«ئێستا بانگ بکە، بزانە کێ وەڵامت دەداتەوە؟ ڕوو لە کام لە پیرۆزان دەکەیت؟ | 1 |
قېنى، ئىلتىجا قىلىپ باق، ساڭا جاۋاب قىلغۇچى بارمىكىن؟ مۇقەددەسلەرنىڭ قايسىسىدىن پاناھ تىلەيسەن؟ |
قین گێل دەکوژێت و بەغیلیش ساویلکە دەمرێنێت. | 2 |
چۈنكى ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى ئۆزىنى ئۆلتۈرىدۇ، قەھرى ناداننىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ. |
من گێلێکم بینی ڕەگی داکوتا، بەڵام لەناکاو ماڵەکەی بە نەفرەت کرا: | 3 |
مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن ئەخمەقنىڭ يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرگەنمەن؛ لېكىن شۇ ھامان ئۇنىڭ ماكانىنى «لەنەتكە ئۇچرايدۇ!» دەپ بىلدىم، |
با کوڕەکانی لە ئاسوودەیی بەدوور بن، لە دادگا تێکبشکێنرێن و کەس فریایان نەکەوێت. | 4 |
ئۇنىڭ بالىلىرى ئامانلىقتىن يىراقتۇر؛ ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىدا سوت قىلىنغاندا باستۇرۇلدى؛ ئۇلارغا ھېچكىم ھىمايىچى بولمايدۇ. |
دروێنەکەیان کەسانی برسی دەیخۆن، ئەگەر لەناو دڕکیش بێت هەر دەیبەن، تینووش سامانەکەی هەڵدەقورتێنێت، | 5 |
ئۇنىڭ ھوسۇلىنى ئاچلار يەپ تۈگىتىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا تىكەن ئارىسىدا قالغانلىرىنىمۇ ئېلىپ تۈگىتىدۇ؛ قىلتاقچىمۇ ئۇنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى يۇتۇۋېلىشقا تەييار تۇرىدۇ. |
چونکە بەڵا لەناو خۆڵەوە دەرناچێت و چەرمەسەریش لە زەوییەوە ناڕووێت. | 6 |
چۈنكى ئاۋارىچىلىك ئەزەلدىن توپىدىن ئۈنۈپ چىقمايدۇ، كۈلپەتمۇ يەردىن ئۆسۈپ چىققانمۇ ئەمەس. |
بەڵام مرۆڤ بۆ چەرمەسەری لەدایک دەبێت، وەک چۆن پریشکی ئاگر هەڵدەستێت. | 7 |
بىراق ئۇچقۇن يۇقىرىغا ئۇچىدىغاندەك، ئىنسان كۈلپەت تارتىشقا تۇغۇلغاندۇر. |
«بەڵام ئەگەر من لە جێی تۆ بوومایە داوام لە خودا دەکرد و کێشەی خۆمم دەدایە دەست ئەو. | 8 |
ئورنۇڭدا مەن بولسام، تەڭرىغىلا مۇراجىئەت قىلاتتىم، مەن ئىشىمنى خۇدايىمغىلا تاپشۇرىۋېتەتتىم. |
ئەوەی کارە مەزنەکانی کردووە کە ناپشکێنرێن و کارە سەرسوڕهێنەرەکان کە لە ژماردن نایەن. | 9 |
ئۇ ھېسابسىز كارامەتلەرنى، سان-ساناقسىز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ. |
ئەوەی باران بەسەر ڕووی زەویدا دەبارێنێت و ئاو بۆ سەر ڕووی دەشتودەر دەنێرێت. | 10 |
ئۇ يەرگە يامغۇر تەقدىم قىلىدۇ؛ ئۇ دالا ئۈستىگە سۇ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. |
ئەوەی بێفیزەکان بەرزدەکاتەوە، هەروەها خەمبارەکان بەرەو دڵنیایی دەبات. | 11 |
ئۇ پەس ئورۇندا تۇرىدىغانلارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ؛ ماتەم تۇتقانلار ئامانلىققا كۆتۈرۈلىدۇ. |
ئەو تەگبیری تەڵەکەبازان پووچ دەکاتەوە بۆ ئەوەی هیچ کارێک لەسەر دەستی ئەوان سەرکەوتوو نەبێت. | 12 |
ئۇ ھىيلىگەرلەرنىڭ نىيەتلىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار ئىشىنى پۈتتۈرەلمەيدۇ. |
ئەوەی داناکان بە فێڵبازی خۆیانەوە دەگرێت، ڕاوێژی تەڵەکەبازان ڕادەماڵێت. | 13 |
ئۇ مەككارلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىدىن تۇزاققا ئالىدۇ؛ ئەگرىلەرنىڭ نەيرەڭلىرى ئېقىتىپ كېتىلىدۇ. |
لە ڕۆژدا تاریکی بەسەریاندا دێت، لە نیوەڕۆشدا بە پەلکوتان دەڕۆن وەک بە شەو. | 14 |
كۈندۈزدە ئۇلار قاراڭغۇلۇققا ئۇچرايدۇ؛ چۈشتە تۈن كېچىدەك سىلاشتۇرۇپ ماڭىدۇ. |
ئەو نەدار لە دەمی خراپەکار و لە دەستی ستەمکار ڕزگار دەکات. | 15 |
بىراق ئۇ مىسكىنلەرنى مەككارلارنىڭ قىلىچى ۋە ئاغزىدىن قۇتقۇزىدۇ، ئۇلارنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇدرەتلىك قولى بىلەن قۇتقۇزىدۇ. |
جا زەلیل بە هیوا دەبێت و ناڕەوا دەمی دادەخات. | 16 |
شۇڭا، ئاجىزلار ئۈچۈن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ، قەبىھلىك ئاغزىنى يۇمىدۇ. |
«سەرزەنشتکردن لەلایەن خوداوە بەرەکەتە، لەبەر ئەوە تەمبێکردنی خودای هەرە بەتوانا ڕەت مەکەرەوە. | 17 |
قارا، تەڭرى ئىبرەت بەرگەن ئادەم بەختلىكتۇر، شۇڭا، ھەممىگە قادىرنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما جۇمۇ! |
لەبەر ئەوەی ئەو بریندار دەکات و برینیش ساڕێژ دەکات، وردوخاش دەکات و بە دەستەکانی خۆی دەیگرێتەوە. | 18 |
چۈنكى ئۇ ئادەمنى يارىلاندۇرىدۇ، ئاندىن يارىنى تاڭىدۇ؛ ئۇ سانجىيدۇ، بىراق ئۇنىڭ قوللىرى يەنە ساقايتىدۇ. |
لە شەش بەڵا ڕزگارت دەکات و لە حەوتەمیش خراپەت لێ ناکەوێت. | 19 |
ئۇ سېنى ئالتە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزىدۇ؛ ھەتتا يەتتە كۈلپەتتە ھېچقانداق يامانلىق ساڭا تەگمەيدۇ. |
لە قاتوقڕیدا لە مردن دەتکڕێتەوە و لە جەنگیشدا لە دەمی شمشێر. | 20 |
ئاچارچىلىقتا ئۇ سېنىڭ ئۈلۈمىڭگە، ئۇرۇشتا ئۇ ساڭا ئۇرۇلغان قىلىچ زەربىسىگە نىجاتكار بولىدۇ. |
لە خەنجەری زمان پارێزراو دەبیت، کە وێرانە ڕووت تێ دەکات ناترسیت. | 21 |
سەن زەھەرلىك تىللارنىڭ زەربىسىدىمۇ باشپاناھلىق ئىچىگە يوشۇرۇنىسەن، ۋەيرانچىلىق كەلگەندە ئۇنىڭدىن ھېچ قورقمايدىغان بولىسەن. |
بە وێرانی و قاتوقڕی پێدەکەنیت و لە ئاژەڵە دڕندەکان ناترسیت، | 22 |
ۋەيرانچىلىق ۋە قەھەتچىلىك ئالدىدا كۈلۈپلا قويىسەن؛ يەر يۈزىدىكى ھايۋانلاردىنمۇ ھېچ قورقمايسەن. |
چونکە لەگەڵ بەردەکانی دەشتودەر پەیمانت دەبێت و ئاژەڵە کێوییەکان ئاشتیت لەگەڵ دەبەستن. | 23 |
سەن دالادىكى تاشلار بىلەن ئەھدىداش بولىسەن؛ ياۋايى ھايۋانلارمۇ سەن بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ. |
جا دەزانیت کە ڕەشماڵەکەت سەلامەتە و سەرژمێری ماڵەکەت دەکەیت و هیچت ون نەبووە. | 24 |
سەن چېدىرىڭنىڭ تىنچ-ئامانلىقتا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن؛ مال-مۈلكۈڭنى ئېدىتلىسەڭ، ھەممە نېمەڭنىڭ تەل ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. |
ئەو کاتە دەزانیت کە منداڵت چەند زۆر دەبن و نەوەکانت وەک گیای زەوی دەبن. | 25 |
نەسلىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىڭنىڭ ئوت-چۆپتەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. |
لەوپەڕی تەندروستیدا دەچیتە ناو گۆڕەوە وەک هەڵگرتنی کۆڵێک لە کاتی خۆیدا. | 26 |
سەن ئۆز ۋاقتىدىلا يېتىلىپ يىغىلغان بىر باغ بۇغدايدەك، پەقەت ۋاقىت-سائىتىڭ پىشىپ يېتىلگەندىلا يەرلىكىڭگە كىرىسەن. |
«ئێمە لەمە وردبووینەوە و بینیمان کە ڕاستە، جا تۆش گوێ بگرە و لە ژیانی خۆتدا پەیڕەوی بکە.» | 27 |
بىز ئۆزىمىز بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرگەنمىز ــ ئۇلار ھەقىقەتەن شۇنداقتۇر. شۇڭا ئۆزۈڭ ئاڭلاپ بىل، بۇلارنى ئۆزۈڭگە تەتبىقلاپ ئويلاپ باق». |