< Habacuc Propheta 1 >

1 Onus quod vidit Habacuc propheta.
ھاباككۇك پەيغەمبەر كۆرگەن، ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ
2 [Usquequo, Domine, clamabo, et non exaudies? vociferabor ad te, vim patiens, et non salvabis?
ئاھ پەرۋەردىگار، قاچانغىچە مەن ساڭا نىدا قىلىمەن، سەن ئاڭلىمايسەن؟ مەن ساڭا: «زۇلۇم-زوراۋانلىق!» دەپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن، بىراق سەن قۇتقۇزمايسەن.
3 Quare ostendisti mihi iniquitatem et laborem, videre prædam et injustitiam contra me? Et factum est judicium, et contradictio potentior.
سەن نېمىشقا ماڭا قەبىھلىكنى كۆرگۈزىسەن، نېمىشقا جاپا-زۇلۇمغا قاراپ تۇرىسەن؟ چۈنكى بۇلاڭچىلىق، زۇلۇم-زوراۋانلىق كۆز ئالدىمدىدۇر؛ جەڭگى-جېدەللەر بار، دەۋالار كۆپەيمەكتە.
4 Propter hoc lacerata est lex, et non pervenit usque ad finem judicium; quia impius prævalet adversus justum, propterea egreditur judicium perversum.
شۇڭا قانۇن پالەچ بولۇپ قالدى، ئادالەت مەيدانغا ھېچ چىقمايدۇ؛ چۈنكى رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى قىستىماقتا؛ شۇڭا ھۆكۈملەر بۇرمىلىنىپ چىقىرىلىدۇ.
5 Aspicite in gentibus, et videte; admiramini, et obstupescite: quia opus factum est in diebus vestris, quod nemo credet cum narrabitur.
ئەللەر ئارىسىدا بولىدىغان بىر ئىشنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئوبدان قاراڭلار، ھەيرانۇھەس قېلىڭلار! چۈنكى سىلەرنىڭ دەۋرىڭلاردا بىر ئىش قىلىمەنكى، بىرسى سىلەرگە بايان قىلغان تەغدىردىمۇ سىلەر ئىشەنمەيتتىڭلار.
6 Quia ecce ego suscitabo Chaldæos, gentem amaram et velocem, ambulantem super latitudinem terræ, ut possideat tabernacula non sua.
چۈنكى مانا، مەن ھېلىقى مىجەزى ئوسال ھەم ئالدىراقسان ئەل كالدىيلەرنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن؛ ئەسلى ئۆزىگە تەۋە ئەمەس ماكانلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇلار يەر يۈزىنىڭ كەڭرى جايلىرىنى بېسىپ ماڭىدۇ؛
7 Horribilis et terribilis est: ex semetipsa judicium et onus ejus egredietur.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىنى ھېساب قىلىدۇ ھەم ئۆزىنى خالىغانچە يۇقىرى تۇتىدۇ؛
8 Leviores pardis equi ejus, et velociores lupis vespertinis: et diffundentur equites ejus: equites namque ejus de longe venient; volabunt quasi aquila festinans ad comedendum.
ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزلاردىن ئىتتىك، كەچتە ئوۋغا چىقىدىغان بۆرىلەردىن ئەشەددىيدۇر؛ ئاتلىق لەشكەرلەر ئاتلىرىنى مەغرۇرانە چاپچىتىدۇ؛ ئاتلىق لەشكەرلەر يىراقتىن كېلىدۇ، ئۇلار ئوۋغا شۇڭغۇغان بۈركۈتتەك ئۇچۇپ يۈرىدۇ.
9 Omnes ad prædam venient, facies eorum ventus urens; et congregabit quasi arenam captivitatem.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى زۇلۇم-زوراۋانلىققا كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى يۈزلىرىنى ئالدىغا بېكىتىپ، ئالغا باسىدۇ، ئەسىرلەرنى قۇمدەك كۆپ يىغىدۇ.
10 Et ipse de regibus triumphabit, et tyranni ridiculi ejus erunt; ipse super omnem munitionem ridebit, et comportabit aggerem, et capiet eam.
بەرھەق، ئۇ پادىشاھلارنى مازاق قىلىدۇ، ئەمىرلەرنىمۇ نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ ئۇ ھەممە ئىستىھكاملارنى مەسخىرە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ توپا-تۇپراقلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىدۇ.
11 Tunc mutabitur spiritus, et pertransibit, et corruet: hæc est fortitudo ejus dei sui.]
شۇنداق قىلىپ ئۇ شامالدەك غۇيۇلداپ ئۆتىدۇ، ھەددىدىن ئېشىپ گۇناھكار بولىدۇ؛ ئۇنىڭ بۇ كۈچ-قۇدرىتى ئۆزىگە ئىلاھ بولۇپ سانىلىدۇ.
12 [Numquid non tu a principio, Domine, Deus meus, sancte meus, et non moriemur? Domine, in judicium posuisti eum, et fortem, ut corriperes, fundasti eum.
سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچى ئەمەسمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىم؟ بىز ئۆلمەيمىز، ئى پەرۋەردىگار؛ سەن ئۇنى جازايىڭنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېكىتكەنسەن؛ سەن، ئى قورام تاش بولغۇچى، ئۇنى [بىزگە] ئىبرەت قىلىپ تۈزىتىشكە بەلگىلىگەنسەن.
13 Mundi sunt oculi tui, ne videas malum, et respicere ad iniquitatem non poteris. Quare respicis super iniqua agentes, et taces devorante impio justiorem se?
سېنىڭ كۆزۈڭ شۇنچە غۇبارسىز ئىدىكى، رەزىللىككە قاراپ تۇرمايتتىڭ؛ ئەمدى نېمىشقا سەن مۇناپىقلىق قىلغانلارغا قاراپ تۇرىسەن، رەزىللەر ئۆزىدىن ئادىل بولغان كىشىنى يۇتۇۋالغىنىدا، نېمىشقا سۈكۈت قىلىسەن؟
14 Et facies homines quasi pisces maris, et quasi reptile non habens principem.
سەن ئادەملەرنى خۇددى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك، خۇددى ئۆزلىرى ئۈستىدە ھېچ يېتەكلىگۈچىسى يوق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش قىلىسەن؛
15 Totum in hamo sublevavit, traxit illud in sagena sua, et congregavit in rete suum. Super hoc lætabitur, et exsultabit.
شۇ [كالدىي كىشى] ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاڭگىكىغا ئىلىندۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۆز تورى بىلەن تۇتۇۋالىدۇ، ئۇلارنى يىغما تورىغا يىغىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىدۇ؛
16 Propterea immolabit sagenæ suæ, et sacrificabit reti suo, quia in ipsis incrassata est pars ejus, et cibus ejus electus.
ۋە تورىغا قۇربانلىق سۇنىدۇ، يىغما تورىغا ئىسرىق سالىدۇ، چۈنكى شۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ نېسىۋىسى مول، نېمەتلىرى لەززەتلىك بولدى.
17 Propter hoc ergo expandit sagenam suam, et semper interficere gentes non parcet.]
ئەمدى ئۇ شۇ تەرىقىدە تورىنى توختاۋسىز بوشىتىۋەرسە، شۇ تەرىقىدە ئەللەرنى ھېچ رەھىم قىلماي قىرىۋەرسە بولامدۇ؟

< Habacuc Propheta 1 >