عیسا پڕ ببوو لە ڕۆحی پیرۆز کە ڕووباری ئوردونی بەجێهێشت، ڕۆحەکە بەرەو چۆڵەوانی ڕێنمایی کرد. | 1 |
ئاندىن ئەيسا مۇقەددەس روھقا تولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كېلىپ، روھ تەرىپىدىن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى. |
چل ڕۆژ ئیبلیس تاقی دەکردەوە. بە درێژایی ئەو ڕۆژانە هیچی نەخوارد، کاتێک ماوەکە تەواو بوو برسی بوو. | 2 |
ئۇ ئۇ يەردە قىرىق كۈن ئىبلىس تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ كۈنلەردە ھېچنەرسە يېمىدى. كۈنلەر ئاياغلاشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى. |
ئیبلیس پێی گوت: «ئەگەر تۆ کوڕی خودایت، بەم بەردە بڵێ با ببێتە نان.» | 3 |
ئەمدى ئىبلىس ئۇنىڭغا: ــ سەن ئەگەر خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشقا: «نانغا ئايلان!» دەپ بۇيرۇغىن ــ دېدى. |
عیسا وەڵامی دایەوە: «نووسراوە: [مرۆڤ تەنها بە نان ناژیێت.]» | 4 |
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ [تەۋراتتا]: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. |
ئینجا ئیبلیس عیسای بردە شوێنێکی بەرز و لە چاوتروکانێکدا هەموو شانشینەکانی جیهانی پیشان دا و | 5 |
ئىبلىس يەنە ئۇنى ئېگىز بىر تاغقا باشلاپ چىقىپ، بىر دەقىقە ئىچىدە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. |
پێی گوت: «هەموو ئەم دەسەڵات و شکۆیەی ئەوان دەدەمە تۆ، چونکە دراوەتە من و منیش دەیدەم بە هەرکەسێک کە بمەوێت. | 6 |
ئىبلىس ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق شانۇشەۋكەتلەرنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن؛ چۈنكى بۇلار ماڭا تاپشۇرۇلغان، مەن ئۇنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن. |
لەبەر ئەوە ئەگەر لەبەردەمم کڕنۆش ببەیت، هەمووی بۆ تۆ دەبێت.» | 7 |
ئەگەر باش قويۇپ ماڭا سەجدە قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭكى بولىدۇ، ــ دېدى. |
عیساش وەڵامی دایەوە: «نووسراوە: [کڕنۆش بۆ یەزدانی پەروەردگارت دەبەیت و تەنها ئەو دەپەرستیت.]» | 8 |
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ [تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا قۇللۇقىدا بول!» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. |
ئینجا ئیبلیس بۆ ئۆرشەلیمی برد و لەسەر گوێسەبانەی پەرستگا ڕایگرت و پێی گوت: «ئەگەر تۆ کوڕی خودایت لێرەوە خۆت هەڵبدە خوارەوە. | 9 |
ئاندىن ئىبلىس ئۇنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ: ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن! |
لەبەر ئەوەی نووسراوە: «[سەبارەت بە تۆ فەرمان بە فریشتەکانی دەدات، کە بە تەواوی بتپارێزن، | 10 |
چۈنكى [تەۋراتتا]: «[خۇدا] ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنى قوغداش ھەققىدە ئەمر قىلىدۇ»؛ |
لەسەر دەستیان هەڵتدەگرن تاکو پێت بەر بەردێک نەکەوێت.]» | 11 |
ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. |
عیساش وەڵامی دایەوە: «گوتراوە: [یەزدانی پەروەردگارتان تاقی مەکەنەوە.]» | 12 |
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «[تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ يېزىلغان، ــ دېدى. |
کاتێک ئیبلیس هەموو تاقیکردنەوەیەکی تەواو کرد، بەجێی هێشت هەتا دەرفەتێکی دیکە. | 13 |
ئىبلىس بارلىق سىناشلارنى ئىشلىتىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىپ قالدى. |
عیسا بە هێزی ڕۆحی پیرۆزەوە گەڕایەوە جەلیل، ناوبانگی لە هەموو دێیەکانی دەوروپشت بڵاو بووەوە. | 14 |
ئەيسا روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىچىدە گالىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى. |
لە کەنیشتەکانیان فێری دەکردن و هەموو ستایشیان دەکرد. | 15 |
ئۇ ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرگىلى تۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلاشلىرىغا سازاۋەر بولدى. |
هاتە ناسیرە کە لێی گەورە بووە، وەک نەریتی خۆی ڕۆژی شەممە چووە کەنیشت و بۆ خوێندنەوە هەستا. | 16 |
ئۇ ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىنغان يۇرتى ناسارەتكە كېلىپ، شابات كۈنى ئادەتتىكىدەك سىناگوگقا كىردى ۋە شۇنداقلا [مۇقەددەس يازمىلارنى] ئوقۇشقا ئۆرە تۇردى |
پەڕتووکی ئیشایا پێغەمبەریان دایێ و کردیەوە، ئەو شوێنەی دۆزییەوە کە تێیدا نووسراوە: | 17 |
ۋە تەۋراتتىكى «يەشايا» دېگەن قىسىم ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، مۇنۇ سۆزلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى: |
«[ڕۆحی یەزدان بەهێزم دەکات، چونکە دەستنیشانی کردووم بۆ مژدەدان بە هەژاران، منی ناردووە بۆ جاڕدانی ئازادی بەدیلگیراوان، هەروەها گەڕانەوەی بینایی بۆ کوێران، بۆ ئازادکردنی ستەملێکراوان و | 18 |
ــ «پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى ئۇ مېنى يوقسۇللارغا خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھ قىلدى. تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، ۋە كورلارغا كۆرۈش شىپاسىنى جاكارلاشقا، ئېزىلگەنلەرنى خالاس قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى جاكارلاشقا مېنى ئەۋەتتى». |
ڕاگەیاندنی ساڵی ڕەزامەندیی یەزدان.]» | 19 |
ئینجا نووسراوە پیرۆزەکەی پێچایەوە، دایەوە خزمەتکارەکە و دانیشت. هەموو ئەوانەی لە کەنیشت بوون چاویان تێبڕی بوو. | 20 |
ئۇ يازمىنى تۈرۈۋېتىپ، سىناگوگ خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئولتۇردى. سىناگوگتا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى. |
دەستی کرد بە قسەکردن و فەرمووی: «ئەمڕۆ ئەم نووسراوە پیرۆزەی گوێتان لێبوو هاتە دی.» | 21 |
ئۇ كۆپچىلىككە: ــ مانا بۇ ئايەت بۈگۈن قۇلىقىڭلارغا ئاڭلانغىنىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا، ــ دېدى. |
هەموو شایەتییان بۆ دەدا، سەرسام بوون لەو پەیامە پڕ لە نیعمەتەی لە دەمی دەهاتە دەرەوە، دەیانگوت: «ئەمە کوڕەکەی یوسف نییە؟» | 22 |
ھەممىسى ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان شاپائەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشىپ: ــ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى. |
عیسا پێی فەرموون: «بێگومان ئەم پەندەم پێ دەڵێن: ئەی پزیشک چارەسەری خۆت بکە! ئەوەی بیستمان و لە شاری کەفەرناحوم کردت، لێرەش لە شارەکەتدا بیکە.» | 23 |
ئۇ ئۇلارغا: ــ شۈبھىسىزكى، سىلەر ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى كەلتۈرۈپ، «خەۋەر تاپقىنىمىزدەك، كەپەرناھۇم شەھىرىدە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەن بولسا، مۇشۇ يەردىمۇ، ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ شۇلارنى كۆرسەتمەمسەن؟» دەۋاتىسىلەر، ــ دېدى. |
هەروەها فەرمووی: «ڕاستیتان پێ دەڵێم، هیچ پێغەمبەرێک لە شارەکەی خۆی پەسەند ناکرێت. | 24 |
ــ بىراق شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەمەس. |
لە ڕاستیدا پێتان دەڵێم، لە سەردەمی ئەلیاس زۆر بێوەژن لە ئیسرائیلدا هەبوون، کاتێک سێ ساڵ و شەش مانگ باران نەباری، لە هەموو خاکەکەدا بووە قاتوقڕییەکی گەورە، | 25 |
مەن سىلەرگە شۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىمەنكى، ئىلياس [پەيغەمبەر]نىڭ ۋاقتىدا، ئاسمان ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ئېتىلىپ، دەھشەتلىك بىر قەھەتچىلىك بارلىق زېمىننى باسقاندا، ئىسرائىلدا نۇرغۇن تۇل ئاياللار بار ئىدى؛ |
بەڵام ئەلیاس بۆ هیچ یەکێکیان نەنێردرا، بەڵکو بۆ بێوەژنێک لە شاری سەرەفەندی ناوچەی سەیدا. | 26 |
بىراق ئىلياس ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قېشىغا ئەمەس، بەلكى زىدوننىڭ زارەفات شەھىرىدىكى بىر تۇل ئايالنىڭ قېشىغىلا ئەۋەتىلگەن. |
لە ئیسرائیلدا لە سەردەمی ئەلیشەع پێغەمبەر زۆر کەس تووشی نەخۆشی گولی هاتبوون، بەڵام ئەلیشەع هیچیانی چاک نەکردەوە، نەعمانی سوری نەبێت.» | 27 |
ۋە [شۇنىڭغا ئوخشاش]، ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا، ئىسرائىلدا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن سۇرىيەلىك نائاماندىن باشقا، ھېچقايسىسى ساقايتىلغان ئەمەس! ــ دېدى. |
هەموو ئەوانەی لە کەنیشتەکە بوون، کاتێک ئەمەیان بیست لێی تووڕە بوون. | 28 |
سىناگوگدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەممىسى قاتتىق غەزەپلەندى؛ |
دەریانکردە دەرەوەی شار، بردیانە سەر لێواری ئەو چیایەی شارەکەیانی لەسەر بنیاد نرابوو، تاکو فڕێیبدەنە خوارەوە. | 29 |
ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىپ، شۇ شەھەر جايلاشقان تاغنىڭ لېۋىگە ئەچىقىپ، تىك ياردىن تاشلىۋەتمەكچى بولۇشتى. |
بەڵام ئەو بە ناویاندا تێپەڕی و ڕۆیشت. | 30 |
لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىمالال ئۆتۈپ، ئۆز يولىغا چىقىپ كەتتى. |
پاشان عیسا بەرەو کەفەرناحوم دابەزی، کە شارێکی ناوچەی جەلیلە و لە ڕۆژی شەممەدا خەڵکەکەی فێردەکرد. | 31 |
ئۇ گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم دېگەن بىر شەھىرىگە چۈشتى، ئۇ يەردە شابات كۈنلىرىدە خەلققە تەلىم بېرەتتى. |
لە فێرکردنەکەی سەرسام بوون، چونکە وتەکانی بە دەسەڵاتەوە بوو. | 32 |
ئۇلار ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران قېلىشتى، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى. |
لە کەنیشتەکەدا پیاوێک هەبوو ڕۆحی پیسی تێدابوو. بە دەنگێکی بەرز هاواری کرد: | 33 |
ئەمدى سىناگوگتا ناپاك جىننىڭ روھى چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، [ئۇنىڭدىكى جىن] قاتتىق ئاۋازدا: |
«ئای! عیسای ناسیرەیی چیت لێمان دەوێت؟ هاتووی لەناومان ببەیت؟ دەزانم تۆ کێیت، پیرۆزەکەی خودایت.» | 34 |
ــ ئەي ناسارەتلىك ئەيسا، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ؟! بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى. |
عیسا لێی ڕاخوڕی و فەرمووی: «بێدەنگ بە! لێی وەرە دەرەوە!» ڕۆحە پیسەکە لەناوەندیان پیاوەکەی بە زەویدا دا و لێی دەرچوو، هیچ زیانیشی پێ نەگەیاند. | 35 |
لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ: ــ ئاغزىڭنى يۇم! ئۇنىڭدىن چىق! ــ دېۋىدى، جىن ھېلىقى ئادەمنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدى. |
خەڵکەکەش هەموو سەرسام بوون و بە یەکتریان دەگوت: «ئەمە چ وتەیەکە؟ بە دەسەڵات و هێزەوە فەرمان بە ڕۆحە پیسەکان دەدات و دەردەچن.» | 36 |
ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئىش! ئۇ دەرۋەقە ھوقۇق ۋە قۇدرەت بىلەن ناپاك روھلارغا ئەمر قىلسىلا، ئۇلار چىقىپ كېتىدىكەن، ــ دېيىشتى. |
ئیتر هەواڵی لە هەموو ناوچەکانی دەوروبەر بڵاو بووەوە. | 37 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى. |
عیسا لە کەنیشت هەستا و چووە ماڵی شیمۆن. خەسووی شیمۆن تایەکی توندی هەبوو، بۆیە داوایان لە عیسا کرد کە یارمەتی بدات. | 38 |
ئەيسا سىناگوگتىن چىقىپ، سىموننىڭ ئۆيىگە كىردى. لېكىن سىموننىڭ قېينئانىسى ئېغىر تەپ كېسىلى بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇلار ئەيسادىن ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىنى ئۆتۈندى. |
ئەویش هاتە سەری، فەرمانی بە تایەکە کرد و بەریدا. دەستبەجێ هەستا و دەستی کرد بە خزمەتکردنیان. | 39 |
ئۇ ئايالنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، تەپكە تەنبىھ بېرىۋىدى، تەپ شۇئان ئۇنىڭدىن كەتتى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى. |
کاتی ڕۆژئاوابوون، هەموو نەخۆشەکانیان هێنایە لای عیسا، بە نەخۆشی جۆراوجۆرەوە، ئەویش دەستی لەسەر هەریەکەیان دانا و چاکیکردنەوە. | 40 |
كۈن پېتىشى بىلەنلا، كىشىلەر ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان يېقىنلىرى بولسىلا، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ ئۇلارغا بىر-بىرلەپ قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتتى. |
ڕۆحی پیسی لە زۆریان دەرکرد، ڕۆحەکان هاواریان دەکرد: «تۆ کوڕی خودای!» ئەویش لێی ڕادەخوڕین و نەیدەهێشت بدوێن، چونکە دەیانزانی مەسیحەکەیە. | 41 |
كىشىلەرگە چاپلاشقان نۇرغۇن جىنلار ئۇلاردىن چىقىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەپ توۋلاپ كېتەتتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا تەنبىھ بېرىپ، سۆز قىلىشىغا يول قويمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. |
کاتێک ڕۆژ هەڵات، هەستا و چووە جێگایەکی چۆڵ، خەڵکەکەش بەدوایدا دەگەڕان و هاتنە لای، ڕایانگرت تاکو لەلایان نەڕوات. | 42 |
كۈن چىقىشى بىلەن، ئۇ شەھەردىن چىقىپ، پىنھان بىر جايغا كەتتى. بىراق توپ-توپ خالايىق ئۇنى ئىزدەپ يۈرەتتى؛ ئۇلار ئۇنى تاپقاندا ئالدىغا كېلىپ، ئۇنى ئارىمىزدا قالسۇن دەپ كېتىشىدىن توسماقچى بولۇشتى. |
بەڵام پێی فەرموون: «لەسەرمە مزگێنی پاشایەتی خودا بدەمە شارەکانی دیکەش، چونکە بۆ ئەمە نێردراوم.» | 43 |
لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى باشقا شەھەر-يېزىلارغىمۇ يەتكۈزۈشۈم كېرەك؛ چۈنكى مەن دەل بۇ ئىشقا ئەۋەتىلگەنمەن، ــ دېدى. |
ئیتر بەردەوام لە کەنیشتەکانی یەهودیا پەیامی خودای ڕادەگەیاند. | 44 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەدىكى سىناگوگلاردا تەلىم بېرىپ يۈرىۋەردى. |