tollent vitulam de armento, quae non traxit iugum, nec terram scidit vomere,
ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىگە ئەڭ يېقىن شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى بولسا ئىشقا سېلىنمىغان، بويۇنتوروقمۇ سېلىنمىغان ئىنەك تېپىپ كەلسۇن؛
4 et ducent eam ad vallem asperam atque saxosam, quae numquam arata est, nec sementem recepit: et caedent in ea cervices vitulae:
شۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئىنەكنى سۈيى توختىماي ئاقىدىغان، ھەيدىلىپ تېرىلمىغان بىر جىلغىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ جىلغىنىڭ ئۆزىدە ئىنەكنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتسۇن؛
5 accedentque sacerdotes filii Levi, quos elegerit Dominus Deus tuus ut ministrent ei, et benedicant in nomine eius, et ad verbum eorum omne negotium, et quidquid mundum, vel immundum est, iudicetur.
شۇ چاغدا لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلار ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلسۇن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بەخت-بەرىكەت تىلەشكە تاللىغاندۇر. ھەربىر دەۋا ۋە ھەربىر تاياق جازاسى ئۇلارنىڭ سۆزى بويىچە كېسىلسۇن.
6 Et venient maiores natu civitatis illius ad interfectum, lavabuntque manus suas super vitulam, quae in valle percussa est,
ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىگە ئەڭ يېقىن شەھەردىكى ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى شۇ جىلغىغا كېلىپ، بوينى سۇندۇرۇلغان ئىنەكنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، قوللىرىنى يۇيۇپ
7 et dicent: Manus nostrae non effuderunt sanguinem hunc, nec oculi viderunt.
گۇۋاھلىق بېرىپ: «قوللىرىمىز بولسا بۇ قاننى تۆكمىدى، كۆزلىرىمىز بۇ ئىشنى كۆرمىدى؛
8 propitius esto populo tuo Israel, quem redemisti Domine, et ne reputes sanguinem innocentem in medio populi tui Israel. Et auferetur ab eis reatus sanguinis:
ئەي پەرۋەردىگار، سەن ئۆزۈڭ ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغان خەلقىڭ ئىسرائىلنى كەچۈرگەيسەن ۋە ناھەق ئاققان قاننىڭ گۇناھىنى ئىسرائىل خەلقىڭگە ئارتمىغايسەن» ــ دېسۇن؛ شۇنداق قىلىپ بۇ قان گۇناھىغا كافارەت كەلتۈرۈلگەن بولىدۇ.
9 tu autem alienus eris ab innocentis cruore, qui fusus est, cum feceris quod praecepit Dominus.
سىلەر شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلىپ ناھەق تۆكۈلگەن قاننىڭ گۇناھىنى ئۆزۈڭلاردىن چىقىرىۋەتكەن بولىسىلەر.
10 Si egressus fueris ad pugnam contra inimicos tuos, et tradiderit eos Dominus Deus tuus in manu tua, captivosque duxeris,
ئەگەر سىلەر دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن جەڭ قىلغىلى چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى قولۇڭلارغا بەرگەچ، ئۇلاردىن ئەسىر ئالغان بولساڭلار،
11 et videris in numero captivorum mulierem pulchram, et adamaveris eam, voluerisque habere uxorem,
بۇ ئەسىرلەرنىڭ ئارىسىدا چىرايلىق بىر ئايالنى كۆرۈپ، كۆڭلۈڭ ئۇنىڭغا چۈشۈپ، ئۇنى ئەمرىڭگە ئېلىشنى خالىساڭ،
12 introduces eam in domum tuam: quae radet caesariem, et circumcidet ungues,
ئۇنداقتا ئۇنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ بارغىن؛ ئۇ چېچىنى چۈشۈرۈپ، تىرناقلىرىنى ياساپ،
13 et deponet vestem, in qua capta est: sedensque in domo tua, flebit patrem et matrem suam uno mense: et postea intrabis ad eam, dormiesque cum illa, et erit uxor tua.
ئەسىرلىكتە كىيگەن كىيىملىرىنى سېلىپ، ئۆيۈڭدە ئولتۇرۇپ تولۇق بىر ئاي ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ماتەم توتسۇن؛ ئاندىن سەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلىپ ئۇنىڭغا ئەر بولساڭ بولىدۇ.
14 Si autem postea non sederit animo tuo, dimittes eam liberam, nec vendere poteris pecunia, nec opprimere per potentiam: quia humiliasti eam.
كېيىن، ئەگەردە كۆڭلۈڭ ئۇنىڭدىن سۆيۈنمىسە، ئۇ قەيەرنى خالىسا، بارغىلى قويۇشۇڭ كېرەك؛ ئۇنى پۇلغا ساتمىغىن ۋە ئۇنىڭغا دېدەكتەك مۇئامىلە قىلمىغىن، چۈنكى سەن ئۇنىڭغا يېقىنلىق قىلىپ ئۇيات قىلغانسەن.
15 Si habuerit homo uxores duas, unam dilectam, et alteram odiosam, genueritque ex eis liberos, et fuerit filius odiosae primogenitus,
ئەگەر بىرسىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرىگە ئامراقلىق، يەنە بىرىگە ئۆچلۈك قىلغان بولسا ۋە ئامراق ۋە ئۆچ بولغان ھەر ئىككىسىدىن ئوغۇل تۇغۇلغان بولسا، تۇنجىسىنى ئۆچ ئايالىدىن تاپقان بولسا
16 volueritque substantiam inter filios suos dividere: non poterit filium dilectae facere primogenitum, et praeferre filio odiosae,
ئۇنداقتا ئۇ كىشى ئوغۇللىرىغا بارىنى مىراس ئۈچۈن ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن كۈنىدە ئۆچ ئايالىنىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئورنىغا ئامراق ئايالىنىڭ ئوغلىنى تۇنجى ئوغۇللۇققا قويۇشقا بولمايدۇ.
17 sed filium odiosae agnoscet primogenitum, dabitque ei de his quae habuerit cuncta duplicia: iste est enim principium liberorum eius, et huic debentur primogenita.
ئۇ بەلكى ئۆچ ئايالىنىڭ ئوغلىنى تۇنجى ئوغلۇم دەپ ئېتىراپ قىلسۇن؛ چۈنكى بۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى بار ۋاقتىدىكى دەسلەپكى مېۋىسىدۇر؛ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقى ئۇنىڭكى بولغاچقا، ئاتىسى بارلىق مال-مۈلۈكتىن ئۇنىڭغا ئىككى ئۈلۈش مىراس بەرسۇن.
18 Si genuerit homo filium contumacem et protervum, qui non audierit patris aut matris imperium, et coercitus obedire contempserit:
ئەگەر بىرسىنىڭ باشباشتاق ۋە ئىتائەتسىز ئوغلى بولسا، ئۇ نە ئاتىسىنىڭ سۆزىگە، نە ئانىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، ھەتتا تاياق-تەربىيىمۇ كار قىلماي، ئۇلارنىڭ گېپىنى يەنىلا ئاڭلىمىسا،
19 apprehendent eum, et ducent ad seniores civitatis illius, et ad portam iudicii,
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى تۇتۇپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ بېرىپ، شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن؛
20 dicentque ad eos: Filius noster iste protervus et contumax est, monita nostra audire contemnit, comessationibus vacat, et luxuriae atque conviviis:
ئۇلار شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئەرز قىلىپ: ــ «بۇ ئوغلىمىز باشباشتاقلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سۆزىمىزنى ئاڭلىماي يۈرىدۇ؛ ئۇ نەپسى يامان، شارابخور بولۇپ قالدى» دەپ ئېيتسۇن.
21 lapidibus eum obruet populus civitatis: et morietur, ut auferatis malum de medio vestri, et universus Israel audiens pertimescat.
شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ ھەممە خەلقى بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. سىلەر بۇ يول بىلەن ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر؛ پۈتكۈل ئىسرائىل بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قورقىدىغان بولىدۇ.
22 Quando peccaverit homo quod morte plectendum est, et adiudicatus morti appensus fuerit in patibulo:
ئەگەر بىرسى ئۆلۈم جازاسىغا لايىق گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۆلتۈرۈلگەن بولسا ۋە جەسىتىنى بىر دەرەخكە ئېسىپ قويغان بولساڭلار،
23 non permanebit cadaver eius in ligno, sed in eadem die sepelietur: quia maledictus a Deo est qui pendet in ligno: et nequaquam contaminabis Terram tuam, quam Dominus Deus tuus dederit tibi in possessionem.
ئۆلۈكى كېچىچە دەرەختە قالمىسۇن؛ قانداقلا بولمىسۇن، سىلەر دەرەخكە ئېسىلغۇچىنى شۇ كۈندە كۆمۈۋېتىڭلار (چۈنكى كىمدەكىم [دەرەخكە] ئېسىلغان بولسا، خۇدا تەرىپىدىن لەنەتكە قالدۇرۇلغان كىشى ھېسابلىنىدۇ). شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر.

< Deuteronomii 21 >