< Micha Propheta 7 >

1 Væ mihi, quia factus sum sicut qui colligit in autumno racemos vindemiæ: non est botrus ad comedendum, præcoquas ficus desideravit anima mea.
مېنىڭ ھالىمغا ۋاي! چۈنكى مەن خۇددى يازدىكى مېۋىلەر يىغىلىپ، ئۈزۈم ھوسۇلىدىن كېيىنكى ۋاساڭدىن كېيىن ئاچ قالغان بىرسىگە ئوخشايمەن، يېگۈدەك ساپاق يوقتۇر؛ جېنىم تەشنا بولغان تۇنجى ئەنجۈر يوقتۇر!
2 Periit sanctus de terra, et rectus in hominibus non est: omnes in sanguine insidiantur, vir fratrem suum ad mortem venatur.
ئىخلاسمەن كىشى زېمىندىن يوقاپ كەتتى، ئادەملەر ئارىسىدا دۇرۇس بىرسىمۇ يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قان تۆكۈشكە پايلىماقتا، ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنى تور بىلەن ئوۋلايدۇ.
3 Malum manuum suarum dicunt bonum: princeps postulat, et iudex in reddendo est: et magnus locutus est desiderium animæ suæ, et conturbaverunt eam.
رەزىللىكنى پۇختا قىلىش ئۈچۈن، ئىككى قولى ئۇنىڭغا تەييارلانغان؛ ئەمىر «ئىنئام»نى سورايدۇ، سوراقچىمۇ شۇنداق؛ مۆتىۋەر جاناب بولسا ئۆز جېنىنىڭ نەپسىنى ئاشكارا ئېيتىپ بېرىدۇ؛ ئۇلار جەم بولۇپ رەزىللىكنى توقۇشماقتا.
4 Qui optimus in eis est, quasi paliurus: et qui rectus, quasi spina de sepe. Dies speculationis tuæ, visitatio tua venit: nunc erit vastitas eorum.
ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى خۇددى جىغاندەك، ئەڭ دۇرۇسى بولسا، شوخىلىق توسۇقتىن بەتتەردۇر. ئەمدى كۆزەتچىلىرىڭ [قورقۇپ] كۈتكەن كۈن، يەنى [خۇدا] ساڭا يېقىنلاپ جازالايدىغان كۈنى يېتىپ كەلدى؛ ئۇلارنىڭ ئالاقزادە بولۇپ كېتىدىغان ۋاقتى ھازىر كەلدى.
5 Nolite credere amico: et nolite confidere in duce: ab ea, quæ dormit in sinu tuo, custodi claustra oris tui.
ئۈلپىتىڭگە ئىشەنمە، جان دوستۇڭغا تايانما؛ ئاغزىڭنىڭ ئىشىكىنى قۇچىقىڭدا ياتقۇچىدىن يېپىپ يۈر.
6 Quia filius contumeliam facit patri, et filia consurgit adversus matrem suam, nurus adversus socrum suam: et inimici hominis domestici eius.
چۈنكى ئوغۇل ئاتىسىغا بىھۆرمەتلىك قىلىدۇ، قىز ئانىسىغا، كېلىن قېين ئانىسىغا قارشى قوزغىلىدۇ؛ كىشىنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئۆيىدىكى ئادەملىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ.
7 Ego autem ad Dominum aspiciam, exspectabo Deum salvatorem meum: audiet me Deus meus.
بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگارغا قاراپ ئۈمىد باغلايمەن؛ نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدانى كۈتىمەن؛ مېنىڭ خۇدايىم ماڭا قۇلاق سالىدۇ.
8 Ne læteris inimica mea super me, quia cecidi: consurgam, cum sedero in tenebris, Dominus lux mea est.
ماڭا قاراپ خۇش بولۇپ كەتمە، ئى دۈشمىنىم؛ گەرچە مەن يىقىلىپ كەتسەممۇ، يەنە قوپىمەن؛ قاراڭغۇلۇقتا ئولتۇرسام، پەرۋەردىگار ماڭا يورۇقلۇق بولىدۇ.
9 Iram Domini portabo, quoniam peccavi ei, donec causam meam iudicet, et faciat iudicium meum: educet me in lucem, videbo iustitiam eius.
مەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە چىداپ تۇرىمەن ــ چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدىم ــ ئۇ مېنىڭ دەۋايىمنى سوراپ، مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ يۈرگۈزگۈچە كۈتىمەن؛ ئۇ مېنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى كۆرىمەن.
10 Et aspiciet inimica mea, et operietur confusione, quæ dicit ad me: Ubi est Dominus Deus tuus? Oculi mei videbunt in eam: nunc erit in conculcationem ut lutum platearum.
ۋە مېنىڭ دۈشمىنىم بۇنى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ماڭا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قېنى» دېگەن ئايالنى شەرمەندىلىك باسىدۇ؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۇنىڭ [مەغلۇبىيىتىنى] كۆرىدۇ؛ ئۇ كوچىدىكى پاتقاقتەك دەسسەپ چەيلىنىدۇ.
11 Dies, ut ædificentur maceriæ tuæ: in die illa longe fiet lex.
ــ سېنىڭ تام-سېپىللىرىڭ قۇرۇلىدىغان كۈنىدە، شۇ كۈنىدە ساڭا بېكىتىلگەن پاسىلىڭ يىراقلارغا يۆتكىلىدۇ.
12 In die illa et usque ad te veniet de Assur, et usque ad civitates munitas: et a civitatibus munitis usque ad flumen, et ad mare de mari, et ad montem de monte.
شۇ كۈنىدە ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ؛ ــ ئاسۇرىيەدىن، مىسىر شەھەرلىرىدىن، مىسىردىن [ئەفرات] دەرياسىغىچە، دېڭىزدىن دېڭىزغىچە ۋە تاغدىن تاغغىچە ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ.
13 Et terra erit in desolationem propter habitatores suos, et propter fructum cogitationum eorum.
بىراق يەر يۈزى بولسا ئۆزىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تۈپەيلىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ مېۋىسى تۈپەيلىدىن خارابە بولىدۇ.
14 Pasce populum tuum in virga tua, gregem hereditatis tuæ habitantes solos in saltu, in medio Carmeli: pascentur Basan et Galaad iuxta dies antiquos.
ــ ئۆز خەلقىڭنى، يەنى ئورماندا، كارمەل ئوتتۇرىسىدا يالغۇز تۇرۇۋاتقان ئۆز مىراسىڭ بولغان پادىنى، تاياق-ھاساڭ بىلەن ئوزۇقلاندۇرغايسەن؛ قەدىمكى كۈنلەردىكىدەك، ئۇلار باشان ھەم گىلېئاد چىمەنزارلىرىدا قايتىدىن ئوزۇقلانسۇن!
15 Secundum dies egressionis tuæ de Terra Ægypti ostendam ei mirabilia.
ــ سەن مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈنلەردە بولغاندەك، مەن ئۇلارغا كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرىمەن.
16 Videbunt gentes, et confundentur super omni fortitudine sua: ponent manum super os, aures eorum surdæ erunt.
ئەللەر بۇنى كۆرۈپ بارلىق ھەيۋىسىدىن خىجىل بولىدۇ؛ قولىنى ئاغزى ئۈستىگە ياپىدۇ، قۇلاقلىرى گاس بولىدۇ؛
17 Lingent pulverem sicut serpentes, velut reptilia terræ perturbabuntur in ædibus suis: Dominum Deum nostrum formidabunt, et timebunt te.
ئۇلار يىلاندەك توپا-چاڭنى يالايدۇ؛ يەر يۈزىدىكى ئۆمىلىگۈچىلەردەك ئۆز تۆشۈكلىرىدىن تىترىگەن پېتى چىقىدۇ؛ ئۇلار قورقۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ۋە سېنىڭ تۈپەيلىڭدىنمۇ قورقىدۇ.
18 Quis Deus similis tui, qui aufers iniquitatem, et transis peccatum reliquiarum hereditatis tuæ? non immittet ultra furorem suum, quoniam volens misericordiam est.
قەبىھلىكنى كەچۈرىدىغان، ئۆز مىراسى بولغانلارنىڭ قالدىسىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ئۆتىدىغان تەڭرىدۇرسەن، ئۇ ئاچچىقىنى مەڭگۈگە ساقلاۋەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مېھىر-مۇھەببەتنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. كىم ساڭا تەڭداش ئىلاھدۇر؟
19 Revertetur, et miserebitur nostri: deponet iniquitates nostras, et proiiciet in profundum maris omnia peccata nostra.
ــ ئۇ يەنە بىزگە قاراپ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ قەبىھلىكلىرىمىزنى ئۇ دەسسەپ چەيلەيدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى دېڭىز تەگلىرىگە تاشلايسەن.
20 Dabis veritatem Iacob, misericordiam Abraham: quæ iurasti patribus nostris a diebus antiquis.
ــ سەن قەدىمكى كۈنلەردىن بېرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم قىلغان ھەقىقەت-ساداقەتنى ياقۇپقا، ئۆزگەرمەس مۇھەببەتنى ئىبراھىمغا يەتكۈزۈپ كۆرسىتىسەن.

< Micha Propheta 7 >