< سەرژمێری 27 >

کچانی سەلۆفحادی کوڕی حێفەر کوڕی گلعاد کوڕی ماکیر کوڕی مەنەشە لە خێڵەکانی مەنەشەی کوڕی یوسف هاتنە پێش. ئەمەش ناوی کچەکانییەتی: مەحلە و نۆعا و حۆگلە و میلکە و تیرزە، 1
يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ نەسلىدىن بولغان جەمەتلەر ئىچىدە ماناسسەھنىڭ چەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، گىلېئادنىڭ نەۋرىسى، ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھادنىڭ قىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ، ۋە تىرزاھ ئىدى.
لەبەردەم موسا و ئەلعازاری کاهین و سەرۆکەکان و هەموو کۆمەڵ لەلای دەروازەی چادری چاوپێکەوتن وەستان و گوتیان: 2
ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار ۋە ئەمىرلەر بىلەن پۈتكۈل جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ:
«باوکمان لە بیابان مرد و لەو کۆمەڵەدا نەبوو کە لەگەڵ قۆرەح لە دژی یەزدان کۆبوونەوە، بەڵکو بە گوناهی خۆی مرد و هیچ کوڕی نەبوو. 3
— بىزنىڭ ئاتىمىز چۆلدە ئۆلۈپ كەتكەن؛ ئۇ ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ھۇجۇم قىلغىلى يىغىلغانلاردىن ئەمەس، يەنى كوراھ گۇرۇھىدىكىلەردىن ئەمەس؛ ئۇ بەلكى ئۆز گۇناھى ئىچىدە ئۆلگەن، ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى يوق ئىدى.
بۆچی ناوی باوکمان لەنێو خێڵەکەی بسڕێتەوە لەبەر ئەوەی کوڕی نییە؟ لەنێو برایانی باوکمان موڵکمان بدەرێ.» 4
نېمە ئۈچۈن ئاتىمىزنىڭ ئوغلى يوقلۇقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ نامى ئۇنىڭ جەمەتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ بىزگە ئاتىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا مىراس بۆلۈپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز، — دېدى.
موساش داواکارییەکەی ئەوانی بردە بەردەم یەزدان. 5
مۇسا ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى.
جا یەزدان بە موسای فەرموو: 6
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
«کچانی سەلۆفحاد ڕاست دەڵێن. تۆش لەنێو برایانی باوکیان موڵکی میراتیان دەدەیتێ و میراتی باوکیان دەدرێتە ئەوان. 7
زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىنىڭ ئېيتقىنى دۇرۇس، سەن چوقۇم ئۇلارغا ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا مىراس بەر؛ ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ مىراسىنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىن.
«بە نەوەی ئیسرائیلیش دەڵێیت:”هەر پیاوێک مرد و کوڕی نەبوو میراتەکەی بۆ کچی دەبێت، 8
سەن ئىسرائ‍ىللارغا ئېيتقىن: «بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا ئۇنىڭ ئوغلى بولمىسا، ئۇنداقتا سىلەر ئۇنىڭ مىراسىنى قىزىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار.
ئەگەر کچیشی نەبوو، میراتەکەی دەدەنە براکانی، 9
قىزى بولمىسا، مىراسىنى قېرىنداشلىرىغا بېرىڭلار.
ئەگەر براشی نەبوو ئەوا میراتەکەی دەدەنە برایانی باوکی، 10
قېرىنداشلىرى بولمىسا، مىراسىنى ئاتا جەمەت تاغىلىرىغا بېرىڭلار.
ئەگەر باوکیشی برای نەبوو ئەوا میراتەکەی دەدەنە نزیکترین کەسی لە خێڵەکەی و ئەو دەبێتە میراتگری. ئەمە بۆ نەوەی ئیسرائیل بووە فەرزێکی یاسایی، هەروەک یەزدان فەرمانی بە موسا کرد.“» 11
ئەگەر ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مىراسىنى ئۇنىڭ جەمەتىدىكى ئەڭ يېقىن بىر تۇغقىنىغا بېرىڭلار؛ ئۇ ئادەم ئۇنىڭ مىراسىغا ئىگە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك، ئىسرائ‍ىللارغا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈم، قانۇن-بەلگىلىمە بولۇپ قالسۇن».
ئینجا یەزدان بە موسای فەرموو: «بڕۆ سەر ئەم چیایە لە زنجیرە چیای عەڤاریم و تەماشای ئەو خاکە بکە کە بە نەوەی ئیسرائیلم داوە. 12
پەرۋەردىگار مۇساغا: — سەن ماۋۇ ئابارىم تېغىغا چىقىپ، مەن ئىسرائ‍ىللارغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قاراپ باق.
کاتێک تەماشات کرد تۆش دەچیتە ڕیزی گەلەکەت، وەک هارونی برات چووە ڕیزەوە، 13
كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن سەنمۇ ئاكاڭ ھارۇنغا ئوخشاش ئۆز خەلقلىرىڭگە قوشۇلىسەن.
چونکە لە چۆڵەوانی چن کاتێک کۆمەڵەکە یاخی بوون، ئێوە هەردووکتان قسەتان شکاندم و منتان لەلای ئەوان پیرۆز نیشان نەدا.» (ئەو شوێنە ئاوی مەریبای قادێشە لە چۆڵەوانی چن بوو.) 14
چۈنكى زىن چۆلىدە، جامائەت جېدەل چىقارغان چاغدا، ئىككىڭلار مېنىڭ بۇيرۇقىمغا ئاسىيلىق قىلىپ، سۇنىڭ ئىشىدا ‹زىن چۆلىدە، قادەشتىكى «مەرىباھ سۇلىرى» دېگەن جايدا› مېنى جامائەتنىڭ ئالدىدا مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلىمىدىڭلار، — دېدى.
موسا بە یەزدانی گوت: 15
مۇسا پەرۋەردىگارغا سۆز قىلىپ:
«ئەی یەزدان، ئەی ئەو خودایەی ژیان بە ئادەمیزاد دەبەخشیت، پیاوێک لەسەر کۆمەڵەکە دابنێ 16
— ئى پەرۋەردىگار، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، ئۆز جامائىتىنىڭ پادىچىسىز پادىدەك بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جامائەتنى ئىدارە قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ چىقالايدىغان، ئۇلارنى باشلاپ ماڭالايدىغان بىر ئادەمنى تىكلەپ بېرىشىڭنى تىلەيمەن، — دېدى.
بەڕێوەیان ببات و لە شەڕدا ڕابەرایەتییان بکات، هەتا کۆمەڵی یەزدان وەک مەڕی بێ شوانیان لێ نەیێت.» 17
یەزدانیش بە موسای فەرموو: «یەشوعی کوڕی نون ببە، پیاوێکە ڕۆحی تێدایە و دەستی لەسەر دابنێ. 18
سەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانى تاللىغىن، — دېدى پەرۋەردىگار مۇساغا، — ئۇنىڭدا روھىم بار، سەن قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قوي،
لەبەردەم ئەلعازاری کاهین و هەموو کۆمەڵەکە ڕای بگرە و لەبەرچاویان ئەرکی پێ بسپێرە. 19
ئۇنى كاھىن ئەلىئازار ۋە بارلىق جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ ۋەزىپىگە قوي.
هەندێک لە دەسەڵاتی خۆتی بدەرێ هەتا هەموو کۆمەڵی ئیسرائیل گوێڕایەڵی بن. 20
سەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۇنىڭ گېپىگە كىرىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ ئىززەت-شۆھرىتىڭدىن بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا بەرگىن.
ئەو لەبەردەم ئەلعازاری کاهین ڕادەوەستێت، لەبەردەم یەزدان بەپێی حوکمی ئوریم بۆی دەپرسێت. بە قسەی ئەو دەردەچن و بە قسەی ئەو دێنە ژوورەوە، ئەو و هەموو کۆمەڵی ئیسرائیل لەگەڵی.» 21
ئۇ كاھىن ئەلىئازارنىڭ ئالدىدا تۇرسۇن، [ئەلىئازار] ئۇرىمنىڭ ھۆكۈمىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن يول سورىسۇن؛ ئىسرائىل خەلقى، يەنى پۈتكۈل جامائەت ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چىقىدۇ، ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كىرىشى كېرەك.
موسا هەروەک یەزدان فەرمانی پێ کرد، ئاوای کرد. یەشوعی برد و لەبەردەم ئەلعازاری کاهین و لەبەردەم هەموو کۆمەڵەکە ڕایگرت، 22
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆرۈپ، يەشۇئانى باشلاپ كېلىپ، كاھىن ئەلىئازارنىڭ ۋە بارلىق جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزدى؛
دەستی لەسەر دانا و ئەرکی پێ سپارد، هەروەک یەزدان لە ڕێگەی موساوە فەرمانی دا. 23
[ئەلىئازار] قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىدەك ۋەزىپىگە قويدى.

< سەرژمێری 27 >