< Galatas 5 >

1 State, et nolite iterum iugo servitutis contineri.
مانا، مەنكى پاۋلۇس سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەر خەتنە قوبۇل قىلساڭلار، ئۇ چاغدا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ.
2 Ecce ego Paulus dico vobis: quoniam si circumcidamini, Christus vobis nihil proderit.
3 Testificor autem rursus omni homini circumcidenti se, quoniam debitor est universæ legis faciendæ.
مەن خەتنىنى قوبۇل قىلغان ھەربىر كىشىگە يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى بارلىق ئەمر-بەلگىلىمىلەرگە [تولۇق ئەمەل قىلىش] مەجبۇرىيىتى باردۇر.
4 Evacuati estis a Christo, qui in lege iustificamini: a gratia excidistis.
ئەي تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئۆزۈمنى ھەققانىي ئادەم قىلاي دېگەنلەر، ھەربىرىڭلار مەسىھدىن ئايرىلىپ، مەھرۇم بولۇپ، [خۇدانىڭ] شاپائىتىدىن چىقىپ، يىقىلىپ ئۇنىڭدىن قالدىڭلار.
5 Nos enim spiritu ex fide, spem iustitiæ expectamus.
چۈنكى روھقا تايىنىپ ھەققانىيلىققا باغلانغان ئارزۇ-ئارماننى ئېتىقاد بىلەن تەلپۈنۈپ كۈتمەكتىمىز.
6 Nam in Christo Iesu neque circumcisio aliquid valet, neque præputium: sed fides, quæ per charitatem operatur.
چۈنكى مەسىھ ئەيسادا خەتنىلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس، خەتنىسىزلىكمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس، كۈچكە ئىگە بولغىنى پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان ئېتىقادتۇر.
7 Currebatis bene: quis vos impedivit veritati non obedire?
سىلەر ئوبدان چېپىپ مېڭىۋاتقانىدىڭلار؛ بىراق كىم سىلەرنى ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشتىن توسۇۋالدى؟
8 Persuasio hæc non est ex eo, qui vocat vos.
بۇنداق قايىل قىلىش ئامىلى سىلەرنى چاقىرغۇچىدىن بولغان ئەمەس!
9 Modicum fermentum totam massam corrumpit.
«كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتكۈل خېمىرنى بولدۇرۇپ يوغىنىتىدۇ!»
10 Ego confido in vobis in Domino, quod nihil aliud sapietis: qui autem conturbat vos, portabit iudicium, quicumque est ille.
ئۆزۈم رەبگە قاراپ قايىل بولدۇمكى، سىلەرمۇ بۇ ئىشتا ھېچ باشقىچە ئويدا بولمايسىلەر. ئەمما سىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ.
11 Ego autem, fratres, si circumcisionem adhuc prædico: quid adhuc persecutionem patior? Ergo evacuatum est scandalum crucis.
قېرىنداشلار، ئەگەر مەن «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ جاكارلاپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈنگىچە يەنە نېمە ئۈچۈن [يەھۇدىيلاردىن] زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىمەن؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، «كرېست بىزارلىقى» يوق قىلىناتتى!
12 Utinam et abscindantur qui vos conturbant.
سىلەرنى قۇترىتىۋاتقان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋەتسۇن دەيمەن!
13 Vos enim in libertatem vocati estis fratres: tantum ne libertatem in occasionem detis carnis, sed per charitatem Spiritus servite invicem.
چۈنكى قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن ئەركىنلىكىڭلارنى ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلماڭلار، بەلكى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىر-بىرىڭلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار.
14 Omnis enim lex in uno sermone impletur: Diliges proximum tuum sicut teipsum.
چۈنكى پۈتكۈل تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بىرلا ئەمردە ئەمەل قىلىنىدۇ.
15 Quod si invicem mordetis, et comeditis: videte ne ab invicem consumamini.
لېكىن پەخەس بولۇڭلاركى، بىر-بىرىڭلارنى چىشلەپ تارتىپ يالماپ يۈرۈپ، بىر-بىرىڭلاردىن يۇتۇلۇپ كەتمەڭلار يەنە!
16 Dico autem: Spiritu ambulate, et desideria carnis non perficietis.
ئەمما شۇنى دەيمەنكى ــ [مۇقەددەس] روھتا مېڭىڭلار، ۋە شۇ چاغدا سىلەر ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە يول قويمايسىلەر.
17 Caro enim concupiscit adversus spiritum: spiritus autem adversus carnem: hæc enim sibi invicem adversantur: ut non quæcumque vultis, illa faciatis.
چۈنكى ئەت روھقا زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ۋە روھ ئەتكە زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار ئىككىسى بىر-بىرىگە قارىمۇقارشىدۇر؛ نەتىجىدە، ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلالمايسىلەر.
18 Quod si Spiritu ducimini, non estis sub lege.
ۋەھالەنكى، سىلەر روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر.
19 Manifesta sunt autem opera carnis: quæ sunt fornicatio, immunditia, impudicitia, luxuria,
ئەمدى ئەتنىڭ ئەمەللىرى روشەنكى ــ زىناخورلۇق، بۇزۇقلۇق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق،
20 idolorum servitus, veneficia, inimicitiæ, contentiones, æmulationes, iræ, rixæ, dissensiones, sectæ,
بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىكلەر، جېدەللەر، قىزغانچۇقلۇقلار، غەزەپلەر، رىقابەتلىشىشلەر، بۆلگۈنچىلىكلەر، گۇرۇھۋازلىقلار،
21 invidiæ, homicidia, ebrietates, comessationes, et his similia, quæ prædico vobis, sicut prædixi: quoniam qui talia agunt, regnum Dei non consequentur.
ھەسەتخورلۇقلار، قاتىللىقلار، ھاراقكەشلىكلەر، ئەيش-ئىشرەتلەر قاتارلىق ئىشلاردۇر؛ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بۇرۇنقى ئېيتقىنىمدەك ھازىر يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسلىق قىلمايدۇ.
22 Fructus autem Spiritus est: charitas, gaudium, pax, patientia, benignitas, bonitas, longanimitas,
ۋەھالەنكى، روھنىڭ مېۋىسى بولسا مېھىر-مۇھەببەت، شاد-خۇراملىق، خاتىرجەملىك، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئىشەنچ-سادىقلىق،
23 mansuetudo, fides, modestia, continentia, castitas. Adversus huiusmodi non est lex.
مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ئىشلارنى توسىدىغان ھېچقانداق قانۇن يوقتۇر.
24 Qui autem sunt Christi, carnem suam crucifixerunt cum vitiis, et concupiscentiis.
لېكىن مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىشقلار ۋە ھەم ھەۋەسلەرنى تەڭ كرېستلىگەن بولىدۇ.
25 Si Spiritu vivimus, Spiritu et ambulemus.
روھتا ياشاۋاتقان بولساق، روھقا ئەگىشىپ ماڭايلى.
26 Non efficiamur inanis gloriæ cupidi, invicem provocantes, invicem invidentes.
بىر-بىرىمىزنى رەنجىتىپ، بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلىپ، ھاكاۋۇر شۆھرەتپەرەسلەردىن بولمايلى.

< Galatas 5 >