< I Regum 20 >

1 Porro Benadad rex Syriæ, congregavit omnem exercitum suum, et triginta duos reges secum, et equos, et currus: et ascendens pugnabat contra Samariam, et obsidebat eum.
سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد پۈتكۈل قوشۇنىنى جەم قىلدى؛ ئۇ ئوتتۇز ئىككى پادىشاھنى ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئېلىپ چىقىپ، سامارىيەگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى.
2 Mittensque nuncios ad Achab regem Israel in civitatem,
ئۇ ئەلچىلەرنى شەھەرگە كىرگۈزۈپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: ــ
3 ait: Hæc dicit Benadad: Argentum tuum, et aurum tuum meum est: et uxores tuæ, et filii tui optimi, mei sunt.
«بەن-ھاداد مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ كۈمۈش بىلەن ئالتۇنۇڭ، سېنىڭ ئەڭ چىرايلىق خوتۇنلىرىڭ بىلەن بالىلىرىڭمۇ مېنىڭكىدۇر» دەپ يەتكۈزدى.
4 Responditque rex Israel: Iuxta verbum tuum, domine mi rex, tuus sum ego, et omnia mea.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭغا: ــ ئى غوجام پادىشاھ، سىلى ئېيتقانلىرىدەك مەن ئۆزۈم ۋە بارلىقىم سىلىنىڭكىدۇر، دەپ جاۋاب بەردى.
5 Revertentesque nuncii, dixerunt: Hæc dicit Benadad, qui misit nos ad te: Argentum tuum, et aurum tuum, et uxores tuas, et filios tuos dabis mihi.
ئەلچىلەر يەنە كېلىپ: ــ «بەن-ھاداد سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ــ ساڭا دەرۋەقە: ــ سېنىڭ كۈمۈش بىلەن ئالتۇنۇڭنى، سېنىڭ خوتۇنلىرىڭ بىلەن بالىلىرىڭنى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىسەن، دېگەن خەۋەرنى ئەۋەتتىم.
6 Cras igitur hac eadem hora mittam servos meos ad te, et scrutabuntur domum tuam, et domum servorum tuorum: et omne, quod eis placuerit, ponent in manibus suis, et auferent.
لېكىن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا خىزمەتكارلىرىمنى يېنىڭغا ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئورداڭ بىلەن خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇپ، سېنىڭ كۆزلىرىڭدە نېمە ئەزىز بولسا، ئۇلار شۇنى قولىغا ئېلىپ كېلىدۇ» ــ دېدى.
7 Vocavit autem rex Israel omnes seniores terræ, et ait: Animadvertite, et videte quoniam insidietur nobis. Misit enim ad me pro uxoribus meis, et filiis, et pro argento et auro: et non abnui.
ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى زېمىندىكى ھەممە ئاقساقاللارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ بۇ كىشىنىڭ قانداق ئاۋارىچىلىك چىقارماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ قېلىڭلار. ئۇ ماڭا خەۋەر ئەۋەتىپ مەندىن خوتۇنلىرىم بىلەن بالىلىرىم، كۈمۈش بىلەن ئالتۇنلىرىمنى تەلەپ قىلغىنىدا مەن ئۇنىڭغا ياق دېمىدىم، دېدى.
8 Dixeruntque omnes maiores natu, et universus populus ad eum: Non audias, neque acquiescas illi.
بارلىق ئاقساقاللار بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا: ــ قۇلاق سالمىغىن، ئۇنىڭغا ماقۇل دېمىگىن، دېدى.
9 Respondit itaque nunciis Benadad: Dicite domino meo regi: Omnia propter quæ misisti ad me servum tuum in initio, faciam: hanc autem rem facere non possum.
بۇنىڭ بىلەن ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئەلچىلىرىگە: ــ غوجام پادىشاھقا، سىلى ئادەم ئەۋەتىپ، ئۆز كەمىنىلىرىدىن دەسلەپتە سورىغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىمەن؛ لېكىن كېيىنكىسىگە ماقۇل دېيەلمەيمەن، دەپ بېرىڭلار، ــ دېدى. ئەلچىلەر يېنىپ بېرىپ شۇ سۆزنى يەتكۈزدى.
10 Reversique nuncii retulerunt ei. Qui remisit, et ait: Hæc faciant mihi dii, et hæc addant, si suffecerit pulvis Samariæ pugillis omnis populi, qui sequitur me.
بەن-ھاداد ئۇنىڭغا يەنە خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ «پۈتكۈل سامارىيە شەھىرىدە ماڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ قوللىرىغا ئوچۇملىغۇدەك توپا قېلىپ قالسا، ئىلاھلار ماڭىمۇ شۇنداق قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ قىلسۇن!» ــ دېدى.
11 Et respondens rex Israel, ait: Dicite ei: Ne glorietur accinctus æque ut discinctus.
لېكىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى جاۋاب بېرىپ: ــ «ساۋۇت-قوراللار بىلەن جابدۇنغۇچى ساۋۇت-قوراللاردىن يېشىنگۈچىدەك ماختىنىپ كەتمىسۇن!» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى.
12 Factum est autem, cum audisset Benadad verbum istud, bibebat ipse et reges in umbraculis, et ait servis suis: Circumdate civitatem. Et circumdederunt eam.
بەن-ھاداد بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندا ھەرقايسى پادىشاھلار بىلەن چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىشىۋاتاتتى. ئۇ خىزمەتكارلىرىغا: ــ سەپكە تىزىلىڭلار، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ئۇلار شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تىزىلىشتى.
13 Et ecce propheta unus accedens ad Achab regem Israel, ait ei: Hæc dicit Dominus: Certe vidisti omnem multitudinem hanc nimiam? Ecce, ego tradam eam in manu tua hodie: ut scias, quia ego sum Dominus.
ئۇ ۋاقىتتا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بۇ زور بىر توپ ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ مانا، مەن بۇ كۈنى ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن»، دېدى.
14 Et ait Achab: Per quem? Dixitque ei: Hæc dicit Dominus: Per pedissequos principum provinciarum. Et ait: Quis incipiet præliari? Et ille dixit: Tu.
ئاھاب: ــ كىمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولىدۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ۋالىيلارنىڭ غۇلاملىرى بىلەن بولىدۇ»، دېدى. ئۇ يەنە: ــ كىم ھۇجۇمنى باشلايدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ سەن ئۆزۈڭ، دېدى.
15 Recensuit ergo pueros principum provinciarum, et reperit numerum ducentorum triginta duorum: et recensuit post eos populum, omnes filios Israel, septem millia.
ئۇ ۋاقىتتا ۋالىيلارنىڭ غۇلاملىرىنى سانىۋىدى، ئۇلارنىڭ سانى ئىككى يۈز ئوتتۇز ئىككى نەپەر چىقتى. ئاندىن كېيىن ئۇ ھەممە خەلقنى، يەنى بارلىق ئىسرائىللارنى سانىۋىدى، ئۇلارنىڭ سانى يەتتە مىڭ نەپەر چىقتى.
16 Et egressi sunt meridie. Benadad autem bibebat temulentus in umbraculo suo, et reges triginta duo cum eo, qui ad auxilium eius venerant.
ئىسرائىللار شەھەردىن چۈش ۋاقتىدا چىقتى. بەن-ھاداد بىلەن شۇ پادىشاھلار، يەنى ياردەمگە كەلگەن ئوتتۇز ئىككى پادىشاھ بولسا چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىپ مەست بولۇشقانىدى.
17 Egressi sunt autem pueri principum provinciarum in prima fronte. Misit itaque Benadad. Qui nunciaverunt ei, dicentes: Viri egressi sunt de Samaria.
ۋالىيلارنىڭ غۇلاملىرى يۈرۈشتە ئاۋۋال ماڭدى. بەن-ھاداد ئادەم ئەۋەتىۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ: ــ «سامارىيەدىن ئادەملەر كېلىۋاتىدۇ» ــ دېدى.
18 Et ille ait: Sive pro pace veniunt, apprehendite eos vivos: sive ut prælientur, vivos eos capite.
ئۇ: ــ ئەگەر سۈلھى تۈزۈشكە چىققان بولسا ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار، ئەگەر سوقۇشقىلى چىققان بولسىمۇ ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار، دېدى.
19 Egressi sunt ergo pueri principum provinciarum, ac reliquus exercitus sequebatur:
ئەمدى ۋالىيلارنىڭ بۇ غۇلاملىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى قوشۇن شەھەردىن چىقىپ،
20 et percussit unusquisque virum, qui contra se veniebat: fugeruntque Syri, et persecutus est eos Israel. Fugit quoque Benadad rex Syriæ in equo cum equitibus suis.
ھەربىرى ئۆزىگە ئۇچرىغان ئادەمنى چېپىپ ئۆلتۈردى. سۇرىيلەر قاچتى؛ ئىسرائىل ئۇلارنى قوغلىدى. سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد بولسا ئاتقا مىنىپ ئاتلىقلار بىلەن قېچىپ قۇتۇلدى.
21 Necnon egressus rex Israel percussit equos et currus, et percussit Syriam plaga magna.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى چىقىپ ھەم ئاتلىقلارنى ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنى بىتچىت قىلىپ سۇرىيلەرنى قاتتىق قىر-چاپ قىلدى.
22 (Accedens autem propheta ad regem Israel, dixit ei: Vade, et confortare, et scito, et vide quid facias: sequenti enim anno rex Syriæ ascendet contra te.)
پەيغەمبەر يەنە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزۈڭنى ئوبدان دەڭسەپ، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئويلاپ باققىن. چۈنكى كېلەر يىلى ئەتىيازدا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى سەن بىلەن جەڭ قىلغىلى يەنە چىقىدۇ، دېدى.
23 Servi vero regis Syriæ dixerunt ei: dii montium sunt dii eorum, ideo superaverunt nos: sed melius est ut pugnemus contra eos in campestribus, et obtinebimus eos.
سۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «ئۇلارنىڭ ئىلاھى تاغ ئىلاھى بولغاچقا، ئۇلار بىزگە كۈچلۈك كەلدى. لېكىن بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلار بىلەن سوقۇشساق، جەزمەن ئۇلارغا كۈچلۈك كېلىمىز.
24 Tu ergo verbum hoc fac: Amove reges singulos ab exercitu tuo, et pone principes pro eis:
ئەمدى شۇنداق قىلغايلىكى، پادىشاھلارنىڭ ھەربىرىنى ئۆز مەنسىپىدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ۋالىيلارنى تىكلىگەيلا.
25 et instaura numerum militum, qui ceciderunt de tuis, et equos secundum equos pristinos, et currus secundum currus, quos ante habuisti: et pugnabimus contra eos in campestribus, et videbis quod obtinebimus eos. Credidit consilio eorum, et fecit ita.
ئاندىن سىلى مەھرۇم بولغان قوشۇنلىرىغا باراۋەر بولغان يەنە بىر قوشۇننى، يەنى ئاتنىڭ ئورنىغا ئات، ھارۋىنىڭ ئورنىغا ھارۋا تەييار قىلدۇرۇپ ئۆزلىرىگە يىغقايلا؛ بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلار بىلەن سوقۇشايلى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا كۈچلۈك كەلمەمدۇق؟». ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ شۇنداق قىلدى.
26 Igitur postquam annus transierat, recensuit Benadad Syros, et ascendit in Aphec ut pugnaret contra Israel.
كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا بەن-ھاداد سۇرىيلەرنى ئېدىتلاپ تولۇق يىغىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى ئافەك شەھىرىگە چىقتى.
27 Porro filii Israel recensiti sunt, et acceptis cibariis profecti ex adverso, castraque metati sunt contra eos, quasi duo parvi greges caprarum: Syri autem repleverunt terram.
ئىسرائىللارمۇ ئۆزلىرىنى ئېدىتلاپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقتى. ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ تىكلىۋىدى، سۇرىيلەرنىڭ ئالدىدا خۇددى ئىككى توپ كىچىك ئوغلاق پادىسىدەك كۆرۈندى. لېكىن سۇرىيلەر پۈتكۈل زېمىننى قاپلىغانىدى.
28 (Et accedens unus vir Dei, dixit ad regem Israel: Hæc dicit Dominus: Quia dixerunt Syri: Deus montium est Dominus, et non est Deus vallium: dabo omnem multitudinem hanc grandem in manu tua, et scietis quia ego sum Dominus.)
ئەمما خۇدانىڭ ئادىمى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سۇرىيلەر: پەرۋەردىگار تاغ ئىلاھىدۇر، جىلغىلارنىڭ ئىلاھى ئەمەس، دەپ ئېيتقىنى ئۈچۈن، مەن بۇ زور بىر توپ ئادەمنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر»، دېدى.
29 Dirigebantque septem diebus ex adverso hi, atque illi acies, septima autem die commissum est bellum: percusseruntque filii Israel de Syris centum millia peditum in die una.
ئىككى تەرەپ يەتتە كۈن بىر-بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھلىرىدا تۇردى. يەتتىنچى كۈنى سوقۇش باشلاندى. ئىسرائىللار بىر كۈندە سۇرىيلەردىن يۈز مىڭ پىيادە ئەسكەرنى ئۆلتۈردى.
30 Fugerunt autem qui remanserant in Aphec, in civitatem: et cecidit murus super viginti septem millia hominum, qui remanserant. Porro Benadad fugiens ingressus est civitatem, in cubiculum quod erat intra cubiculum.
قالغانلار ئافەك شەھىرىگە قېچىپ كىرىۋالدى؛ لېكىن سېپىلى ئۆرۈلۈپ ئۇلاردىن يىگىرمە يەتتە مىڭ ئادەمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ بېسىپ ئۆلتۈردى. بەن-ھاداد ئۆزى بەدەر قېچىپ شەھەرگە كىرىپ ئىچكىرىدىكى بىر ئۆيگە مۆكۈۋالدى.
31 Dixeruntque ei servi sui: Ecce, audivimus quod reges domus Israel clementes sint: ponamus itaque saccos in lumbis nostris, et funiculos in capitibus nostris, et egrediamur ad regem Israel: forsitan salvabit animas nostras.
خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا بىز ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنى رەھىملىك پادىشاھلار دەپ ئاڭلىدۇق؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بەللىرىمىزگە بۆز باغلاپ باشلىرىمىزغا كۇلا يۆگەپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا تەسلىمگە چىقايلى. ئۇ سىلىنىڭ جانلىرىنى ئايارمىكىن؟ ــ دېدى.
32 Accinxerunt saccis lumbos suos, et posuerunt funiculos in capitibus suis, veneruntque ad regem Israel, et dixerunt ei: Servus tuus Benadad dicit: Vivat, oro te, anima mea. Et ille ait: Si adhuc vivit, frater meus est.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەللىرىگە بۆز باغلاپ باشلىرىغا كۇلا يۆگەپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ كەمىنىلىرى بەن-ھاداد: «جېنىمنى ئايىغايلا»، دەپ ئىلتىجا قىلدى، دېدى. ئۇ بولسا: ــ ئۇ تېخى ھاياتمۇ؟ ئۇ مېنىڭ بۇرادىرىم، دېدى.
33 Quod acceperunt viri pro omine: et festinantes rapuerunt verbum ex ore eius, atque dixerunt: Frater tuus Benadad. Et dixit eis: Ite, et adducite eum ad me. Egressus est ergo ad eum Benadad, et levavit eum in currum suum.
بۇ ئادەملەر بۇ سۆزنى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى، دەپ ئويلاپ، دەرھاللا ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ: ــ بەن-ھاداد سىلىنىڭ بۇرادەرلىرىدۇر! ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بەن-ھاداد ئۇنىڭ قېشىغا چىقتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى قولىدىن تارتىپ جەڭ ھارۋىسىغا چىقاردى.
34 Qui dixit ei: Civitates, quas tulit pater meus a patre tuo, reddam: et plateas fac tibi in Damasco, sicut fecit pater meus in Samaria, et ego fœderatus recedam a te. Pepigit ergo fœdus, et dimisit eum.
بەن-ھاداد ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ ئاتام سىلىنىڭ ئاتىلىرىدىن ئالغان شەھەرلەرنى سىلىگە قايتۇرۇپ بېرەي. ئاتام سامارىيەدە رەستە-بازارلىرىنى تىكلىگەندەك سىلى ئۆزلىرى ئۈچۈن دەمەشقتە رەستە-بازارلارنى تىكلەيلا، ــ دېدى. ئاھاب: ــ بۇ شەرت بىلەن سېنى قويۇپ بېرەي، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ئەھدە قىلىشتى ۋە ئۇ ئۇنى قويۇپ بەردى.
35 Tunc vir quidam de filiis prophetarum dixit ad socium suum in sermone Domini: Percute me. At ille noluit percutere.
پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەنە بىرىگە: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، مېنى ئۇرغىن، دېدى. لېكىن ئۇ ئادەم ئۇنى ئۇرغىلى ئۇنىمىدى.
36 Cui ait: Quia noluisti audire vocem Domini, ecce recedes a me, et percutiet te leo. Cumque paululum recessisset ab eo, invenit eum leo, atque percussit.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغىنىڭ ئۈچۈن مانا بۇ يەردىن كەتكىنىڭدە بىر شىر سېنى بوغۇپ ئۆلتۈرىدۇ، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭ يېنىدىن چىققاندا، ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچراپ ئۇنى ئۆلتۈردى.
37 Sed alterum inveniens virum, dixit ad eum: Percute me. Qui percussit eum, et vulneravit.
ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە بىر ئادەمنى تېپىپ ئۇنىڭغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، مېنى ئۇرغىن، دېدى. ئۇ ئادەم ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ زەخىملەندۈردى.
38 Abiit ergo propheta, et occurrit regi in via, et mutavit aspersione pulveris os et oculos suos.
ئاندىن پەيغەمبەر بېرىپ ئۆز قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، كۆزلىرىنى تېڭىق بىلەن تېڭىپ يول بويىدا پادىشاھنى كۈتۈپ تۇردى.
39 Cumque rex transisset, clamavit ad regem, et ait: Servus tuus egressus est ad præliandum cominus: cumque fugisset vir unus, adduxit eum quidam ad me, et ait: Custodi virum istum: qui si lapsus fuerit, erit anima tua pro anima eius, aut talentum argenti appendes.
پادىشاھ شۇ يەردىن ئۆتكەندە ئۇ پادىشاھنى چاقىرىپ: ــ كەمىنىلىرى كەسكىن جەڭ مەيدانىغا چىققانىدىم، ۋە مانا، بىر ئادەم ماڭا بۇرۇلۇپ، بىر كىشىنى تاپشۇرۇپ: «بۇ كىشىگە چىڭ قارىغىن، ھەرقانداق سەۋەبتىن ئۇ يوقاپ كەتسە، سەن ئۆز جېنىڭنى ئۇنىڭ جېنىنىڭ ئورنىغا تۆلەيسەن؛ بولمىسا بىر تالانت كۈمۈش تۆلەيسەن»، دېدى.
40 Dum autem ego turbatus huc illucque me verterem, subito non comparuit. Et ait rex Israel ad eum: Hoc est iudicium tuum, quod ipse decrevisti.
لېكىن مەن كەمىنىلىرى ئۇ-بۇ ئىش بىلەن بەند بولۇپ كېتىپ، ئۇنى يوقىتىپ قويدۇم، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭ بېكىتكىنىڭدەك ساڭا ھۆكۈم قىلىنىدۇ! ــ دېدى.
41 At ille statim abstersit pulverem de facie sua, et cognovit eum rex Israel, quod esset de prophetis.
ئۇ دەرھال كۆزلىرىدىن تېڭىقنى ئېلىۋەتتى؛ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنى تونۇپ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆردى.
42 Qui ait ad eum: Hæc dicit Dominus: Quia dimisisti virum dignum morte de manu tua, erit anima tua pro anima eius, et populus tuus pro populo eius.
پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن ھالاكەتكە بېكىتكەن ئادەمنى قولۇڭدىن قۇتۇلغىلى قويغىنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جېنىڭ ئۇنىڭ جېنىنىڭ ئورنىدا ئېلىنىدۇ؛ سېنىڭ خەلقىڭ ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئورنىدا ئېلىنىدۇ»، دېدى.
43 Reversus est igitur rex Israel in domum suam, audire contemnens, et furibundus venit in Samariam.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خاپا بولۇپ، غەشلىككە چۆمگەن ھالدا سامارىيەگە قايتىپ ئوردىسىغا كىردى.

< I Regum 20 >