< Corinthios Ii 7 >

1 Has ergo habentes promissiones, charissimi, mundemus nos ab omni inquinamento carnis, et spiritus perficientes sanctificationem in timore Dei.
ئەمدى بۇ ۋەدىلەرگە مۇيەسسەر بولغاندىن كېيىن، ئى سۆيۈملۈكلەر، ئۆزىمىزنى ئەتلەردىكى ھەم روھتىكى ھەرخىل پاسكىنىلىقتىن تازىلاپ، خۇدانىڭ قورقۇنچىدا ئۆزىمىزدە [ئايان قىلىنغان] پاك-مۇقەددەسلىكنى كامالەتكە يەتكۈزەيلى.
2 Capite nos. Neminem laesimus, neminem corrupimus, neminem circumvenimus.
بىزنى قوبۇل قىلغايسىلەر! بىز ھېچكىمگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىدۇق، ھېچكىمنى نابۇت قىلمىدۇق، ھېچكىمدىن پايدىلانمىدۇق.
3 Non ad condemnationem vestram dico. praediximus enim quod in cordibus nostris estis ad commoriendum, et ad convivendum.
مۇشۇلارنى دەپ، سىلەرنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، سىلەر قەلبىمىزدىدۇرسىلەركى، بىز سىلەر بىلەن بىللە ئۆلۈشكە، سىلەر بىلەن بىللە ياشاشقا تەييارمىز.
4 Multa mihi fiducia est apud vos, multa mihi gloriatio pro vobis, repletus sum consolatione, superabundo gaudio in omni tribulatione vestra.
سىلەرگە باغلىغان ئىشەنچىم زور، سىلەردىن بولغان پەخرىم زور؛ شۇنىڭ ئۈچۈن رىغبەت-تەسەللىگە تولدۇرۇلدۇم، بارلىق جاپا-مۈشكۈلچىلىكلىرىمىزدە خۇشاللىقىم ئېشىپ تاشتى.
5 Nam et cum venissemus in Macedoniam, nullam requiem habuit caro nostra, sed omnem tribulationem passi sumus: foris pugnae, intus timores.
چۈنكى بەرھەق، ماكېدونىيەگە كىرگىنىمىزدىمۇ ئەتلىرىمىز ھېچ ئارام تاپالماي، ھەرتەرەپتىن قىسىلىپ قالدۇق؛ سىرتىمىزدا جېدەل-كۈرەشلەر، ئىچىمىزدە قورقۇنچلار بار ئىدى.
6 Sed qui consolatur humiles, consolatus est nos Deus in adventu Titi.
ئەمما چۈشكۈنلەرگە رىغبەت-تەسەللى بەرگۈچى خۇدا بىزگە تىتۇسنىڭ كېلىشى ئارقىلىق رىغبەت-تەسەللى بەردى؛
7 Non solum autem in adventu eius, sed etiam in consolatione, qua consolatus est in vobis, referens nobis vestrum desiderium, vestrum fletum, vestram aemulationem pro me, ita ut magis gauderem.
تاپقان رىغبەت-تەسەللىمىز پەقەت ئۇنىڭ كېلىشى ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىلەردىن تاپقان رىغبەت-تەسەللىسى ئارقىلىقمۇ بولدى؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ [بىزگە] زارىقىپ تەلمۈرگىنىڭلارنى، سىلەرنىڭ ھەسرىتىڭلارنى، سىلەرنىڭ ماڭا بولغان قىزغىن غەمخورلۇقۇڭلارنى ئېيتىپ بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن تېخىمۇ خۇشاللاندىم.
8 Quoniam etsi contristavi vos in epistola, non me poenitet: etsi poeniteret, videns quod epistola illa (etsi ad horam) vos contristavit;
چۈنكى گەرچە مەن سىلەرنى خېتىم بىلەن ئازابلىغان بولساممۇ، مەن ھازىر ئۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن؛ لېكىن ئەسلىدە مەن شۇ خېتىمنىڭ سىلەرنى ئازابلىغىنىنى كۆرۈپ پۇشايمان قىلغانىدىم (ئەمەلىيەتتە، سىلەرنىڭ ئازابلىنىشىڭلار قىسقىغىنە بىر مەزگىللا بولغان).
9 nunc gaudeo: non quia contristati estis, sed quia contristati estis ad poenitentiam. Contristati enim estis ad Deum, ut in nullo detrimentum patiamini ex nobis.
ئەمما ھازىر شادلىنىمەن ــ ئازابلانغىنىڭلاردىن ئەمەس، بەلكى شۇ ئازابنىڭ سىلەرنى توۋا قىلدۇرغانلىقىدىن شادلىنىمەن؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ئازابلىنىشىڭلار خۇدانىڭ يولىدا ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر بىزدىن ھېچ زىيان تارتمىدىڭلار.
10 Quae enim secundum Deum tristitia est, poenitentiam in salutem stabilem operatur: saeculi autem tristitia mortem operatur.
چۈنكى خۇدانىڭ يولىدا بولغان ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدىغان نىجاتقا باشلايدىغان توۋىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ئەمما بۇ دۇنيادىكى ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.
11 Ecce enim hoc ipsum, secundum Deum contristari vos, quantam in vobis operatur solicitudinem: sed defensionem, sed indignationem, sed timorem, sed desiderium, sed aemulationem, sed vindictam. in omnibus exhibuistis vos, incontaminatos esse negotio.
چۈنكى مانا، دەل مۇشۇ ئىش، يەنى خۇدانىڭ يولىدا ئازابلىنىشىڭلار، سىلەرگە شۇنچە كۆپ ئەستايىدىللىق، ئۆزلىرىڭلارنى ئەيىبتىن نەقەدەر خالاس قىلىش، شۇنچە كۆپ غەزەپ، شۇنچە كۆپ قورقۇنچ، شۇنچە كۆپ تەقەززارلىق، شۇنچە كۆپ قىزغىنلىق ۋە جازالاشقا شۇنچە تەييار بولۇشنى ئېلىپ كەلدى! سىلەر بۇ ئىشنىڭ ھەر تەرىپىدە ئۆزۈڭلارنىڭ ئەيىبتىن خالاس بولۇشۇڭلارنى ئىسپاتلىدىڭلار.
12 Igitur, etsi scripsi vobis, non propter eum, qui fecit iniuriam, nec propter eum, qui passus est: sed ad manifestandam solicitudinem nostram, quam habemus pro vobis
ئەمدى سىلەرگە [شۇ] خەتنى يازغان بولساممۇ، ئۇ خەتنى زىيان-زەخمەت قىلغۇچى كىشى ئۈچۈن ئەمەس، ياكى زىيان-زەخمەت قىلىنغۇچى كىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇدا ئالدىدا بىزگە بولغان كۆڭلۈڭلاردىكى قىزغىنلىقنىڭ ئاراڭلاردا ئايان بولۇشى ئۈچۈن يازدىم.
13 coram Deo: ideo consolati sumus. In consolatione autem nostra, abundantius magis gavisi sumus super gaudio Titi, quia refectus est spiritus eius ab omnibus vobis.
بۇ سەۋەبتىن بىز رىغبەت-تەسەللىگە ئېرىشتۇق. ۋە رىغبەت-تەسسەللىمىز ئۈستىگە بىز تىتۇسنىڭ خۇشاللىقى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ زور شادلاندۇق؛ چۈنكى ئۇنىڭ روھى سىلەر تەرىپىڭلاردىن يېڭىلاندى.
14 et si quid apud illum de vobis gloriatus sum, non sum confusus: sed sicut omnia vobis in veritate locuti sumus, ita et gloriatio nostra, quae fuit ad Titum, veritas facta est,
چۈنكى مەن سىلەر توغراڭلاردا بىرەر ئىشتا پەخىرلىنىپ ماختىغان بولسام، ئۇ ئىشتا ھېچ خىجىل قالدۇرۇلمىدىم؛ بەلكى سىلەرگە ئېيتقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت بولغىنىدەك، بىزنىڭ تىتۇسقا سىلەرنى پەخىرلىنىپ ماختىشىمىزمۇ ھەقىقەت بولۇپ ئىسپاتلاندى.
15 et viscera eius abundantius in vobis sunt: reminiscentis omnium vestrum obedientiam: quomodo cum timore, et tremore excepistis illum.
ئۇ سىلەرنىڭ ئىتائەتمەنلىكىڭلارنى، سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن قانداق ئەيمەنگەن ۋە تىترىگەن ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىنىڭلارنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئىچ-باغرىدىكى مۇھەببەتلىرى تېخىمۇ ئېشىپ تاشىدۇ.
16 Gaudeo quod in omnibus confido in vobis.
مەن سىلەرگە ھەربىر ئىشتا ئىشەنچىم كامىل بولغانلىقىدىن شادلىنىمەن.

< Corinthios Ii 7 >