< Corinthios I 4 >

1 Sic nos existimet homo ut ministros Christi: et dispensatores mysteriorum Dei.
بىرسى بىز توغرۇلۇق بىرنېمە دېمەكچى بولسا، بىزنى مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە خۇدانىڭ سىرلىرى ئامانەت قىلىنغان غوجىدارلار دەپ بىلسۇن.
2 Hic iam quæritur inter dispensatores ut fidelis quis inveniatur.
ئەمدى غوجىدار دېگەنلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى شۇكى، ئۇلار ۋاپادار-سادىق بولۇشى كېرەكتۇر.
3 Mihi autem pro minimo est ut a vobis iudicer, aut ab humano die: sed neque meipsum iudico.
ئەمما مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىن ياكى باشقا ھەرقانداق ئىنسانىي سوت تەرىپىدىن سۈرۈشتۈرۈپ باھالانسام، بۇ مەن ئۈچۈن زىغىرچىلىك ئىش؛ مەن ھەتتا ئۆزۈم توغرۇلۇق سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايمەن.
4 Nihil enim mihi conscius sum: sed non in hoc iustificatus sum: qui autem iudicat me, Dominus est.
چۈنكى ۋىجدانىم ئەيىبلەيدىغان ھېچقانداق ئىشلىرىمدىن خەۋىرىم يوق؛ ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئۆزى مېنى ھەققانىي دەپ ئاقلىمايدۇ؛ مېنى سۈرۈشتۈرۈپ باھالىغۇچى بولسا رەبدۇر.
5 Itaque nolite ante tempus iudicare, quoadusque veniat Dominus: qui et illuminabit abscondita tenebrarum, et manifestabit consilia cordium: et tunc laus erit unicuique a Deo.
شۇڭا ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە، يەنى رەب كەلمىگۈچە ھېچ ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارماڭلار؛ رەب كەلگەندە ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى يوشۇرۇن ئىشلارنى ئاشكارىلايدۇ، قەلب-دىللاردىكى بارلىق ئوي-نىيەتلەرنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ چاغدا ھەربىرى خۇدا تەرىپىدىن تەرىپلىنىدۇ.
6 Hæc autem, fratres, transfiguravi in me et Apollo, propter vos: ut in nobis discatis, ne supra quam scriptum est, unus adversus alterum infletur pro alio.
ئەمما، ئى قېرىنداشلار، بۇ ئىشلارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارنى دەپ ئۆزۈمگە ۋە ئاپوللوسقا تەتبىقلىدىم؛ مەقسەت سىلەر بىز ئارقىلىق «پۈتۈلگەننىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەڭلار» دېگەن ساۋاقنى ئۆگىنىشىڭلار، شۇنداقلا ھېچقايسىڭلارنىڭ مەلۇم بىرسىنى باشقا بىرسىدىن ئۈستۈن دەپ پەخىرلىنىپ تەكەببۇرلىشىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.
7 Quis enim te discernit? Quid autem habes quod non accepisti? Si autem accepisti, quid gloriaris quasi non acceperis?
چۈنكى كىم سېنى باشقا بىرسىدىن ئۈستۈن قىلىدۇ؟ ساڭا ئاتا قىلىنغان نەرسىدىن باشقا سەندە يەنە نېمە بار؟ ھەممە ساڭا بېرىلگەن تۇرسا، نېمىشقا «مەندە ئەسلى بار ئىدى» دەپ پەخىرلىنىپ كۆرەڭلەپ كېتىسەن؟
8 Iam saturati estis, iam divites facti estis: sine nobis regnatis: et utinam regnetis, ut et nos vobiscum regnemus.
سىلەر ئاللىقاچان تويۇنۇپ كەتتىڭلار! ئاللىقاچان بېيىپ كەتتىڭلار! سىلەر بىزسىز پادىشاھلار بولۇپ ھۆكۈم سۈردۇڭلار! كاشكى سىلەر ھەقىقەتەن ھۆكۈم سۈرگەن بولساڭلارئىدى ــ ئۇنداقتا بىز سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق!
9 Puto enim quod Deus nos Apostolos novissimos ostendit, tamquam morti destinatos: quia spectaculum facti sumus mundo, et Angelis, et hominibus.
چۈنكى خۇدا روسۇللار بولغان بىزلەرنى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان ئادەملەردەك ئەڭ ئاخىرغا قويۇپ سازايى قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان، دەپ ئويلايمەن؛ چۈنكى بىز پۈتكۈل ئالەمگە، يەنى ھەم پەرىشتىلەرگە ھەم ئىنسانلارغا بىر خىل تاماشا بولدۇق.
10 Nos stulti propter Christum, vos autem prudentes in Christo: nos infirmi, vos autem fortes: vos nobiles, nos autem ignobiles.
بىز مەسىھ ئۈچۈن ئەخمەق سانالغانلارمىز، ئەمما سىلەر مەسىھدە داناسىلەر! بىز ئاجىز، ئەمما سىلەر كۈچلۈكسىلەر؛ سىلەر ئىززەتلىك، ئەمما بىز خار؛
11 Usque in hanc horam et esurimus, et sitimus, et nudi sumus, et colaphis cædimur, et instabiles sumus,
ھازىرقى دەقىقىگىچە ئاچ-يالىڭاچ، چاڭقاپ يۈرمەكتىمىز، دۇمبالىنىپ، سەرگەردان، ماكانسىز بولۇپ يۈرمەكتىمىز؛
12 et laboramus operantes manibus nostris: maledicimur, et benedicimus: persecutionem patimur, et sustinemus:
ئۆز قولىمىز بىلەن ئىشلەپ جاپا تارتماقتىمىز؛ ئاھانەتكە قالغاندا ياخشىلىق تىلەۋاتىمىز؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، چىداۋاتىمىز؛
13 blasphemamur, et obsecramus: tamquam purgamenta huius mundi facti sumus, omnium peripsema usque adhuc.
تۆھمەتكە ئۇچرىغاندا، [بىز ئۇلارنى] چىرايلىقچە [توۋىغا] ئۈندەيمىز؛ بىز جاھاننىڭ داشقىلى، ئىنسانلارنىڭ سۈپۈرۈندىسى دەپ قارىلىۋاتىمىز، تا ھازىرغىچە شۇنداق.
14 Non ut confundam vos, hæc scribo, sed ut filios meos charissimos moneo.
بۇ ئىشلارنى يېزىشىم، سىلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈك بالىلىرىم سۈپىتىدە سىلەرگە نەسىھەت قىلىۋاتىمەن؛
15 Nam si decem millia pædagogorum habeatis in Christo: sed non multos patres. Nam in Christo Iesu per Evangelium ego vos genui.
چۈنكى سىلەرنىڭ مەسىھدە تۈمەنلىگەن تەربىيىلىگۈچىلىرىڭلار بولسىمۇ، سىلەرنىڭ ئاتاڭلار كۆپ ئەمەستۇر؛ چۈنكى مەن مەسىھ ئەيسادا بولۇپ سىلەرنى خۇش خەۋەر ئارقىلىق تۆرەلدۈرۈپ ئاتا بولدۇم.
16 Rogo ergo vos, imitatores mei estote, sicut et ego Christi.
شۇڭا مەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى ئۈلگە قىلىڭلار.
17 Ideo misi ad vos Timotheum, qui est filius meus charissimus, et fidelis in Domino: qui vos commonefaciet vias meas, quæ sunt in Christo Iesu, sicut ubique in omni Ecclesia doceo.
دەل بۇ سەۋەبتىن مەن رەبدە بولغان ئۆز سۆيۈملۈك ۋە ئىشەنچلىك ئوغلۇم تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتتىم؛ ئۇ سىلەرگە ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتتە ئۆگەتكەنلىرىمگە ئەگىشىپ، مەسىھدە بولغان يوللىرىم توغرۇلۇق ئەسلىتىدۇ.
18 Tamquam non venturus sim ad vos, sic inflati sunt quidam.
ئەمما بەزىلىرىڭلار، «پاۋلۇسنى يېنىمىزغا كەلمەيدۇ»، دەپ كۆرەڭلەپ كەتتىڭلار؛
19 Veniam autem ad vos cito, si Dominus voluerit: et cognoscam non sermonem eorum, qui inflati sunt, sed virtutem.
بىراق رەب بۇيرۇسا مەن پات ئارىدا يېنىڭلارغا بارىمەن؛ شۇ چاغدا مەن كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا بولغان كۈچ-قۇدرەتنى كۆرۈپ باقاي.
20 Non enim in sermone est regnum Dei, sed in virtute.
چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆزدە ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەتتە ئىسپاتلىنىدۇ.
21 Quid vultis? In virga veniam ad vos, an in charitate, et spiritu mansuetudinis?
ئەمدى نېمىنى خالايسىلەر؟ يېنىڭلارغا تاياق كۆتۈرۈپ بېرىشىمنىمۇ، ياكى مېھىر-مۇلايىملىق روھىدا بېرىشىمنىمۇ؟

< Corinthios I 4 >