یەزدان بە موسای فەرموو: | 1 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — |
«فەرمان بە نەوەی ئیسرائیل بکە کە هەرکەسێک نەخۆشی گواستراوەی پێست یان ئەوەی لێچوونی گڵاوی هەبێت، یان ئەوەی بە مردوو گڵاو بووبێت، لە ئۆردوگاکە دووریان بخەنەوە. | 2 |
سەن ئىسرائىللارغا ئەمر قىلىپ: «سىلەر پىسە-ماخاۋ كېسىلى بىلەن ئاقما كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى، شۇنداقلا ئۆلۈككە تېگىشى بىلەن ناپاك بولۇپ قالغان ھەممىسىنى ئەر-ئايال دېمەي بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار. بارگاھلارنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار؛ چۈنكى مەن بارگاھ ئوتتۇرىسىدا ماكان قىلدىم» — دېگىن، — دېدى. |
نێر و مێ دوور دەخەنەوە، بۆ دەرەوەی ئۆردوگا دووریان دەخەنەوە هەتا ئۆردوگاکانیان گڵاو نەکەن کە من لەنێویاندا نیشتەجێم.» | 3 |
جا نەوەی ئیسرائیل ئاوایان کرد و بۆ دەرەوەی ئۆردوگاکە دووریان خستنەوە، هەروەک چۆن یەزدان لەگەڵ موسادا دوا، نەوەی ئیسرائیل ئاوایان کرد. | 4 |
ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بارگاھتىن چىقىرىۋەتتى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق ئەمر قىلغان بولسا، ئىسرائىللار شۇنداق قىلدى. |
یەزدان بە موسای فەرموو: | 5 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
«بە نەوەی ئیسرائیل بڵێ:”ئەگەر پیاوێک یان ئافرەتێک گوناهێک لە گوناهەکانی مرۆڤ بکات، واتە ناپاکی لەگەڵ یەزدان کرد، ئەوا ئەو کەسە تاوانی کردووە، | 6 |
سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: ــ مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئەگەر ئۇ ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ھەرقانداق گۇناھلىرىدىن بىرىنى سادىر قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھكار دەپ بېكىتىلسە، |
با دان بە گوناهەکەیدا بنێت کە کردوویەتی و ئەوەی پێی تاوانبار بووە بە تەواوی بیگەڕێنێتەوە، پێنج یەکیشی بۆ زیاد بکات و بیداتە ئەوەی تاوانەکەی لە دژی کردووە. | 7 |
ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى ئۆتكۈزگەن گۇناھىغا ئىقرار قىلىپ، ئىتائەتسىزلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان، زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ بېرىشى كېرەك ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا ئۇ كىشىگە يەنە بەشتىن بىر ئۈلۈشنى قوشۇپ تۆلەپ بەرسۇن. |
بەڵام ئەگەر ئەو کەسە مردوو بوو و خزمی نزیکی نەبوو هەتا وەریبگرێتەوە، ئەوا ئەوەی پێی تاوانبار بووە دەگەڕێتەوە بۆ یەزدان و بۆ کاهین دەبێت، لەگەڵ بەرانێک کە کەفارەتی پێ دەکات بۆی. | 8 |
زىيانلانغۇچىنىڭ مۇبادا ئىتائەتسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانغا بېرىلگەن تۆلەم پۇلىنى ئالغۇدەك تۇغقىنى بولمىسا، تۆلەم پۇلى گۇناھكار بولغان كىشىنىڭ كافارىتىگە سۇنۇلىدىغان قوشقارغا قوشۇلۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ، كاھىنغا بېرىلسۇن. |
هەموو پیتاکێک و دیارییەکی پیرۆزی نەوەی ئیسرائیل کە پێشکەشی کاهینی دەکەن بۆ ئەو دەبێت. | 9 |
شۇنىڭدەك ئىسرائىللارنىڭ خۇداغا ئاتىغان بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرى، يەنى كاھىنغا كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن بارلىق «كۆتۈرمە قۇربانلىق-ھەدىيە»لەر كاھىنغا ھېساب بولسۇن. |
هەموو دیارییە پیرۆزکراوەکانی مرۆڤیش بۆ خۆی دەبێت، بەڵام ئەگەر کەسێک شتێکی دا بە کاهین ئەوا بۆ کاهین دەبێت.“» | 10 |
ھەركىم خۇداغا ئاتىغان ھەدىيەلەر مۇقەددەس دەپ ھېسابلانسۇن، شۇنداقلا كاھىننىڭ بولسۇن؛ كىشىلەر كاھىنغا نېمە ھەدىيە قىلسا، ئۇنىڭ ھەممىسى كاھىننىڭ بولسۇن. |
یەزدان بە موسای فەرموو: | 11 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
«لەگەڵ نەوەی ئیسرائیل بدوێ و پێیان بڵێ:”ئەگەر ژنی پیاوێک لەڕێ لایدا و ناپاکی لەگەڵ کرد، | 12 |
سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: — ئەگەر بىرسىنىڭ خوتۇنى ئۆز ئېرىدىن يۈز ئۆرۈگەن، ساداقەتسىزلىك قىلغان بولسا، |
لەگەڵ پیاوێک جووت بوو، ئەوەش لە چاوانی پیاوەکەی شاردراوە بوو و داوێنپیسییەکەی ئاشکرا نەبوو، هیچ شایەتێکیشی بەسەرەوە نەبوو، چونکە لەسەر کردارەکە نەگیرا بوو، | 13 |
— دېمەك، باشقا بىرسى بىلەن يېقىنلاشقان، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقى ئېرىنىڭ كۆزلىرىدىن يوشۇرۇن بولغان بولسا، ھېچ گۇۋاھچى بولمىغان ھەم گۇناھ قىلغان چېغىدا تۇتۇلۇپمۇ قالمىغان بولسا، |
کابراش ڕۆحی دڵپیسی دایگرت و لە ژنەکەی بە گومان بوو کە داوێنپیسە، یان ڕۆحی دڵپیسی دایگرت و لە ژنەکەی بە گومان بوو کە داوێنپیس نییە، | 14 |
— شۇنداق ئەھۋالدا، ئېرى ئۆز خوتۇنىدىن گۇمان قىلىپ كۈنلىسە، خوتۇنى راستلا زىنا قىلىپ بۇلغانغان بولسا ‹ياكى ئۆز خوتۇنىغا گۇمان قىلىپ كۈنلىسىمۇ، خوتۇنى زىنا قىلمىغان ۋە بۇلغانمىغان بولسا› |
ئەوا پیاوەکە ژنەکەی دەهێنێتە لای کاهین و پێشکەشکراوەکەشی لەگەڵدا دەهێنێت، دەیەکی ئێفەیەک ئاردی جۆ نە زەیتی بەسەردا دەکات و نە بخوور، چونکە پێشکەشکراوی دانەوێڵەی دڵپیسییە و قوربانی یادگارییە، یادی تاوان دەکاتەوە. | 15 |
ئەھۋالىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇ ئادەم خوتۇنىنى كاھىننىڭ يېنىغا ئەكەلسۇن ھەم خوتۇنى ئۈچۈن زۆرۈر ئاشلىق ھەدىيەسى، يەنى ئارپا ئۇندىن ئوندىن بىر ئەفاھنى ئالغاچ كەلسۇن؛ شۇ ھەدىيەنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھېچ زەيتۇن مېيى قۇيمىسۇن ياكى ھېچ مەستىكى قوشۇپ قويمىسۇن؛ چۈنكى بۇ كۈنداشلىق ھەدىيەسى، ئەسلەتمە ئاشلىق ھەدىيەسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىگە بولغان ئەسلەتمىدۇر. |
«”کاهینەکە ژنەکە دەهێنێتە پێش و لەبەردەم یەزدان ڕایدەگرێت. | 16 |
كاھىن ئۇ خوتۇننى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزسۇن. |
کاهینەکە لە گۆزەیەکی گڵین ئاوێکی پیرۆز دەبات و لە تۆزی سەر زەوی چادرەکەی پەرستن هەڵدەگرێت و لەناو ئاوەکەی دەکات. | 17 |
كاھىن كومزەككە مۇقەددەس سۇدىن قۇيۇپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ يەر توپىسىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ سۇغا چېچىپ قويسۇن. |
کاهینەکە ژنەکە لەبەردەم یەزدان ڕادەگرێت و سەری ڕووت دەکاتەوە، پێشکەشکراوی دانەوێڵەی یادەوەرییەکە کە پێشکەشکراوی دانەوێڵەی دڵپیسییە دەکاتە ناو دەستی ژنەکە و ئاوە تاڵەکەی نەفرەتیش لە دەستی کاهینەکە دەبێت. | 18 |
كاھىن ئۇ خوتۇننى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزۇپ، بېشىنى ئېچىپ، ئەسلەتمە ئاشلىق ھەدىيەسى، يەنى كۈنداشلىق ھەدىيەسىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزسۇن، ئاندىن كاھىن قولىغا قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىنى ئالسۇن. |
ئینجا کاهینەکە ژنەکە سوێند دەدات و پێی دەڵێت:’ئەگەر هیچ پیاوێک لەگەڵت جووت نەبووە و بە دزی پیاوەکەت بەرەو داوێنپیسی لەڕێ لات نەداوە، لە کاتێکدا ژنی پیاوەکەتی ئەوا بێتاوان بە لەم ئاوەی نەفرەت کە تاڵە. | 19 |
كاھىن ئۇ خوتۇنغا قەسەم ئىچكۈزۈپ، ئۇنىڭغا «دەرۋەقە سەن ھېچقانداق ئادەم بىلەن بىللە ياتمىغان، ئېرىڭنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولۇشقا ئېزىپ بۇزۇقلۇق قىلمىغان بولساڭ، ئۇنداقتا سەن بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىدىن خالاس بولغايسەن. |
بەڵام ئەگەر بە دزی پیاوەکەت لەڕێ لاتداوە و گڵاو بوویت و پیاوێکی دیکە جیا لە مێردەکەت لەگەڵت جووت بووە،‘ | 20 |
لېكىن سەن ئېرىڭنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسىگە يېقىنلىشىپ ئۆزۈڭنى بۇلغىغان بولساڭ، ئېرىڭدىن باشقا بىر ئەر سەن بىلەن بىللە ياتقان بولسا، —» دېسۇن؛ |
لێرە کاهینەکە ژنەکە بە سوێندی نەفرەت سوێند دەدات، کاهینەکە بە ژنەکە دەڵێت،’یەزدان دەتخاتە بەر نەفرەت و سوێند لەنێو گەلەکەت بەوەی کە یەزدان ڕانت لاواز دەکات و سکت دەئاوسێنێت. | 21 |
ئاندىن كاھىن ئۇ خوتۇنغا قارغىش قەسىمىنى ئىچكۈزگەندىن كېيىن، يەنە ئۇنىڭغا: «ــ پەرۋەردىگار يوتاڭنى يىگلىتىپ، قورسىقىڭنى ئىششىتىۋەتسۇن، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار سېنى ئۆز خەلقىڭ ئىچىدە قارغىش ۋە قەسەم ئىچىش دەستىكىگە ئايلاندۇرسۇن؛ بۇ قارغىش سۈيى ئىچ-قارنىڭغا كىرىپ، قورسىقىڭنى ئىششىتىۋەتسۇن، يوتاڭنى يىگىلىتىۋەتسۇن» دېگەندە، ئۇ خوتۇن: «ئامىن، ئامىن» دېسۇن. |
ئەم ئاوەی نەفرەت دەچێتە ناو هەناوت بۆ ئاوسانی سک و لاوازی ڕان.‘«”ژنەش دەڵێت،’ئامین، ئامین.‘ | 22 |
«”کاهینیش ئەم نەفرەتانە لە پەڕەیەک دەنووسێت، ئینجا لەناو ئاوە تاڵەکە دەیشواتەوە. | 23 |
شۇنىڭدەك كاھىن بۇ قارغىش سۆزلىرىنى دەپتەرگە پۈتۈپ قويسۇن، شۇنداقلا يازغان سۆزلەرنى ئەلەم سۈيىگە چىلىسۇن، |
ئاوە تاڵەکەی نەفرەتیش دەرخواردی ژنەکە دەدات، ئاوەکەی نەفرەتیش دەچێتە ناوی و دەبێتە ئازاری تاڵی. | 24 |
ئاندىن ئۇ خوتۇنغا بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىنى ئىچكۈزسۇن، بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى سۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا ئازاب-ئەلەم بولىدۇ. |
کاهینەکە پێشکەشکراوی دانەوێڵەی دڵپیسییەکە لە دەستی ژنەکە وەردەگرێت و پێشکەشکراوەکە لەبەردەم یەزدان بەرز دەکاتەوە، ئینجا دەیباتە لای قوربانگاکە. | 25 |
كاھىن ئۇ خوتۇننىڭ قولىدىن كۈنداشلىق ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا پۇلاڭلىتىپ بولغاندىن كېيىن، قۇربانگاھقا ئېلىپ كەلسۇن. |
کاهینەکە چنگێک بۆ یادەوەری لە دانەوێڵە پێشکەشکراوەکە دەبات و لەسەر قوربانگاکە دەیسووتێنێت، لەدوای ئەوە ئاوەکە دەرخواردی ژنەکە دەدات. | 26 |
كاھىن ھەدىيەدىن بىر سىقىم ئۇن ئېلىپ، خاتىرە ھېسابىدا قۇربانگاھقا قويۇپ كۆيدۈرسۇن؛ ئاندىن ئۇ خوتۇنغا بۇ سۇنى ئىچكۈزسۇن. |
ئەگەر ژنەکە گڵاو بووبێت و ناپاکی لە پیاوەکەی کردبێت، کاتێک ئاوەکەی دەرخوارد دا، ئەوا ئاوە نەفرەتەکە دەبێتە ئازاری تاڵی، دەچێتە ناوی، سکی دەئاوسێت و ڕانی دەکەوێت، ژنەکە لەنێو گەلەکەی دەبێتە نەفرەت. | 27 |
كاھىن ئەمدى ئۇ خوتۇنغا سۇنى ئىچكۈزگەندىن كېيىن، ئەگەر ئۇھەقىقىي بۇلغانغان بولۇپ، ئۆز ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلغان بولسا، چوقۇم شۇنداق بولىدۇكى، بۇ قارغىش سۈيى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئازاب-ئەلەم كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ قورسىقى ئىششىپ، يوتىسى يىگىلەپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتۇن ئۆز خەلقى ئىچىدە قارغىشقا كېتىدۇ. |
ئەگەر ژنەکەش گڵاو نەببوو بەڵکو پاک بوو، ئەوا بێتاوان دەبێت و سکی پڕ دەبێت. | 28 |
لېكىن ئەگەر ئۇ خوتۇن بۇلغانمىغان پاك بولسا، شۇ ئىشتىن خالاس بولىدۇ ۋە ئەكسىچە ھامىلىدار بولۇپ پەرزەنتلىك بولىدۇ. |
«”ئەمە فێرکردنەکەیە سەبارەت بە دڵپیسی، ئەگەر ژنێک بە دزی پیاوەکەی لەڕێ لایدا و گڵاو بوو، لە کاتێکدا ژنی پیاوەکەیەتی، | 29 |
مانا بۇ كۈنداشلىق توغرىسىدىكى قانۇندۇر؛ خوتۇن ئۆز ئېرىنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولۇشى بىلەن ئېزىپ بۇلغانغان بولسا |
یان ئەگەر پیاوێک ڕۆحی دڵپیسی دایگرت، جا دڵی لە ژنەکەی پیس کرد، ژنەکە لەبەردەم یەزدان ڕادەگیرێت و کاهینەکە هەموو ئەم فێرکردنەی بۆ دەکات. | 30 |
ۋە ياكى بىرسى خوتۇنىدىن گۇمان قىلىپ كۈنلىسە، ئۇنداقتا ئۇ خوتۇنىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن، كاھىن ئۇنىڭغا شۇ قانۇن بويىچە ھەممىنى ئىجرا قىلسۇن. |
جا پیاوەکە لە هەر هەڵەیەک بێتاوان دەبێت، بەڵام ئەو ژنە تاوانی گوناهی لە ئەستۆی خۆی هەڵدەگرێت.“» | 31 |
ئەنە شۇنداق قىلغاندا، ئەر گۇناھتىن خالاس بولۇپ، خوتۇن ئۆز گۇناھىنى كۆتىرىدۇ. |