یەفتاحی گلعادی جەنگاوەرێکی بەهێز بوو، کوڕی لەشفرۆشێک بوو، گلعادیش باوکی بوو. | 1 |
شۇ چاغدا گىلېئادلىق يەفتاھ دېگەن كىشى باتۇر پالۋان ئىدى. ئۇ بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئوغلى بولۇپ، گىلېئادتىن تۆرەلگەنىدى. |
ژنەکەی گلعاد چەند کوڕێکی بوو، کاتێک کوڕەکان گەورە بوون یەفتاحیان دەرکرد و پێیان گوت: «نابیت بە میراتگر لە ماڵی باوکمان، چونکە تۆ کوڕی ژنێکی دیکەیت.» | 2 |
لېكىن گىلېئادنىڭ ئۆز ئايالى ئۇنىڭغا بىرنەچچە ئوغۇل بالا تۇغۇپ بەرگەنىدى؛ بۇ ئايالدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى چوڭ بولغاندا يەفتاھنى ئۆيدىن قوغلاپ: ــ سەن باشقا خوتۇندىن بولغان ئوغۇل بولغاچقا، ئاتىمىزنىڭ ئۆيىدىن مىراسقا ئىگە بولمايسەن، ــ دېدى. |
بۆیە یەفتاح لە دەست براکانی هەڵات و لە خاکی تۆڤ نیشتەجێ بوو، چەند پیاوێکی یاخی و چاونەترس لە دەوری کۆبوونەوە و دوای کەوتن. | 3 |
شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ قېرىنداشلىرىدىن قېچىپ، توب دېگەن زېمىندا تۇرۇپ قالدى. شۇ يەردە بىرمۇنچە بىكار تەلەپلەر يەفتاھنىڭ ئەتراپىغا بىر-بىرلەپ يىغىلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن كىرىپ-چىقىپ يۈرەتتى. |
ئینجا پاش ماوەیەک عەمۆنییەکان لە دژی ئیسرائیل جەنگان. | 4 |
ئەمما بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندە ئاممونىيلار ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقا چىقتى. |
کاتێک عەمۆنییەکان لە دژی ئیسرائیل جەنگان، پیرانی گلعاد چوون بۆ ئەوەی یەفتاح لە خاکی تۆڤەوە بهێنن. | 5 |
ئاممونىيلار ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلغاندا گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھنى توب زېمىنىدىن ئېلىپ كەلمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردى. |
بە یەفتاحیان گوت: «وەرە ببە بە سەرکردەمان هەتا لە دژی عەمۆنییەکان بجەنگین.» | 6 |
ئۇلار بېرىپ يەفتاھقا ئىلتىجا قىلىپ: ــ بىزنىڭ ئاممونىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىمىز ئۈچۈن سەن كېلىپ بىزگە سەردار بولۇپ بەرگىن، ــ دېدى. |
یەفتاحیش بە پیرانی گلعادی گوت: «ئایا ئێوە نەبوون کە ڕقتان لێم بووەوە و لە ماڵی باوکم دەرتانکردم؟ بۆچی ئێستا هاتوون بۆ لام کە لە تەنگانە دان؟» | 7 |
يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرىغا جاۋابەن: ــ سىلەر مېنى ئۆچ كۆرۈپ ئاتامنىڭ جەمەتىدىن ھەيدىۋەتكەنىدىڭلارغۇ، ئەمدى بېشىڭلارغا بالايىئاپەت چۈشكەندە قانداقسىگە مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ قالدىڭلار، ــ دېدى. |
پیرانی گلعادیش بە یەفتاحیان گوت: «بۆیە ئێستا گەڕاوینەتەوە بۆ لات هەتا لەگەڵمان بێیت و لە دژی عەمۆنییەکان بجەنگین و ببیت بە سەرکردەمان بەسەر هەموو دانیشتووانی گلعاد.» | 8 |
گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھقا: ــ دۇرۇس، لېكىن سېنى بىز بىلەن بىللە بېرىپ ئاممونىيلارغا قارشى جەڭ قىلىپ، گىلېئادتا ھەممە ئولتۇرۇۋاتقانلارغا باش بولسۇن دەپ، قېشىڭغا كەلدۇق، ــ دېدى. |
یەفتاحیش بە پیرانی گلعادی گوت: «ئەگەر منتان گەڕاندەوە بۆ جەنگ لە دژی عەمۆنییەکان و یەزدان ئەوانی بەدەستمەوە دا، ئەوا بەڕاستی من دەبمە سەرکردەتان؟» | 9 |
يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرىدىن: ــ ئەگەر سىلەر مېنى ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا ياندۇرۇپ بارغىنىڭلاردا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرسا، مەن سىلەرگە باش بولامدىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. |
پیرانی گلعادیش بە یەفتاحیان گوت: «با یەزدان لەنێوانمان شایەت بێت، بە دڵنیاییەوە ئاوا دەکەین بەپێی ئەوەی گوتت.» | 10 |
گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى يەفتاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقىنىڭدەك قىلمىساق، پەرۋەردىگار ئۆزى ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇپ ھۆكۈم چىقارسۇن! ــ دېدى. |
ئینجا یەفتاح لەگەڵ پیرانی گلعاددا ڕۆیشت و گەل کردیان بەسەرکردە و فەرماندەی خۆیان و یەفتاحیش هەموو قسەکانی خۆی لە میچپا لەبەردەم یەزدان دووبارە کردەوە. | 11 |
بۇنى ئاڭلاپ يەفتاھ گىلېئادنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن باردى؛ خەلق ئۇنى ئۆزلىرىگە ھەم باش ھەم سەردار قىلىپ تىكلىدى. يەفتاھ مىزپاھغا بارغاندا ھەممە سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بايان قىلدى. |
ئینجا یەفتاح چەند نێردراوێکی بۆ لای پاشای عەمۆنییەکان ڕەوانە کرد و گوتی: «چیم لەگەڵ تۆ هەیە، تۆ هاتوویتە سەرم هەتا لە خاکەکەم لە دژم بجەنگیت؟» | 12 |
ئاندىن يەفتاھ ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن: ــ مېنىڭ زېمىنىمغا بېسىپ كىرىپ، مەن بىلەن سوقۇشۇشقا مەندە نېمە ھەققىڭ بار ئىدى؟ ــ دەپ سورىدى. |
پاشای عەمۆنییەکانیش بە نێردراوەکانی یەفتاحی گوت: «لەبەر ئەوەی ئیسرائیل لە کاتی هاتتنیدا لە میسر خاکەکەی بردووم، لە ئەرنۆنەوە هەتا یەبۆق و هەتا ڕووباری ئوردون، ئێستاش بە ئاشتی بیگەڕێنەوە.» | 13 |
ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى يەفتاھنىڭ ئەلچىلىرىگە جاۋاب بېرىپ: ــ چۈنكى ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ كەلگەندە ئۇلار ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ [شىمالدىكى] ياببوك ئېقىنىغىچە ۋە [غەربتە] ئىئوردان دەرياسىغىچە مېنىڭ زېمىنىمنى بۇلاپ ئىگىلىۋالغانىدى. ئەمدى سەن بۇ يەرلەرنى تىنچلىق بىلەن ماڭا ياندۇرۇپ بەر! ــ دېدى. |
ئینجا یەفتاح دووبارە چەند نێردراوێکی بۆ لای پاشای عەمۆنییەکان ڕەوانە کردەوە و | 14 |
يەفتاھ ئەلچىلەرنى ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا يەنە ئەۋەتىپ |
پێی گوت: «یەفتاح ئاوا دەڵێت: ئیسرائیل خاکی مۆئاب و خاکی عەمۆنییەکانی نەبردووە، | 15 |
ئۇنىڭغا: ــ يەفتاھ سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل نە موئابنىڭ زېمىنىنى نە ئامموننىڭ زېمىنىنى ئىگىلىمىدى، |
چونکە لە کاتی هاتنی ئیسرائیل لە میسرەوە بەناو چۆڵەوانیدا هەتا دەریای سوور ڕۆیشت و هات بۆ قادێش. | 16 |
بەلكى ئۇلار مىسىردىن چىقىپ كەلگەندە چۆل-باياۋاندا مېڭىپ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئاندىن قادەش دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەنىدى؛ |
ئیتر ئیسرائیل چەند نێردراوێکی نارد بۆ لای پاشای ئەدۆم و گوتی:”لێمانگەڕێ با بەناو خاکەکەتدا تێپەڕ بین،“بەڵام پاشای ئەدۆم گوێی نەگرت. هەروەها نێردراویان بۆ لای پاشای مۆئاب نارد، بەڵام ڕازی نەبوو. ئینجا نەوەی ئیسرائیل لە قادێش مانەوە. | 17 |
شۇ چاغدا ئىسرائىللىقلار ئېدوم پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «زېمىنلىرىدىن كېسىپ ئۆتۈۋېلىشقا ئىجازەت بەرگەيلا» دەپ سورىۋىدى، ئېدوم پادىشاھى ئۇنىمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار موئاب پادىشاھىنىڭ قېشىغا [ئىلتىجا بىلەن] ئەلچىلەرنى ئەۋەتسە، ئۇمۇ قوشۇلمىغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار قادەشتە تۇرۇپ قالغان؛ |
«ئینجا بەناو چۆڵەوانیدا ڕۆیشتن و بەدەوری خاکی ئەدۆم و خاکی مۆئابدا سووڕانەوە، لەلای ڕۆژهەڵاتەوە هاتن بۆ خاکی مۆئاب و لە کەناری ئەرنۆن چادریان هەڵدا، نەهاتنە ناو خاکی مۆئاب، چونکە ڕووباری ئەرنۆن سنووری مۆئاب بوو. | 18 |
ئاندىن ئۇلار چۆل-باياۋان بىلەن مېڭىپ ئېدوم زېمىنى بىلەن موئاب زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، موئاب زېمىنىنىڭ شەرق تەرىپىدىن كېلىپ، ئاخىرىدا ئارنون دەرياسىنىڭ شۇ قېتىدا چېدىر تىكتى. ئۇلار موئابنىڭ چېگرىسى ئىچىگە كىرمىدى؛ چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابنىڭ چېگراسىدۇر. |
«پاشان ئیسرائیل چەند نێردراوێکی بۆ لای سیحۆنی پاشای ئەمۆرییەکان و پاشای حەشبۆن نارد و پێی گوتن:”لێمانگەڕێن با بەناو خاکەکەتاندا تێپەڕین بۆ شوێنەکەمان.“ | 19 |
ئاندىن ئىسرائىل ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھونغا، يەنى ھەشبوننىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: «بىزنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ ئۆز جايىمىزغا بېرىۋېلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيلا» ــ دېدى. |
بەڵام سیحۆن متمانەی بە ئیسرائیل نەبوو بەناو سنوورەکەیدا تێبپەڕێت، بەڵکو سیحۆن هەموو هێزەکانی کۆکردەوە و لە یەهەچ چادریان هەڵدا و لە دژی ئیسرائیل جەنگان. | 20 |
لېكىن سىھون ئىسرائىلغا ئىشەنچ قىلالماي، يۇرتىدىن ئۆتكىلى قويمىدى؛ ئۇ بەلكى خەلقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، جاھزاھ دېگەن جايغا چۈشۈپ چېدىرگاھ تىكىپ، ئىسرائىل بىلەن ئۇرۇشتى. |
«ئینجا یەزدانی پەروەردگاری ئیسرائیل سیحۆن و هەموو سوپاکەی دا بەدەست نەوەی ئیسرائیلەوە و ئەوانیان بەزاند. ئیتر ئیسرائیل بوو بە خاوەنی هەموو زەوی ئەمۆرییەکان و دانیشتووانی ئەو خاکە، | 21 |
ئەمما ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىھوننى بارلىق خەلقى بىلەن قوشۇپ ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى، ئىسرائىللار ئۇلارنى ئۇرۇپ قىردى. ئاندىن ئىسرائىل شۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ ھەممە زېمىنىنى ئىگىلىدى. |
دەستیان بەسەر هەموو سنووری ئەمۆرییەکاندا گرت، لە ئەرنۆنەوە هەتا یەبۆق و لە چۆڵەوانییەوە هەتا ڕووباری ئوردون. | 22 |
ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ ياببوك ئېقىنىغىچە، چۆل-باياۋاندىن تارتىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە ئامورىيلارنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىگىلىدى. |
«ئێستاش کە یەزدانی پەروەردگاری ئیسرائیل ئەمۆرییەکانی لەبەردەم ئیسرائیلی گەلی خۆی دەرکردووە، ئایا بە چ مافێک تۆ خاوەنداریێتی دەکەیت؟ | 23 |
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئامورىيلارنى ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقاردى، ئەمدى سەن شۇ يۇرتقا ئىگە بولماقچىمۇسەن؟ |
ئایا نابیتە خاوەنی ئەوەی کە کەمۆشی خوداوەندت پێت دەدات؟ ئێمەش خاوەنی هەموو ئەوانەین کە یەزدانی پەروەردگارمان لەبەردەمماندا وەدەرینان. | 24 |
سېنىڭ ئىلاھىڭ قېموش ساڭا ئىگىلەتكەن يەرگە ئۆزۈڭ ئىگە بولدۇڭغۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن خەلقنىڭ يېرىگە بولسا، بىزمۇ شۇنىڭغا ئىگە بولىمىز. |
ئێستاش ئایا تۆ بەڕاستی لە بالاقی کوڕی چیپوری پاشای مۆئاب چاکتریت؟ ئایا ئەو بەربەرەکانێی ئیسرائیلی کرد، یاخود لە دژیان جەنگا؟ | 25 |
ئەمدى سەن دەرۋەقە موئابنىڭ پادىشاھى بولغان زىپپورنىڭ ئوغلى بالاقتىنمۇ كۈچلۈكمۇ؟ ئۇ قاچان ئىسرائىل بىلەن تىركەشكەن ياكى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلغان؟ |
ئەو کاتەی ئیسرائیل لە حەشبۆن و گوندەکانی و عەرۆعێر و گوندەکانی و هەموو شارۆچکەکانی کەناری ئەرنۆن سێ سەد ساڵ نیشتەجێ بوو، بۆچی لەو کاتەدا بەدەستت نەهێنایەوە؟ | 26 |
يەنە كېلىپ، ئىسرائىل ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلاردا، ئاروئەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلاردا ھەمدە ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدىكى بارلىق شەھەرلەردە ئۈچ يۈز يىل ماكان تۇتۇپ ئولتۇرغان ۋاقىتلاردا، نېمىشقا سىلەر شۇ يەرلەرنى قايتۇرۇۋالمىدىڭلار؟ |
من هیچ گوناهم دەرهەق بە تۆ نەکردووە، بەڵام تۆ خراپەم لەگەڵ دەکەیت بە شەڕکردن لەگەڵ من. با ئەمڕۆ یەزدانی دادوەر حوکم لەنێوان ئیسرائیل و عەمۆنییەکاندا بدات.» | 27 |
شۇڭا مەن ساڭا گۇناھ قىلمىدىم، بەلكى ماڭا تاجاۋۇز قىلىپ، يامانلىق قىلغۇچى سەن ئۆزۈڭدۇرسەن. بىردىنبىر ئادالەت چىقارغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزى بۈگۈن ئىسرائىللار بىلەن ئاممونىيلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارسۇن!» ــ دېدى. |
بەڵام پاشای عەمۆنییەکان گوێی لە قسەکانی یەفتاح نەگرت کە بۆی نارد. | 28 |
لېكىن ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى يەفتاھنىڭ ئەلچى ئەۋەتىپ ئېيتقان سۆزلىرىنى تىڭشىمىدى. |
جا ڕۆحی یەزدان هاتە سەر یەفتاح. لە گلعاد و مەنەشە پەڕییەوە و میچپای گلعادیشی تێپەڕاند، لەوێشەوە بۆ هێرشکردنە سەر عەمۆنییەکان پێشڕەویی کرد. | 29 |
شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى يەفتاھنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ [قۇۋۋەتلىنىپ] گىلېئاد بىلەن ماناسسەھلەرنىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈپ گىلېئادتىكى مىزپاھقا بېرىپ، ئاندىن گىلېئادتىكى مىزپاھدىن ئاممونىيلار تەرەپكە ماڭدى. |
ئینجا یەفتاح نەزری بۆ یەزدان کرد و گوتی: «ئەگەر عەمۆنییەکانت دا بەدەستمەوە، | 30 |
شۇ چاغدا يەفتاھ پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىپ: ــ ئەگەر سەن دەرۋەقە ئاممونىيلارنى قولۇمغا تۇتۇپ بەرسەڭ، |
ئەوا لە کاتی گەڕانەوەمدا بە سەرکەوتوویی لەلای عەمۆنییەکانەوە، ئەوەی بۆ پێشوازیلێکردنم لە دەرگای ماڵەکەمەوە بێتە دەرەوە، ئەوە بۆ یەزدان دەبێت و وەک قوربانی سووتاندن پێشکەشی دەکەم.» | 31 |
ئۇنداقتا مەن ئاممونىيلارنىڭ قېشىدىن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلگىنىمدە، ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ ماڭا تۇنجى يولۇققىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولىدۇ، مەن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىمەن، ــ دېدى. |
ئینجا یەفتاح پەڕییەوە بۆ عەمۆنییەکان بۆ جەنگ لە دژیان و یەزدان ئەوانی دایە دەستی. | 32 |
شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ چىقىپ ئاممونىيلار بىلەن سوقۇشقىلى ئۇلار تەرەپكە ئۆتتى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى. |
لەنێوان عەرۆعێرەوە و مینیت هەتا ئابێل کەرامیم بیست شارۆچکەی وێران کرد و بەم شێوەیە عەمۆنییەکان کەوتنە ژێردەستی نەوەی ئیسرائیل. | 33 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاروئەردىن تارتىپ مىننىتقىچە ئۇلارنى قاتتىق ئۇرۇپ قىرىپ، يىگىرمە شەھەرنى ئېلىپ، ئابەل-قېرامىمغىچىمۇ يېتىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن ئاممونىيلار ئىسرائىلغا بويسۇندۇرۇلدى. |
پاشان یەفتاح گەڕایەوە بۆ میچپا بۆ ماڵەکەی و تەماشای کرد وا کچەکەی بە دەفلێدان و سەماکردنەوە هاتووەتە دەرەوە بۆ پێشوازیلێکردنی. ئەو کچەش تاقانە بوو، جگە لەو کوڕ و کچی دیکەی نەبوو. | 34 |
ئاندىن يەفتاھ مىزپاھقا قايتىپ ئۆيىگە كەلگەندە ئۆز قىزى داپ چېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ ئۇنىڭ ئالدىغا كۆرۈشكىلى چىقتى. بۇ ئۇنىڭ يالغۇز قىزى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئوغۇل-قىزى يوق ئىدى. |
لەو کاتەدا کە چاوی پێکەوت جلەکانی دادڕی و گوتی: «ئای کچەکەم ئەژنۆت شکاندم و ژیانت لێ تاڵ کردم، چونکە سوێندم بۆ یەزدان خواردووە و ناتوانم لێی پاشگەز ببمەوە.» | 35 |
ئۇ ئۇنى كۆرگەندە ئۆز ئىگىنلىرىنى يىرتىپ: ــ ئاھ، ئاھ، مېنىڭ قىزىم! سەن مېنى ئىنتايىن يامان ھالغا چۈشۈردۇڭ، مېنى دەردكە چۈشۈرگۈچىلەردىن بىرى بولۇپ قالدىڭ؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگارغا ئاغزىمنى ئېچىپ، ئېيتقان گېپىمدىن يېنىۋالالمايمەن، ــ دېدى. |
ئەویش پێی گوت: «ئەی باوکە تۆ نەزرت بۆ یەزدان کردووە. بەوەم لەگەڵ بکە کە لە دەمت هاتووەتە دەرەوە، چونکە یەزدان تۆڵەی بۆ سەندییەوە لە دوژمنەکانت، لە عەمۆنییەکان.» | 36 |
قىزى ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئاتا، پەرۋەردىگارغا ئاغزىڭنى ئېچىپ ۋەدە قىلغان بولساڭ، ئاغزىڭدىن چىققىنى بويىچە، ماڭا شۇنى قىلغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ بولغان ئاممونىيلاردىن ئىنتىقامىڭنى ئېلىپ بەردى، ــ دېدى. |
پاشان بە باوکی گوت: «با ئەو کارەم لەگەڵدا بکرێت، دوو مانگ لێم بگەڕێ هەتا بڕۆم و لەسەر چیاکان بگەڕێم و لەگەڵ هاوڕێیەکانم شیوەن بگێڕم، چونکە هەرگیز شوو ناکەم.» | 37 |
ئاندىن ئۇ ئاتىسىغا يەنە: ــ مېنىڭ شۇ ئىلتىماسىمنى قوبۇل كۆرگىنكى، ماڭا ئىككى ئايلىق مۆھلەت بەرسەڭ؛ مەن قىز دوستلىرىم بىلەن بېرىپ تاغلاردا يۈرۈپ، قىزلىقىم ئۈچۈن ماتەم تۇتۇۋالاي، ــ دېدى. |
ئەویش گوتی: «بڕۆ.» دوو مانگ ناردی، ڕۆیشت و لەگەڵ دەستە خوشکەکانی لەسەر چیاکان شیوەنی گێڕا، چونکە هەرگیز شوو ناکات. | 38 |
ئاتىسى جاۋاب بېرىپ: ــ بارغىن، دېدى. ئۇنىڭغا ئىككى ئايلىق مۆھلەت بېرىپ دالاغا ئەۋەتتى. ئۇ بېرىپ، قىز دوستلىرىنى ئېلىپ تاغلارغا چىقىپ، ئىككى ئايغىچە ئۆزىنىڭ قىز پېتى قالغىنىغا ئاھ-زار كۆتۈرۈپ يىغلاپ يۈردى. |
لە کۆتایی دوو مانگەکەدا گەڕایەوە بۆ لای باوکی، ئیتر ئەو نەزرەی کردبووی ئەنجامی دا، کچەکەش پاکیزە بوو. ئیتر ئەمە لەناو ئیسرائیلدا بوو بە نەریت | 39 |
شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئىككى ئايدىن كېيىن ئاتىسىنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلگەندە، ئاتىسى ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلغان قەسىمىنى بەجا كەلتۈردى. بۇ قىز بولسا ھېچ ئەر كىشىگە يېقىنلاشمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلدا شۇنداق بىر ئۆرپ-ئادەت پەيدا بولدىكى، |
کە کچەکانی ئیسرائیل ساڵانە چوار ڕۆژ دەچن بۆ ئەوەی شیوەن بۆ کچەکەی یەفتاحی گلعادی بگێڕن. | 40 |
ھەر يىلى ئىسرائىلنىڭ قىزلىرى ئۆيدىن چىقىپ يەفتاھنىڭ قىزىنى تۆت كۈن ئەسلەپ خاتىرىلەيدىغان بولدى. |